بىكار نەرسە يوق - دىنىمنى ئۆگىنىمەن - مەرىپەت تور بېكىتى - Powered by Discuz!

مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 1383|ئىنكاس: 2

بىكار نەرسە يوق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

87

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  915
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 26
تۆھپە : 20
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2017-2-21 20:26:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.يۈسۈپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-21 20:28  
, r7 @- L+ @4 B8 n' _- {5 L' |7 U; s# ?& f
مۇھەممەد يۈسۈپ

" [; L. L+ y6 F; ^) a8 Y( V. s
كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ ھېچبىرى بىكارغايارىتىلغان ئەمەس. بەلكى ھەر نەرسە بېرەر ھېكمەت ۋە بېرەر مەقسەت بىلەنيارىتىلغاندۇر.
كائىناتقا نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددى شەيئىلەردىن باشلاپ، يۇقىرىسى  ئىنسان، ئۆسۈملۈكلەر ئالەمى، ھايۋاناتلارئالەمى ۋە باشقا ئالەملەردىكى ھەر نەرسىنىڭ مۇكەممەل ئىنتىزام ۋە ئاجايىپ ھېكمەتبىلەن يارىتىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىنساننى ئالايلى، ئىنسان باشتىن ئاخىر پەقەتھېكمەتلەر مەجمۇئەسىدۇر.

3 E/ h# U+ l( l2 C/ T
(1) تۈكۈرۈك
' |2 y9 D) {* B3 R& k4 k2 p4 y
ئىنسان ئېغىزىنىڭ ئىچىدە يۈرىدىغان تۈكۈرۈكنىبىز  ئېغىزدا پەيدا بولىدىغان ۋە يەرگەتۈكۈرۈپ ئېتىلىدىغان بىر خىل سۇ دەپلا بىلەتتۇق. ئەمما ئىلىم ـ پەن ئاشۇ سۇنىڭيەنى تۈكۈرۈكنىڭ ئېغىزىمىزدىكى 3 ئورۇندىن چىقىپ 3 تۈرلۈك خىزمەت ئىشلەيدىغان ۋە 3خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان سۇ ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە. بەلكى بۇنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن سىز بىلەن مەنمۇ بىلمەيتتۇق.ئېغىزىمىزدىكى تۈكۈرۈكنىڭ ئۆتەيدىغان 3 تۈرلۈك ۋەزىپىسىنىڭ بىرىنچىسى، تەم بېرىشيەنى يېگەنلىرىمىزدىن تەم ۋە تات ئېلىشىمىز تۈكۈرۈكنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئەمەلگەئاشىدۇ. ئىككىنچىسى، تۈكۈرۈك يېمەكلەرنى يۇتىشىمىز ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قىلىدۇ.تۈكۈرۈك سايىسىدا بىز ھەرقانداق قاتتىق نەرسىلەرنىمۇ ئوڭايلا يۇتالايمىز.ئۈچىنچىسى،  تۈكۈرۈك  يېمەكلىرىمىزنى چاينىغىنىمىزدا  ئۇنى يۇمشىتىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.

) g4 F. r, H9 D( O9 \" {# k
نورمالدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدا كۈنىگە1 لېتىر بىلەن 1.5 لېتىر ئارىسىدا تۈكۈرۈكيىغىلىدۇ. مۇندىن باشقا، ئېغىز كۈندىلىك ئۇنىڭغا تاشقىرىدىن كىرىدىغان مىڭلارچەمىكروبلارنى پەقەت تۈكۈرۈك سايىسىدىلا ئۆلتۈرۈپ تۇرىدىغان ئورگاندۇر. چۈنكى،تۈكۈرۈك تەركىبىدە «سولفۇسىيا نورۇن»دەپ ئاتىلىدىغان مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈشخۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددا باردۇر. تۈكۈرۈك بولمايدىغان بولسا، بىز يېگەننەرسىلەردىن ھېچقانداق تەم ئالالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق. يەنە تۈكۈرۈك تەركىبىدە«فوسفور» ماددىسى بولۇپ، ئۇ چىشلارنىڭ پارلاقلىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرشخۇسۇسىيىتىگە ئېگە ماددىدۇر. تۈكۈرۈك تەركىبىدە يەنە «فولور» ماددىسى بولغانلىقىئۈچۈن ئۇ چىشلارنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
0 Y2 ]( Q! E) }7 a4 x( C" A
(2) سوقۇر ئۈچەي
8 Q5 g. e' _! ?9 g! }
ماتېرىيالىزمچىلار سوقۇر ئۈچەينى دەسلەپكىمايمۇننىڭ قالدۇقى  ۋە ھېچ ئەھمىيىتىبولمىغان بىر ئارتۇق ئورگان، دەپ تەرىپلىگەنىدى. سوقۇر ئۈچەي ـ قېلىن ئۈچەي بىلەنئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئارىسىدىكى بىر ئورگاندۇر. زامانىمىزدىكى پەن ـ تېخنىكىنىڭسايىسىدا بۇ ئورگاننىڭمۇ بىكارغا يارىتىلمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق رولىبار ئىكەنلىكى كەشىپ قىلىنغان. بۇرۇن بىئولوگىيە ئالىملىرى سوقۇر ئۈچەيلىرىنىئېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ھېچبىر سەلبى تەسىر كۆرمىگەن ھالدا بېجىرىم ئۆمۈرسۈرىۋاتقانلىقىنى  كۆرۈپ، سوقۇر ئۈچەيبولمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقان . كېيىنكى يىللاردا، سوقۇر ئۈچەيلىرىنىئېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قېلىن ئۈچەي راكىغا ئۇچرىغانلىقى كۆرۈنۈشكە باشلىغان.چۈنكى سوقۇر ئۈچەي مېكروبلارغا قارشى ماددىلارنى ئۆزىدىن چىقىرىشى ئارقىلىقۋۇجۇتتىكى ئەڭ كۆپ مىكروب قوبۇل قىلىدىغان ئورگان ـ قېلىن ئۈچەينى مىكروبلار بىلەنزەھەرلىنىشتىن قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

1 [+ o! Q$ M$ f' ?- z# l" Q
(3) ئاغرىق

) ?; o( u  C. Y2 K4 f, v8 V9 [
ھېچبىر ئاغرىق ھېس قىلمىساق نېمە دېگەنياخشى بولاتتى ھە!  1942 ـ يىلى SrTomas.L ئەپەندى ئاغرىق ھەققىدە سۆزلەپ: «ئاغرىقنىڭ تولۇقتەرىپىنى سۆزلەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر» دېگەنبولسا، 1969ـ يىللىرىدا ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دوكتۇر Sargent.M  ئاغرىق توغرۇلۇق «ئاغرىقنىتەرىپلەش كېرەكسىز بىر ئىشتۇر. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى  ئۇبدان بىلىدۇ» دېگەنىكەن.
3 h! f: V; g/ n
ئىنسانلار تەرىپىدىن ھېچقانداق ئەھمىيىتى ۋەھېكمىتى يوق دەپ بىلىنگەن ئاغرىق تۇيغۇسى بولمىغان بولسا، ئۆزىمىزنىڭ كېسەلبولغىنىمىزنى نەدىن بىلەر ئىدۇق؟ ھالبۇكى، ئاغرىق بىكارغا ھېس قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭھېس قىلىنغانلىقى ۋۇجۇتتا چوقۇم غەيرى نورمال بېرەر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭسىگنالى ئەمەسمۇ؟!
5 R1 D9 z. c# D0 X! X$ {
ئاغرىقنى ھېس قىلىش بولمىغان بولسائۆزىمىزنى ساغلام دەپ چۈشىنىپ، كېسەللىك ئېغىرلىشىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدىغاندەرىجىگە يېتىپ قالغاندا، ياكى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنىبىلگەن بولار ئىدۇق. ئەمما ئاغرىقنى ھېس قىلىش سايىسىدا بىز بېرەر ئاددىكېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنىمۇ ھامان ھېس قىلىمىز ـ دە، داۋالىنىشقا ئالدىرايمىز.مەسىلەن: چىشىمىز ئاغرىغاندا ئۇنىڭ چىرىگەنلىكىنى بىلىمىز ۋە دەرھال داۋالىنىمىز.ئەگەر ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى قوللىنىش بىلەن كۇپايە قىلىپ،چىش دوختۇرىغا بارماي يۈرىۋەرسەك ئۆزىمىزگە زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز. چۈنكى،چىشلارنىڭ مىكروب سەۋەبى بىلەن چىرىيدىغانلىقى ۋە ئاغرىيدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئۇنىۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، چىشلاردىن ئۆتىدىغان قان تومۇرلىرى ئارقىلىق بۇ جايدىكىمىكروبلار ئاستا ـ ئاستا پۈتۈن ئورگانلارغا تارقىلىدۇ. نەتىجىدە، بەزىئورگانلاردا، خۇسۇسەن يۈرەكتە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئاغرىق بولمىغانبولسا، بىز نە چىشىمىزنىڭ مېكروبلانغانلىقىنى، نە باشقا ئورگانلىرىمىزنىڭكېسەللىككە يۈز تۇتقانلىقىنى بىلەلمىگەن بولاتتۇق. دېمەك، ئاللاھ ھېچ نەرسىنىھېكمەتسىز، بىكارغا ياراتقان ئەمەس!
' q' Y/ P9 F6 B( \% W2 {( A4 Q


0

تېما

0

دوست

137

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 71
تۆھپە : 20
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2017-3-10 00:51:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن


0

تېما

0

دوست

91

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  932
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 29
تۆھپە : 20
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2017-10-15 12:03:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-8-21 06:57 , Processed in 0.059955 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش