مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 2054|ئىنكاس: 0

«قۇرئانچىلار» ۋە ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە (19-بەت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

201

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 116
تۆھپە : 20
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2017-3-12 16:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   meripet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-3-12 16:46  

  • مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇرئانچىلار ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى

قۇرئانچىلار "ھەدىس شەرپنى قويۇپ تۇرۇپ، قۇرئان بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز"  دەپ «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭدىن يالىڭاچلاپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزلىرى بىلگەنچە، ئۆز خاھىشى بويىچە تەئۋىل ۋە تەپسىر قىلماقچى بولىدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە راستچىل تەرجىمانى بولغان سۈننەتنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، «قۇرئان كەرىم» ھەركىم ئۆزى خالىغانچە تەپسىر ۋە تەئۋىل قىلالايدىغان مۇداپىئەسىز بىر كىتابقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يامان نىيەتلىك كىشىلەر «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۆز خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرۈپ مۇسۇلمانلارنى يولدىن چىقىرىدۇ.

تارىخشۇناسلار قۇرئانچىلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردىكى خاۋارىجلارغا باغلايدۇ. چۈنكى سۈننەتنى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغانلار دەل شۇ چاغدىكى خاۋارىجلار بولۇپ، ئۇلار زىنا قىلغۇچىنى جازالاشقا ۋە ئاياغقا مەسھى قىلىشقا قارشى چىققان، بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغان ئىدى. چۈنكى خاۋارىجلار شۇ زامانلاردا «بىزگە قۇرئان كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈۋېلىپ ھەدىسنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى. ئەمما قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ يىلتىزى سېسىپ تۈگەشكەن، ئىسلام دۇنياسىدا بۇ پىكىرنىڭ نام-نىشانىسىمۇ قالمىغان ئىدى.

ئۇلار مىلادىيە 13 -ئەسىردە ئىراقتا يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ناھايىتى تېز، ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى. كىيىنكى چاغلاردا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەستايىدىل پىلانلىشى ئارقىسىدا 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى ھىندىستاندا سەر سەييىد ئەھمەد بىلەن مەۋلىۋى چىراغ ئەلى ھەدىس ئىنكارچىلىقىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسا، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پاكىستاندا، ئەسلەم جىراجپۇرى ۋە چودىرى غولام پەرۋىز دېگەن كىشىلەر شۇلارنىڭ تۆرەلمىلىرىگە ئايلانغان. ئەرەب ئەللىرىدە مۇھەممەد تەۋفىق سىددىقىي، مۇھەممەد ئىسئاف ئەننەشا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇش سىياسىتىگە خىزمەت قىلىدىغان ۋە شۇلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شەخسلەر ئىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆلىمالارنىڭ ئەجەللىك رەددىيەلىرى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ غەزەپلىك نەپرىتى بىلەن شەرمەندىلەرچە مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىغان. ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئانچىلارنىڭ بۇ كۇفرىلىقىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمىغان، ئۇلارغا ئەجەللىك رەددىيەلەرنى بەرگەن ۋە «قۇرئان كەرىم»نى سۈننەتتىن ئايرىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان.

ئەمدىلىكتە بولسا، قۇرئانچىلار ئىلگىرىكىدەك ئاشكارا مەيدانغا چىقالماي، مەخپى ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، دىنىي سەۋىيسى بىرقەدەر ئاجىز بولغان، ئىسلام ئەللىرىدە يىلتىز تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھەرىكەت پىلانى ئىلگىرىكىدەك ھەدىسنى ئاشكارا ئىنكار قىلىشنىڭ ئەكسىچە ھەدىسنى ئېتىراپ قىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ئەھكام (قانۇن) قىسمىغىلا ھۇجۇم قىلىپ، ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنىپ، بەلگىلىنىپ بولغان ئەھكاملاردىن قۇسۇر تېپىش، قايتا ئىجتىھاد قىلىشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتى بولمىغان مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مۇسۇلمانلار ئىچىدە پىتنە تېرىىش، بۇ مۇددىئاغا خىزمەت قىلىدىغانلا كىشىگە سەۋىيە سۈرۈشتە قىلماستىن، تەتقىقاتچىلىق تاجىنى كەيدۈرۈپ، بىر تۈركۈم گۇمانخور ھەدىس قاتىللىرىنى مەيدانغا چىقىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەدىسنىڭ ئايرىلماس مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشقا يول ئېچىش، جۈملىدىن مۇستەملىكىچى ئەجنەبىيلەرنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەدىسكە بولغان مۇقەددەس ئىشەنچىسىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.

«قۇرئانچىلار»نىڭ يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى نامايەندىلىرى مىسىردا ئەھمەد سۈھبى مەنسۇر، تۈركىيەدە ئابدۇلئەزىز بايىندىر قاتارلىقلاردۇر...


ھەدىس ئىسلام قانۇنىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەنبەسىدۇر
ھەدىس (ياكى سۈننەت) «قۇرئان كەرىم»دىن قالسا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق دەستۇرى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەھكاملىرىنى شەرھىلىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانىدۇر. «قۇرئان كەرىم»دىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى شەرھىلەيدىغان ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە سۈننەتتۇر. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلارغا ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، نامازنى قانداق، قانچە ۋەقت ۋە قايسى ۋاقىتلاردا ئوقۇشنى بايان قىلمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگە تايىنىپ ئۆز سۈننەتلىرى ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۈجمەللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناماز ۋە باشقا ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە تەرتىپلىرى، سانى ۋە ئادا قىلىنىش ۋاقىتلىرىنى بىكىتكەن. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار»  دەپ ئۆگەتكەن. زاكات، روزا، ھەج ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرمۇ شۇنداق.

«بىز قۇرئانچىلارمىز»، «بىز پەقەت قۇرئانغىلا تايىنىمىز»، «قۇرئان ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشىغان، ئاڭلىنىشى چىرايلىق، يامان نىيەتلىك كۆزدە تۇتۇلغان شۇئارلارنى توۋلاپ يۈرگۈچىلەر ئىسلام دىنىغا زىيانكەشىلىك قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمىسا كېرەك. بۇ سۆزلەر«باتىل مەقسەت قىلىنغان ھەق سۆز»لەردۇر. چۈنكى «بىز قۇرئانچىلارمىز» دېگەن سۆز، ھەق سۆز. چۈنكى ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان قۇرئانچىدۇر. ئۇ قۇرئاننى سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ سۆزنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسلارنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار بۇ چىرايلىق سۆزى ئارقىلىق ھەممە كىشى بىلىدىغان ھەقىقەتنى ئەمەس، بەلكى باتىلنى مەقسەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇ باتىل قايسى دېگەندە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىدىكى مەقسەت-مۇددىئالارنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇناسىپ رەۋىشتە شەرھلەپ بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە بولغان سۈننەتنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، قۇرئاننى ئۆز خاھىشلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، خالىغانچە تەئۋىل ۋە تەپسىر قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت، نىجىس مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر! سۈننەتنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىمانى قوبۇل ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىر زامان كېلىدۇكى، بىراۋ ساپاغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ھەدىسلىرىمدىن بىرەر ھەدىس ئوقۇلغىنىدا، «سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان بار، ئۇنىڭدا ھالال دېگەنلەرنى ھالال، ھارام دېگەنلەرنى ھارام دەپ بىلسەك بىزگە يېتىدۇ» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان ئىشلارمۇ ئاللاھ ھارام قىلغانغا ئوخشاشتۇر!»  .

قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىپ، سۈننەتتىن بىھاجەت بولىمىز دېگەن دەۋا بىلەن ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلارمىز» دەپ ئاتىۋالغۇچىلار ئەمەلىيەتتە قۇرئانچىلار ئەمەس. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى پەرز قىلغان. يەنى )كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى (ئىتائەتتىن) باش تارتىدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق(. «قۇرئان كەرىم» بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇشقا بۇيرۇغا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقۇچىلارنىڭ ئىمانىنى يوق سانىغان. )(ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە دىللىرىدا قىلچە غۇم قالماستىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.(  
«قۇرئان كەرىم» سۈننەتتىن بىھاجەت بولالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: )بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەنلەرنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ چۈشۈردۇق( دېگەن. ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى قۇرئان ۋە سۈننەت ئىككىسى بىلەن بەرپا بولغان بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ سۈننەتكە بولغان ئېھتىياجى بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئېھتىياجلاردىن بىرىدۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى ساھابىلەرنىڭ زامانىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بۇ ئىككى مەنبەنى ئىسلام دىنىنىڭ يادروسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ كەلمەكتە. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم. بۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتساڭلار ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيسىلەر. ئۇلار: قۇرئان ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

سۈننەت «قۇرئان كەرىم»دىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى شەرھىلەپ بەرگۈچى، مۇجمەللىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ بەرگۈچى بىردىنبىر مەنبەدۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى «قۇرئان كەرىم»دە ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قائىدە-تەرتىپىنى، قانداق ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلمىغان. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايان قىلىپ بېرىشىگە تاپشۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدىلىرىنى، ئۇنىڭ رەكئەت سانىنى، زاكاتنىڭ مىقدارىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە ھەدىسلىرى ئارقىلىق بايان قىلىپ بەرگەن. شۇنىڭدەك، نۇرغۇن ئەھكاملار سۈننەت ئارقىلىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر سۈننەت بولمايدىغان بولسا، بىز ئاللاھ تائالاغا قانداق ئىبادەت قىلىشنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققىنى قانداق ئادا قىلىشنى نەدىن بىلەر ئىدۇق؟

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار كاپىرلاردۇر
ئىبنى ھەزم  «ئەل ئىھكام فى ئەل ئەھكام» ناملىق ئەسىرىدە: «كىمكى بىزگە ‹قۇرئان› يېتىدۇ، قۇرئاندىكىلەرنىلا ئالىمىز دەيدىكەن، مۇنداق ئادەم پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ» دېگەن. ئاجىرى  «شەرىئەت» ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 412-بېتىدە مۇنداق دېگەن: «‹قۇرئان كەرىم›دىكى پەرزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. بۇ بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقىسىنى سۆزلىگەن ئادەم ئىسلام مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇشتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ ۋە كۇففارلاردىن سانىلىدۇ».

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى ئىبنى باز مۇنداق دېگەن: «سۈننەتكە ھاجىتىمىز يوق دېگۈچىلەر مۇرتەد بولغان شەكسىز كاپىرلاردۇر. چۈنكى سۈننەتكە ئىنكار قىلغانلىق قۇرئانغا ئىنكار قىلغانلىق، قۇرئان بىلەن سۈننەت ئىككىسىنىڭ قايسىبىرىگە ئىنكار قىلغان ئادەم پۈتۈن ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ»  .

ھەدىسلەرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە
قۇرئانچىلارنىڭ «ھەدىسلەر ئارىسىدا يالغان ھەدىسلەرمۇ ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن، ھەدىسقا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزى ئىسلام ئۆلىمالىرى، خۇسۇسەن ھەدىسشۇناس ئالىملار تەرىپىدىن كەسكىن رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇنلۇق سۆز ئەمەس. ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەدىسلەر ئىچىدىن راست ھەدىسلەرنى تاللاپ چىقىرىش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، يالغان ۋە شۈبھىلىك ھەدىسلەرنى ئاللىبۇرۇن پاش قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدىلا رەت قىلغان. ئىسلام دۇنياسىدا بۈگۈنگىچىلىك «يالغان ھەدىسلەر» دېگەن نام بىلەن يېزىلغان يۈزلەرچە ئەسەرلەر بۇنىڭ مىسالى.

يىراق ئۆتمۈشلەردىن زامانىمىزغىچە ھەدىس نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان ھەرقانداق يالغان ياكى شۈبھىلىك ھەدىسلەر رەت قىلىنىپ كەلمەكتە.
مۇھەددىس(ھەدىسشۇناس) ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇب قىلىنغان ھەدىسلەر ئىچىدىن راست-يالغانلىرىنى، ئىشەنچلىك ۋە ئىشەنچسىزلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلاشتا ساھابىلەرنىڭ زامانىدىن زامانىمىزغا قەدەر ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى ياراتقان كىشىلەردۇر. دۇنيا تارىخىدا مۇھەددىس ئالىملارنىڭ ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلىشتا قوللانغان مېتود ۋە پىرىنسىپلىرىنى ھېچقانداق بىر مىللەت، ھېچقانداق بىر ئىلىم ساھەسىدە قوللانغان ئەمەس. دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىننىڭ مەنبەلىرى «قۇرئان كەرىم» بىلەن سۈننەت ساقلانغاندەك ساقلانغان ئەمەس ۋە بۇ ئىككىسى يېتىپ كەلگەندەك ئەينەن يېتىپ كەلگەن ئەمەس. مۇھەددىسلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىنى تولۇق بايان قىلىش ئۈچۈن تىل ئاجىز، كىتاپ يېتەرسىز قالىدۇ.

زامانىمىزدىكىگە ئوخشاش ئالاقە ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، ئېنتېرنېتكە ئوخشىغان ئىزدېنىش قورالى بولمىغان ئۆتمۈشتىكى زامانلاردا مۇھەددىس ئالىملار بار ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ، دۆلەتتىن دۆلەتكە ئاتلاپ يۈرۈپ، ھەدىس بىلىدىغان ئادەملەرنى ئىزدەپ، ھەدىس توپلاش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋاقتىنى قۇربان قىلغانلىقى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ خىزمەت ئىدى. مۇھەددىسلەرنىڭ پېشۋاسى ئىمام بۇخارىنىڭ مەككە-مەدىنە شەھەرلىرىدە 16يىل تۇرۇپ ھەدىس توپلىغانلىقىمۇ بۇنىڭ مىسالى.
مۇھەددىسلەر بىرەر ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا، شۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زەنجىرسىمان باغلىنىش ياكى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرەرسىنىڭ راستچىللىقىدا ياكى تەقۋالىقىدا ئازراق شەك كۆرۈلگەن ھامان ئۇ ھەدىسنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەدىسنى ياكى قانداقلا بىر خەۋەرنى ئېنىقلاشتىكى ۋايىغا يەتكەن ئېھتىياتچانلىقىغا ۋە ئىنتايىن ھۇشيارلىقىغا ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان باشقا دىننىڭ ئالىملىرىمۇ قايىل بولۇپ كەلمەكتە.


[1]     ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.

[2]     ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.

[3] سۈرە نىسا:80- ئايەت .

[4] سۈرە نىسا: 65- ئايەت.

[5] سۈرە نەھل:44- ئايەت.

[6] ھاكىم رىۋايىتى.

[7] ئىبنى ھەزم – (384ھ994م) ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە)دە دۇنياغا كەلگەن، زاھىرى مەزھىبىنىڭپېشىۋاسى، فىقھ، ھەدىس، ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ۋە پەلسەپە ئىلملىرىدە ئەتراپلىقيېتىشكەن، ئىمام تەبەرىيدىن قالسا ئەڭ كۆپ كىتاپ يازغان، چوڭ ھەجىملىك 12 پارچەكىتابنىڭ ئاپتورى، ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىرى، تەقلىدچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەركىنپىكىر قىلىش ۋە «قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئىزچىل ئەگىشىش پىكرىنىجانلاندۇرغان، زالىم پادىشاھلارنىڭ مال – دۇنيا بېرىپ ئۆزلىرىگە تارتىشىغاكەلمىگەن، ئاتاقلىق ئالىم. ھىجرىيە 456 –يىلى شەبان ئاينىڭ 28 - كۇنى (مىلادىيە 1064–يىلى 15 – ئىيۇل) كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

[8] ئاجىرى – ئەبۇبەكرىمۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئابدۇللا ئاجىرى 280 ھ باغدادتا دۇنياغا كەلگەن مەشھۇرفىقھىشۇناس، ھەدىسشۇناس ئالىم، 10 پارچىغا يېقىن چوڭ ھەجىملىك كىتاب يازغان، 360-يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

[9] «پەتىۋالارمەجمۇئەسى» 2- توم 403- بەت .





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-6-23 12:45 , Processed in 0.065035 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش