مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 792|ئىنكاس: 0

غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈك چۈشەنچىسى (5) (مەرىپەت ژورنىلى 3-بەت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 106
تۆھپە : 20
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2017-3-12 16:35:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  • ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى


ئالدىنقى ساندا تالۇتنىڭ قىسسىسى ۋە ئۇنىڭدىن يەكۈنلەنگەن قىممەتلىك دەرس ۋە مۇھىم ساۋاقلار ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. ئاللاھ خالىسا، نۆۋەتتىكى ساندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ئۈستىدە توختىلىمىز.

تۆتىنچى مىسال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
جەڭ مەيدانلىرىدا دۈشمەنلەرنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلىش كۆرۈنۈشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىدا، توغرا يول تۇتۇپ ماڭغان خەلىپىلەرنىڭ ۋە سائادەت دەۋرىدىكى قوماندانلارنىڭ دۈشمەنلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىدا ناھايىتى ئوچۇق نامايان بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، مۇئمىنلەرنى ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ ھەرىكەت ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە باشلايدۇ، ساھابىلىرىنى ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. قۇرەيشلەرنىڭ تىجارەت يوللىرىنى تارايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتكە تەييارلىنىۋاتقان قەبىلىلەرنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ قويۇش، مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئەتراپقا قوشۇن ئەۋەتىشكە تۇتۇش قىلىدۇ، ساھابىلىرىنى ئۇرۇشقا رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىنكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك قىلىپ تەييارلايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋەتكەن بۇ قوشۇنلار تۆۋەندىكىدەك مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ:
1-مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەتراپىدىكى ۋە مەككىگە بارىدىغان يوللارنى، بولۇپمۇ قۇرەيشلەرنىڭ تىجارەت كارۋانلىرى ماڭىدىغان يوللارنى ياخشى بىلىش ۋە يول بويلىرىغا جايلاشقان قەبىلىلەر بىلەن تونۇشۇش.
2-قۇرەيشلەرنىڭ شام بىلەن بولغان تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى توسۇش ئارقىلىق قۇرەيشلەرنىڭ ئىقتىسادىي يولىنى تارايتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتراپنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتەتتى، تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ھەر قانداق يىغىلىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان ئۈستىگە باستۇرۇپ باراتتى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالاتتى. ھۇجۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئەسى ئىدى.
3-مۇئمىنلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇلارغا قارىتا يامان نىيەتتە بولۇۋاتقان قەبىلىلەرنى توختام تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىش.
جەڭ مەيدانلىرىدا دۈشمەنلەرنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمنىلەرنىڭ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ئەڭ ياخشى مىسالدۇر. بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ يەردە پەقەت ئۇ زات ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، مۇئمىنلەر غەلىبىگە ئېرىشكەن ۋە «قۇرئان كەرىم»دە مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇرۇشلار ئۈستىدىلا توختىلىمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، توغرا يول تۇتۇپ ماڭغان خەلىپىلەرنىڭ ۋە سائادەت دەۋرىدىكى قوماندانلارنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قىلغانلىقى ئەلۋەتتە غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
بەدرى ئۇرۇشى، خەندەك ئۇرۇشى، مۇرتەدلەر ئۇرۇشلىرى ۋە ئىسلام ئازادلىق ئۇرۇشلىرى قاتارلىقلار جەڭ مەيدانلىرىدا دۈشمەنلەرنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان مۇھىم ئۇرۇشلاردۇر.

بەدرى ئۇرۇشى
بەدرى ئۇرۇشى دۈشمەنلەر مەغلۇپ بولۇپ، مۇئمىنلەر غەلىبە قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )ئاللاھ سىلەرگە بەدرىدە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قورالىڭلار ئاز ئىدى). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.([①]
بۇ ئايەت كەرىمە بىزگە، ھەقىقىي غەلىبىنىڭ پەقەت ئاللاھتىنلا بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قولدىن كېلىشىچە سەۋەب قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، لېكىن سەۋەبلەر بىلەن ئالدىنىشقا ۋە مەغرۇرلىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى، سەۋەبلەرگە ئەمەس، بەلكى سەۋەبلەرنى ياراتقان ئاللاھقىلا تايىنىش لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ.
بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈنى مۇشرىكلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە توپا ئېتىلىشى قاتارلىقلارنى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىش ئارقىلىق، مۇئمىنلەرگە ياردەمنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: )(ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) مۇشرىكلارنى سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۇئمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى.([②]
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى بەدرىدىكى غەلىبىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمەتنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشقا، بۇ غەلىبىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللىرىنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: )ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، مۇشرىكلارنىڭ تالان-تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە (غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) ھالال نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى.([③]
بەدرى ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرى ناھايىتى چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:
1-مۇشرىكلارنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ نامايان بولۇشى ۋە ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئالدىدا ھەيۋىسىنىڭ چۈشۈشى.
2-ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ھەممە تەرەپ كۆز تىكىدىغان يېڭى بىر كۈچنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى.
3-مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە مۇناپىقلارنىڭ ھەسەتلىرى ئۆرلەپ، مۇئمىنلەرگە ئەزىيەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى.
4-يەھۇدىييلارنىڭ مۇئمىنلەرگە ھەسەت ۋە دۈشمەنلىكلىرىنى ئاشكارىلىشى. ھەسەت ۋە دۈشمەنلىكلىرىنى تۈنجى بولۇپ ئاشكارىلىغانلار بەنى قەينۇقا يەھۇدىيلىرىدۇر.
5-مۇئمىنلەر بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئارىسىدا رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلىنىشى.
6-مەدىنىدە مۇسۇلمان بولۇش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە قۇراللىق جىھاد ھەرىكىتى تەييارلىقىنىڭ جانلىنىشى.
7-بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىززەت-ھۆرمىتى ئېشىپ، ياشلاردا كېيىنكى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىش كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى.

خەندەك ئۇرۇشى
خەندەك ئۇرۇشىدىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بوران ۋە پەرىشتىلەردىن ئىبارەت كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىشى بىلەن مۇتلەق غەلىبە قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىدۇ:
1-مۇئمىنلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىتىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.([④]
2-دۈشمەنلەر مەدىنە مۇنەۋۋەرەنى ھەممە تەرەپتىن قورشىۋالغان سەۋەبتىن مۇئمىنلەرگە يەتكەن غەم-ئەندىشىلەرنى بەدىئىي ئۇسلۇبتا تەسۋىرلەپ بېرىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار.([⑤]
3-مۇناپىقلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ناچار ئەخلاقلىرىنى پاش قىلىپ بېرىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار: ›ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن› دېيىشەتتى.([⑥]
4-مۇئمىنلەرنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.([⑦]
5-مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىدا راستچىل ۋە ۋاپادار بولۇپ، دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا مەيدانىنى ئالقىشلاش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا سۇباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق.([⑧]
6-ياخشى ئاقىۋەتنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان مۇئمىنلەرگە، مەغلۇبىيەتنىڭ زالىم كاپىرلارغا بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىنى بايان قىلىپ بېرىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )ئاللاھ كاپىرلار (يەنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇن) نى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ (بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىپ) مۇئمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.([⑨]
7-بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى مۇستەھكەم قورغانلىرىدىن چۈشۈرۈپ، مۇئمىنلەرنى خۇرسەن قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىنى بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىييلىرىنى) قۇرغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. (ئۇلارنىڭ) بىر بۆلىكىنى ئۆلتۈردۈڭلار ۋە بىر بۆلىكىنى ئەسىر ئالدىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، قۇرۇ-جايلىرىنى، مال-مۈلۈكلىرىنى ۋە (تېخى) سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار دەسسەپ باقمىغان زېمىننى مىراس قىلىپ بەردى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.([⑩]
خەندەك ئۇرۇشى ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ئىسلام قوشۇنى تۆۋەندىكىدەك مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ:
1-مۇئمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلىشى، دۈشمەنلەرنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەستىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇشى.
2-مۇئمىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى مۇداپىئەلىنىشتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆزگەرتىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەمدى ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلالمايدۇ، بەلكى بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بېرىپ، ھۇجۇم قىلىمىز.»[11]
3-بۇ ئۇرۇشنىڭ بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى پاش قىلىشى. چۈنكى ئۇلار ئەڭ قىيىن بىر شارائىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان توختامنى بۇزغان ئىدى.
4-بۇ ئۇرۇشنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىدىكى راستچىللىقىنى، مۇناپىقلارنىڭ ۋە بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ رەزىللىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىشى.
5-بۇ ئۇرۇشنىڭ بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى. بەنى قۇرەيزە ئۇرۇشىدا ئەڭ قىيىن بىر شارائىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان توختامنى بۇزغان يەھۇدىيلاردىن ھېساب ئېلىنغان ئىدى.

مۇرتەدلەر ئۇرۇشلىرى
مۇرتەدلەر ئۇرۇشلىرىمۇ ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم ئۇرۇشلاردىن بولۇپ، بۇ ئۇرۇشلاردا ئىسلام قوشۇنى غەلىبە قىلىپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئىززەت-شەرىپىنى قوغدايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئەرەب قەبىلىلىرى ئىسلامدىن يېنىۋالغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:
بىرىنچى تۈرىدىكىلەر ئىسلام دىنىدىن پۈتۈنلەي چىكىنگۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ چىققان تەلھە بىن خۇۋەيلىد ئەلئەسەدىي دېگەن ئادەمگە ئەگەشكەن تەي، ئەسەد، غەتەفان، زىبيان ۋە فەزارە قەبىلىلىرىدىن، مۇسەيلەمە ئەل كەززابقا ئەگەشكەن ھەنىفە قەبىلىسىدىن، ئەسۋەد ئەلئەنسىيغا ئەگەشكەن يەمەنلىكلەردىن ئىبارەت.
ئىككىنچى تۈرىدىكىلەر زاكات بېرىشنىڭ پەرزلىكىگە ئىنكار قىلىپ، زاكات بېرىشتىن باش تارتقانلار بولۇپ، ئۇلار مالىك بىن نۇۋەيرە يېتەكچىلىكىدىكى تەمىم ۋە ھەۋازىن قەبىلىسى قاتارلىق قەبىلىلەردىن ئىبارەت.[12]
بۇ تۈردىكىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ھەققىدە ساھابىلەر ئارىسىدا دەسلەپتە ئىختىلاپ يۈر بەرگەن بولۇپ، كېيىن ئۇلار ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زاكاتنىڭ پەرزلىكىگە ئىنكار قىلىپ، زاكات بېرىشتىن باش تارتقان بۇ مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىش پىكىرىگە قوشۇلىدۇ.
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلام قوشۇنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى مۇرتەدلەنى مەغلۇپ قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ:
1-مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ناھايىتى سەزگۈر بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى نامايان قىلىش. مۇرتەدلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئەتراپتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ياخشى كۆزىتىپ، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈپ تۇرۇۋاتقان سەزگۈر بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ كۈچ ئەتراپىغا ياخشى كىشىلەرنى يىغىپ، بارلىق توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدۇ ۋە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشۇپ، مۇسۇلمانلار بىرلىكىنى، ئىسلام خەلىپىلىكىنى ياخشى ھىمايە قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان مۇرتەدلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ، ئۇلار ئىمانىدا راستچىل، نىيىتىدە خالىس، ئۇرۇش مەيدانىدا سۇباتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.
2-يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە بۇتپەرەسلەردىن ئىبارەت يوشۇرۇن سۈيىقەست پىلانلاۋاتقان يامان نىيەتلىك كۈچلەرنى تارمار قىلىش. بۇ ئۇرۇشلار مۇرتەدلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش لازىملىقى ھەققىدە مۇھىم دەرس ۋە پىرىنسىپ بولىدۇ.
3-پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنى كۇفرى قاراڭغۇلىقىدىن ئىسلام نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بازا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى. بۇ ئۇرۇشلاردىن كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلى پۈتۈن دۇنياغا ئىسلام تارقىتىش بۇلىقى بولىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە، جىھاد ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يۈرگۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردە تەجرىبىلىك سەرخىللەرگە ئايلىنىدۇ.
4-ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشلار سەۋەبلىك بۆلىنىپ كەتكەن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىر نىزام ۋە بىر رەھبەرلىك ئاستىغا يىغىش. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلام قوشۇنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاخىرى مۇرتەدلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، چۇۋالچاق ھالەتتىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىر نىزام ۋە بىر رەھبەرلىك ئاستىغا يىغىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ.
5-يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسلام ئازادلىق ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن ئىلاھىي تەييارلىق بولۇش. بۇ ئۇرۇشلار ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ بىلىملىك، ئاڭلىق ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، كېلەچەك ئىسلام ئازادلىق ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن ياخشى ئۇل ھازىرلايدۇ.
6-ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىدارىي ئىشلىرىنى رەتكە سېلىش. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇرتەدلەر ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىنى ۋىلايەتلەرگە ئايرىپ باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇپ، مەككە مۇكەررەمەگە ئىتاب ئىبنى ئۇسەيدنى، تائىفقا ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاسنى، سەنئاغا مۇھاجىر ئىبنى ئەبۇ ئۇمەييەنى، ھەزرەموتقا زىياد ئىبنى لەبىيدنى، خۇلانغا يەئلا ئىبنى ئۇمەييەنى، زەبىيد ۋە رەقە رايونلىرىغا ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىنى، نەجرانغا جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھنى، جەرىشقا ئابدۇللاھ ئىبنى نۇرنى، بەھرەينگە ئەلا ئىبنى ئەلھەزرەمىينى، ئۇمانغا ھۇزەيفە ئەلقەلئانىينى، يامامىگە سەلىيت ئىبنى قىيسنى ئەمىر قىلىپ تەيىنلەيدۇ. [13]

ئىسلام پەتىھلىرى
مۇرتەدلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنلىرى دۇنياغا ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، ئىراق ئۇرۇشلىرىغا خالىد ئىبنى ۋەلىد ۋە مۇساننا ئىبنى ھارىسە قاتارلىقلار قوماندانلىق قىلىدۇ، رىم ئۇرۇشلىرىغا ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ قوماندانلىق قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، خەلىپىلىككە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە، مۇسۇلمانلار يەرمۇك ئۇرۇشىدا رىملىقلار ئۈستىدىن، مەدائىن ئۇرۇشىدا ئىرانلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، شام دىيارىدا رىم ئىمپىراتۇرلۇقىنى، ئىراندا كىسرا ئىمپىراتۇرلۇقىنى يىقىتىپ، خەلقنى كۇفرىنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئازات قىلىدۇ.
كېيىنكى ئىسلام قوشۇنلىرىمۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلاردا ئىلگىرىكى قوماندانلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ مېڭىپ، تارىختا مىسلىسىز غەلىبىلەرگە ئېرىشىدۇ. ھىجرىيە 479-يىلى «زىلاقە ئۇرۇشى» دا يۈسۈپ ئىبنى تاشفىين قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى خىرىستىيانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، ھىجرىيە 583-يىلى «ھىتتىين ئۇرۇشى» دا يەنە خىرىستىيانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سالاھىدىن ئەييۇبىي قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى بەيتۇلمۇقەددەسنى ئازات قىلىدۇ.
غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ سەۋەب، شەرت ۋە قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلغانلار تارىختا دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ كەلدى. ئۆزلىرىدە غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەنلەرنىڭ غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدا شەك يوق!
__ داۋامى كېيىنكى ساندا...


[①] سۈرە ئال ئىمران: 123- ئايەت.
[②] سۈرە ئەنفال: 17- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[③] سۈرە ئەنفال: 26- ئايەت.
[④] سۈرە ئەھزاب: 9- ئايەت.
[⑤] سۈرە ئەھزاب: 10- ئايەت.
[⑥] سۈرە ئەھزاب: 12- ئايەت.
[⑦] سۈرە ئەھزاب: 21- ئايەت.
[⑧] سۈرە ئەھزاب: 23- ئايەت.
[⑨] سۈرە ئەھزاب: 25- ئايەت.
[⑩] سۈرە ئەھزاب: 26-، 27- ئايەتلەر.
[11] البخاري، كتاب المغازي، باب غزوة الخندق (5/58) رقم 4109.
[12] الحكمة في الدعوة إلى الله ص (220).
[13] إتمام الوفاء في سيرة الخلفاء للشيخ محمد الخضري ، ص59، 60.





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-17 01:38 , Processed in 0.100628 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش