مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 911|ئىنكاس: 0

پىكرىي ئوخشىماسلىقلار زىددىيەتكە ئېلىپ بارمىسۇن (11-بەت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 106
تۆھپە : 20
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2017-3-12 16:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  • ئابدۇلئەھەد ھاپىز ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ھەرخىل پىكىر قىلىدىغان ۋە ھەرخىل ئويلايدىغان، خىلمۇخىل ئاڭ، تالانت ۋە قابىلىيەت ئاتا قىلغان. بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا «فىترەت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )بۇ ئاللاھنىڭ فىترىتى بولۇپ، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەشۇ فىترەت بىلەن ياراتقان.([1]ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىش قابىلىيىتى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئاڭ-سەۋىيەسى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىلەرگە قارىتا كۆزقاراشلىرىدا ئوخشاشماسلىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. مەيلى دۇنياۋى ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى دىنىي مەسىلىلەردە بولسۇن، تارىختىن بېرى ئىنسانلار ھەرخىل قاراش ۋە پىكىردە بولۇپ كەلمەكتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق داۋام قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارمۇ بۇ تۇغما فىترەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ئوخشاش بولمىغان پىكىر ۋە كۆزقاراشلاردا بولۇپ كەلمەلتە.
    دېمەك، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما بۇ ئىختىلاپلارنى بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش ۋە بىر-بىرىگە دۈشمەن بولۇشنىڭ ئامىلى قىلىۋېلىش ئەڭ چوڭ بالا ۋە ئېغىر پالاكەتتۇر.ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇرۇن ھەنەفى، شافىئى، مالىكى ۋە ھەنبەلىدىن ئىبارەت تۆت مەزھىپى بار ئىدى. بۇ مەزھەپلەر ئارىسىدىمۇ ئىختىلاپلار بار ئىدى. لېكىن ھەربىر مەزھەپكە مەنسۇپ بولغان مۇسۇلمان باشقا مەزھەپتىكىلەرنىڭ يولىمۇ ھەق، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ھەق يولدا دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى «ئەھلى سۈننەت» دېگەن بايراق ئاستىدا بىرلىشەتتى ۋە بىر-بىرىنى قېرىندىشىم دەپ بىلەتتى، دۈشمەنلەشمەيتتى. پۈتۈن مۇسۇلمانلار تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم ياشايتتى. دۈشمەنلەرمۇ ئۇلارغا ئالدىراپ چېقىلالمايتتى. شۇڭا ئۇلار يەر شارىنىڭ ھەر تەرىپىگە تاراپ ئىسلام دەۋىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن يەرلەرنى فەتھى قىلغان. كېيىنكى ئەسىرلەردە دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا پىتنە سېلىپ، پارچىلاش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ يوقىتىش پىلانىنى ئىشقا سېلىپ، مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ، بىر-بىرى بىلەن كېلىشەلمەيدىغان، ئىتتىپاقلىشالمايدىغان قىلىپ قويدى. مانا مۇشۇ پارچىلىنىش نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ئاجىزلاشتى. ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ كۆپ قىسمى دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.
    ھەر يەردە مۇسۇلمانلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، بولۇپمۇ ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن كاپىرلار خەلقئارالىق كۈچ بىرلىكى تەشكىللەپ، پىلانلىق ھالدا ھۇجۇم قىلىۋاتقان، بۇ ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىكى ئېغىر زۇلۇمنى يوقىتىش، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئىسلام تۇپراقلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش، ئاللاھنىڭ دىنىنى ھەممە دىندىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، بىرلىك كۈچكە، ئىتتىپاقلىققا، ھەمكارلىققا ئەڭ كۆپ مۇھتاج بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئىسىملىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدىغان مەزھەپلەر، ئېقىملار، جامائەتلەر، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا چىققىلى تۇردى. ھەربىر شەيخنىڭ قارىشى بىر مەزھەپ، ھەربىر ئالىمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىر جامائەت بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى پارچىلاپ، بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان، بىر ئىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشالمايدىغان، ھەقىقىي دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى ئېقىتىلىۋاتسىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان، يوقىلاڭ مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار بىلەن بىر جامائەتكە مەنسۇپ بولغان مۇسۇلمان باشقا جامائەتكە مەنسۇپ بولغان قېرىندىشىنى كاپىر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، كاپىرنى ئۆلتۈردۈم دەپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
    بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنى مەيلى دۆلەت ياكى جامائەت سەۋىيەسىدە بولسۇن، دۈشمىنىگە قارشى قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئاجىز، بىچارە ئىنسانلار يىغىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ دۇنياۋى مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ئۆزىنىڭ دۇنياۋى مەنپەئىتىگە دەخلى يىتىپ قېلىشتىن قورقۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنمايدىغان، ئۇلارنى ھىمايەت قىلمايدىغان، كاپىرلارنىڭ زۇلۇملىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ سۇكۇت قىلىپ، قاراپ تۇرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر يەردە مۇسۇلماننىڭ قېنى تۆكىلىدىغان، ھەر يەردە مۇسۇلمان زۇلۇمغا ئۇچرايدىغان بولدى.
    بىر-بىرىمىزگە ھەمدەم بولۇپ، بىرلىك كۈچ بولغان ۋاقتىمىزدا ھېچكىم بىزگە تەڭ كېلەلىگەن ئەمەس. ئۇ چاغدا بىز بىر تەرەپتىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى پەتھى قىلغان بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن گۈزەل ئەخلاقىمىز ۋە مەدىنىيىتىمىز بىلەن پۈتۈن دۇنياغا ئۇستاز بولۇپ، ئىلىم-پەن تارقاتقان ۋە ئىنسانىيەتكە مەدەنىيەت ئۆگەتكەن ئىدۇق. بۇنىڭغا بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخمىز گۇۋاھ. بىر ئاللاھقا، بىر پەيغەمبەرگە، بىر قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ھەر كۈنى بەش قېتىم بىر قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغان مۇئمىنلەر تۇرۇپ، قاچانكى ئوتتۇرىمىزغا ئىختىلاپ، بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش كىردى، كۈچىمىز ئاجىزلىققا، غەلىبىمىز مەغلۇبىيەتكە ئايلاندى؛ دۈشمىنىمىزگە يەم بولدۇق؛ ھېساپسىز بەدەللەر تۆلىدۇق؛ دۆلەتلىرىمىز قولىمىزدىن كەتتى، كۈچ-قۇۋۋەت ئاچ كۆز، مۇستەبىت، زالىملارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنى بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئاللىبۇرۇن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلار بىلەن توقۇنۇشماڭلار. بولمىسا يېڭىلىپ قالىسىلەر، كۈچۈڭلار ۋە دۆلىتىڭلار قولۇڭلاردىن كېتىدۇ...([2]
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىر-بىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھەسەت قىلماڭلار، ئۆزئارا دوستلۇقۇڭلارنى بۇزماڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار.»[3]پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن كېيىن كاپىرلىققا قايتىپ بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار.»[4]بۇ ھەدىسنى سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى ئەزاسى دوكتۇر ئابدۇللاھ مۇتلەق مۇنداق ئىزاھلايدۇ: مەندىن كېيىن بىر-بىرىڭلارنى كاپىرلىققا چىقارماڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، ئاراڭلاردا ئۇرۇش چىقىپ بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈسىلەر.
    كونىلىرىمىزنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار:مەن سەن بولدۇم، سەن مەن بولدۇڭ،ھەم مەن بولدۇم، ھەم سەن بولدۇڭ.مەن مەن بولدۇم، سەن سەن بولدۇڭ،نە مەن بولدۇم، نە سەن بولدۇڭ.
    جەمئىيەت ئەسلىدە بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ. ھەربىرى ئايرىم فۇنكسىيىلىك، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئەزالىرىمىز ساغلام بىر گەۋدىنىڭ تەلىبىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، بىر-بىرىگە ماسلاشقان ھالدا، ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ساغلام بىر جەمئىيەتنىڭ داۋام قىلالىشى ئۈچۈن، ئۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان ئوخشىمىغان قابىلىيەتلەر بىلەن يارىتىلغان ئەزالار ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى لازىم. بەدەندىكى ئەزالارنىڭ قايسىبىرى فۇنكسىيىسىنى ۋە ئۆزىدىن كۈتۈلگەن ماسلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان دەرىجىدە ئاغرىپ قالسا، باشقا پۈتكۈل ئەزالارنى بىئارام قىلىپ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىدۇ. جەمئىيەت ھاياتىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ۋە راھەت بولۇشى ئۈچۈن لازىم بولغان ۋەزىپىسىنى ۋە كۈتۈلگەن ھەمكارلىقنى ئادا قىلالمىغان ئەزا ۋە گۇرۇپپىلارمۇ جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ مەنىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق ئىخچام بايان قىلغان: «مۇئمىنلەر بىر-بىرىنى دوست تۇتۇشتا، بىر-بىرىگە مەرھەمەت قىلىشتا ۋە بىر-بىرىگە ھىسداشلىق قىلىشتا خۇددى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەننىڭ قايسىبىر ئەزاسى ئاغرىسا قالغان ئەزالار ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىپ قېلىش بىلەن ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىدۇ.»[5]
    ئۈممەتنى بىرلىكتە تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسە نېمە؟بىر جەمئىيەتنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ جەمئىيەت ئەزالىرى بولغان خىلمۇخىل خاراكتىردا يارىتىلغان شەخسلەرنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشى لازىم. ئۇنداقتا جەمئىيەتنى بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق ئىچىدە مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟ ئۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەر:1- ئىمان:شۇ بىر ھەقىقەتكى، ھەر مىللەتنىڭ بىرلىكىنى ساقلايدىغان ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بار. ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەرمۇ بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بىر جەمئىيەتكە مەنسۇپلۇق ئۇنسۇرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مۇھىمى ۋە ئاساسلىق بولغىنى ئىماندۇر.ئىمان جەمئىيەت ئەزالىرى بولغان شەخسلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان ۋە ئورتاق قىممەتكە ئىگە بولغان ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۇلىدۇر.ئىمان بىرلىكتە ياشاش، بىر-بىرىگە تايىنىش بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.([6]ئىماننىڭ مەنىسى ئىسلامدا ئىشىنىش تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرگە چىن ئىشىنىش بولغاندەك، مۇئمىنلەر بىر-بىرىگە ئىشىنىش، ئىشەنچ قىلىش دېگەن مەنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئىشىنىش يوقالسا، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق يوقىلىدۇ ۋە «قۇرئان كەرىم»دە «ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يامان» دەپ سۈپەتلەنگەن «پىتنە» ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. پىتنە جەمئىيەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتىنى نابۇت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بالادۇر. بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق ۋە ۋەيرانچىلىق قاتارلىقلار مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى پىتنىلەرنىڭ تۈپەيلىدىن بولماقتا.2- ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا چىڭ ئېسىلىش:«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفلەر مۇئمىنلەرنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بولۇشىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق يوقالسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسىرلىك ئىپادىلەر بىلەن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: )ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۇنمەڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىللىرىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن قېرىنداش بولدۇڭلار...([7] بۇ يەردە ھەممىمىز بىرلىكتە ئېسىلىشقا بۇيرۇلغان «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى» كىشىنى ئاللاھقا باغلايدىغان ۋاسىتە ۋە يولباشچى «قۇرئان كەرىم» بولۇپ، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلغاندا ھەممىمىز بىرلىشەلەيمىز، بىرلىكتە ياشىيالايمىز؛ ئاجىز يىپلارنى توپلاپ ئەشكەندە كۈچلۈك ئارغامچا بولغاندەك، مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ چوڭ بىرلىك كۈچ بولالايمىز.3- ئەھلى سۈننەت يولىدىن ئايرىلماسلىق:ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلغان ۋاقتىمىزدا مەيدانغا كېلىدىغان بىنا، ئېتىقادىمىزنىمۇ ئىش-ئەمەللىرىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر گەۋدە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىنى بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلساق ۋە ئۇ ئارغامچىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ساھابە كىراملارنىڭ يولىدىن ماڭساق، جامائەت ھالىتىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلالايمىز، قىيىنچىلىقلىرىمىزنى بىرلىكتە ھەل قىلالايمىز. كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، دۈشمىنىمىزنى تىترىتىپ، بېشىمىزنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، مۇسۇلمانلىق غۇرۇرىمىز بىلەن تىنچ-ئامان ياشىيالايمىز. مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ھەقىقىي ئېسىلغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. «ئەھلى سۈننەت» دېگەن مانا مۇشۇدۇر. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە پىتنە، پارچىلىنىش، بۆلۈنۈش يۈز بەرسە، بۇ ئۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلمىغانلىقتىن بولىدۇ.بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلى نېمە؟ دېگەن بىر سوئال كەلسە، بۇنىڭ جاۋابىنى «قۇرئان كەرىم» مۇنداق بېرىدۇ: )ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، ئاجىزلىشىپ قالىسىلەر، كۈچ _ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ،  چىداملىق بولۇڭلار، چۈنكى ئاللاھ چىداملىق بولغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.([8]
    بۇ ئايەتتە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ يەنى جامائەت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئۈچ پىرىنسىپى بايان قىلىنىدۇ:بىرىنچى، ئاللاھ تائالاغا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش. يەنى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىف نېمىنى ئەمر قىلغان بولسا–بولۇپمۇ نەپسىمىزگە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلاردا-ئۇنى جان-دىل بىلەن ئىجرا قىلىش، نېمىدىن توسقان بولسا، ئۇنىڭدىن قەتئىي يېنىش. يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە «مۇتلەق بويسۇنۇشتۇر»تۇر.ئىككىنچى، ئىختىلاپلاشماسلىق. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئوتتۇرىمىزدىكى ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنى باھانە قىلىپ بىر-بىرىمىزنى ئەيىبلەش، رەنجىتىش، دۈشمەنلىشىش ۋە بىرلىكىمىزگە-ئىتتىپاقلىقىمىزغا دەخلى_ تەرۇز يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقتۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق بېشىمىزغا ئايەت ئاگاھلاندۇرغان يامان ئاقىۋەت كېلىدۇ، يەنى بىر-بىرىمىز بىلەن ئىختىلاپلىشىپ بۆلىنىدىغان بولساق، ئىچىمىزدە قورقۇش يۈز بېرىپ، كۈچ-قۇۋۋىتىمىز، دۆلىتىمىز قولىمىزدىن كېتىدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۈگۈنكى ھالى مۇشۇ ئايەتكە ئەمەل قىلماسلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.
    ئۈچىنچى، سەۋر قىلىش. جامائەت يەنى جەمئىيەت ھالىتىدە بىرلىكتە ياشىغاندا، ھەر تۈرلۈك سەلبىي ئەھۋاللار، خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلار، مۇشەققەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، جەمئىيەت ئىچىدە پىتنىگە سەۋەب بولماسلىق ئۈچۈن سەۋر قىلساق، ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھمىتى ۋە ياردىمى بىز بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «جامائەتنى چىڭ تۇتۇڭلار، بۆلۈنۈشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى شەيتان يالغۇز كىشى بىلەن بولىدۇ، ئىككى كىشىدىن يىراق قاچىدۇ. كىم جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالىسا، جامائەتكە مەھكەم ئېسىلسۇن. كىمكى ياخشىلىقى ئۇنى خۇرسەن قىلىپ، يامانلىقى بىئارام قىلسا، ئەنە شۇ ھەقىقىي مۇئمىندۇر...»[9]
    بۇ ھەدىس مەسىلىنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە جىددىيلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى، ئىھسانى ۋە ياردىمى جامائەتنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ.ھەممىمىزنىڭ ناھايىتى ياخشى بىلىشىمىز لازىم بولغان بىر ھەقىقەت بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيادا قويغان «سۈننەتۇللاھ» دەپ ئاتىلىدىغان قانۇنىيىتىگە كۆرە ئىش قىلىشتۇر. بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپ ئىش قىلغاندا ھېچكىم غەلىبە قىلالمايدۇ. بۇ دۇنيادا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەپ ياشايدۇ. ھايۋانلار ئالىمىدىمۇ قانۇن مۇشۇ، ئىنسانىيەت ئالىمىدىمۇ قانۇن مۇشۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاشنى خالىغان كىشى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. بولمىسا، كۈچلۈكلەرگە يەم بولىدىغان گەپ. شۇڭا ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار كۈچۈڭلار كېتىپ قالىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. كۈچ كېتىپ قالسا ھەق-ھوقۇقمۇ كېتىدۇ، دۆلەت، مال-مۈلۈكمۇ كېتىدۇ، دىنمۇ كېتىدۇ، ئىززەت، شەرەپ ھەممە نەرسە كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا قۇللۇق، خورلۇق، ئىزىلىش، زۇلۇم ۋە باشقا بالا-مۇسىيبەتلەرنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ. تۈركچىدە «يىقىلغاننى ھېچكىم يۈلىمەيدۇ» دەيدىغان ماقال بار. يىقىلماي پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزنى كۈچ توپلاشقا-كۈچلۈك بولۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: )دۈشمىنىڭلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى ۋە جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر...([10]
    ئايەتتىكى «قورقۇتىسىلەر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بەزىلەرنىڭ چۈشەندۈرگىنىدەك، ئۇ يەردە بۇ يەردە بومبا پارتىلىتىپ، كاپىرلارنى قۇرقۇتۇڭلار دېگەن بولمايدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى سەييىد قۇتۇب دېگەندەك: كۈچ توپلاپ ھەر قانداق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇڭلاركى، دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چېقىلىشتىن قورقسۇن؛ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىسۇن، دېگەن بولىدۇ. [11] كۈچ، بىرلىشىش بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئىككى دانە بىرنى ئايرىم-ئايرىم ئىشلەتسەك (1، 1) ھەر بىرى بىرنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئەمما ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەك (11) ئون بىرنى ئىپادىلەيدۇ. نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى ماشىنىلارنى سۆرەيدىغان يوغان ئارغامچىلار بىر كىلو نەرسىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ئاجىز يىپلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىنىدۇ.
    ئەمدى ھەممىمىز بىردەك ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىشىمىز كېرەك. بىر-بىرىمىزنى دوس تۇتىشىمىز، كەمچىلىكلىرىمىزنى كەڭ قورساقلىق بىلەن كەچۈرىشىمىز، كېلىشەلمەسلىكلىرىمىزگە خاتىمە بېرىشىمىز، ئىختىلاپلارنى تاشلاپ ئىتتىپاقلىشىشىمىز، كۆزقاراشلارنىڭ ئوخشىماسلىقىنى بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىشنىڭ سەۋەبى قىلىۋالماسلىقىمىز، بىرلىك كۈچ بولۇشىمىز لازىم. بولمىسا نە راھەت نەپەس ئالالايمىز، نە كۆز ياشلىرىمىز توختايدۇ.دېمەك، ئاياغ ئاستى قىلىنغان ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قولىمىزغا ئالىمىز دېسەك، بىرلىك كۈچ بولۇشىمىز كېرەك!ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىمىز، ئۇنىڭ شەرىئىتىنى تەتبىقلايمىز دېسەك، بىرلىك كۈچ بولۇشىمىز كېرەك!ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ۋە غەلىبىسىگە ئېرىشىمىز دېسەك، بىرلىك كۈچ بولۇشىمىز كېرەك!ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ قىلغان دۇئالىرىمىز قوبۇل بولسۇن دېسەك، بىرلىك كۈچ بولۇشىمىز كېرەك!دەپسەندە قىلىنغان ئىززەت ۋە شەرىپىمىزنى قايتىدىن تىكلەيمىز دېسەك، بىرلىك كۈچ بولۇشىمىز كېرەك!ئىشغال قىلىنغان زېمىنلىرىمىزنى ئازات قىلىمىز دېسەك، بىرلىك كۈچ بولۇشىمىز كېرەك!زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇپ ھۆر ياشايمىز دېسەك، بىرلىك كۈچ بولۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا يول يوق!
    بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتەيلىكى، بىز بۇ يەردە جامائەتچىلىككە ياكى جامائەتلەرگە قارشى چىقماقچى ئەمەس. چۈنكى كىشىلەر ئۆزى ياقتۇرغان بىر لىدېرنىڭ ئارقىسىدا بىرلىشىپ، بىر جامائەت بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بىز پەقەت جامائەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلار تۈپەيلى پارچىلىنىپ، بىر-بىرىنى يامان كۆرىدىغان، بىر جامائەتنىڭ مەنسۇبى باشقا جامائەتنىڭ مەنسۇبىنى ئازغۇن-كاپىر دەپ قارايدىغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرماقچىمىز. سىياسىي جامائەت بولسۇن، جىھادىي جامائەت بولسۇن، تەبلىغ جامائىتى بولسۇن، ئۈممەتنىڭ ھەممە جامائەتنىڭ خىزمىتىگە ئىھتىياجى بار. ھەر جامائەت ئىسلامنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغان خىزمەتلىرىنى قىلىۋەرسە، باشقىلارنى ئەيىپلىمىسە، تىللىمىسا، دۈشمەنلىك قىلمىسا، ئۈممەتنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ ئىشىدەك ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا، ھېچقانداق مۈشكۈللۈك يوق.
    ئاخىرىدا ئاللاھ تائالنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدىكى مۇقەددەس كالامىنى ئەسلىتىش بىلەن سۆزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز:)ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، ئاجىزلىشىپ قالىسىلەر، كۈچ _ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ،  چىداملىق بولۇڭلار، چۈنكى ئاللاھ چىداملىق بولغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.([12])ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۇنمەڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىللىرىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن قېرىنداش بولدۇڭلار...([13]، )ئۆزلىرىگە رۇشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنۈپ پارچىلانغانلارغا ئوخشاش بولماڭلار. ئەنە شۇنداقلار ئۈچۈن كاتتا ئازاب باردۇر.([14]
    [1]سۈرە رۇم: 30- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.[2]سۈرە ئەنفال: 46- ئايەت.[3] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.[4]ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.[5] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.[6]سۈرە ھۇجۇرات: 10- ئايەت.[7] سۈرە ئال ئىمران: 103- ئايەت.[8]سۈرە ئەنفال: 46- ئايەت.[9]ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: ھەسەن، سەھىھ، غەرىب. بۇ ھەدىس باشقا يوللاردىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان.[10]سۈرە ئەنفال: 60- ئايەت.[11]فى زىلالىل قۇرئان، سۈرە ئەنفالنىڭ 60- ئايىتىنىڭ تەپسىرىگە قاراڭ.[12]سۈرە ئەنفال: 46- ئايەت.[13]سۈرە ئال ئىمران: 103- ئايەت.[14]سۈرە ئال ئىمران: 105- ئايەت.






كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-16 19:37 , Processed in 0.117714 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش