مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 1061|ئىنكاس: 0

مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى ئەسلەيمەن (35-بەت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 106
تۆھپە : 20
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2017-3-12 16:51:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  • سىراجىدىن ئەزىزى
    «ئالىم ئۆلدى ئالەم ئۆلدى» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ بەرھەقلىقى مەخسۇم ھاجىمنىڭ نەۋقىران يېشىدا تۇيۇقسىزلا پانىي دۇنيا بىلەن خوشلىشىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى نامايەن قىلدى. خەلقىمىز خۇددى بېشىغا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندەك ئېغىر قايغۇغا چۆمدى. «ئۆلمىگىچە رەھمەتلىك بولالمايسەن» دېگەندەك، مەخسۇم ھاجىم قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇق مەرھۇمنىڭ نەقەدەر ئالىيجاناب، يۈكسەك ئەخلاق ئىگىسى، كەمتەر، تەمكىن، پاراسەتلىك شەخس ئىكەنلىكىنى بىزگە ئەسلەتتى.
    ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم يالغۇز بىر ئالەم ئىدى. بىز تونۇشقان 30 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ھەرقانچە ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئېغىر-بېسىق، تەمكىن، تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدىغان ئالىيجاناب خىسلىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. مەخسۇم ھاجىم خاراكتېرى كۈچلۈك، پىكرى ئۆتكۈر كىشى بولۇشىغا قارىماي ھەرقانداق ئىشتا ئەتراپىدىكىلەردىن مەسلىھەت سورىماي، پىكرىنى ئالماي قارار قىلمايتتى. «ئىنسان سەپەردە تونۇلىدۇ» دېگەن ھىكمەت بار، مەن مەرھۇم بىلەن 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى ياۋرۇپا سەپىرىدە بىرگە بولۇپ، سەككىز دۆلەتنى ئايلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدىم. سەپەر جەريانىدا ئەتراپتىكىلەرگە ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكى، ئالىيجاناپلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى چەگمەي، پىكرىنى تاڭماي، ھېچكىمنى يەكلىمەي، بەزى بۇرادەرلەر ئارىسىدا گەپ تالىشىپ ئىختىلاپ پەيدا بولسا، دەرھال ھەر ئىككى تەرەپكە خىزمەت ئىشلەپ، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ سەپىرىمىزنى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتۇرغانىدۇق.
    مەخسۇم ھاجىم ۋەتەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ، مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلاپ پاكىستاندا قىسقا بىر مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن مىسىرغا بېرىپ ئۆزى بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە مىسىردا ئوقۇۋاتقان تالىبۇل ئىلىملەرگە دەرس ئۆتۈپ، ئۇلارنى يېتەكلەش بىلەن مەشغۇل بولغاندىن باشقا، ئالاھىدە تىرىشىپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ياشلارنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇ خىزمەتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇقىم بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى مۇئەسسەسەلىشىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەتئەلدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلىشىپ، ئىدىيە خىزمىتى ئىشلەپ، بىر-ئىككى يىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا «مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ چىقىپ شۇ ئارقىلىق چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغان.
    ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مائارىپچىلىق، تەشكىللەش ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىرقانچە مۇستەقىل جەمئىيەت ۋە ۋەقپىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىنغاندىن تاشقىرى ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى يېتەكلەش، تەشكىللىنىش، مۇئەسسەسەلىشىشكە چاقىرىپ، كۆپلىگەن جەمئىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغانىدى. بۈگۈن ئەنە شۇ خىزمەتلىرى مېۋە بېرىپ، خەلقىمىز بىر يەرگە توپلىشپ، ئەۋلادلىرىنى دىنىي، مىللىي ساھەلەردە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى كۆپلەپ روياپقا چىقارماقتا.
    ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم دىنىي ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىپ، ئوقۇش ئارزۇسى بولغان ياشلارغا تەربىيە ئىشلەپ، يېتەكلەش خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچى دەپ بىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىن قايمۇقۇپ قالغان، دىنىي ۋە مىللىي خىزمەتلەردە يولىنى تاپالماي قالغانلارغا يول كۆرسىتىپلا قالماي ماددىي قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەل قىلسا، مەنىۋىي جەھەتتىن قايمۇقۇپ قالغانلارغا روھىي ئوزۇق بولۇپ، يېتەكلەپ ماڭاتتى. مۇھتاجلار بىلەن خەيرى-ساخاۋەتچىلەر ئارىسىنى باغلاشتا كۆرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھاجىتىدىن چىقاتتى.
    ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋەتەندە مەخپى مەدرىسىلەردە تالىولارغا دەرس بەرگەندەكلا ۋەتەندىن چىققاندىن بېرى يەنە تالىپلارغا دەرس ئۆگىتىشنى توختاتمىغانىدى. ئىستانبۇلنىڭ شۇنچە قىيىن شارائىتىدا بامداتتىن بۇرۇن ۋە بامداتتىن كېيىن بولۇپ، كۈنىگە بىرقانچە ئورۇندا يۇقىرى سەۋىيەلىك تالىپلارغا دەرس بېرەتتى. جامائەت ئىچىگىمۇ ئالاھىدە چۆككەن بولۇپ، جامائەت سورۇنلىرىغا قاتنىشاتتى، توي-تۈكۈن مۇراسىملىرىغا چاقىرىلسا دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ تەكلىپ قىلىنغان يەرگە ئىمكان بار بېرىشقا تىرىشاتتى.
    ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، جامائەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، گۇمانلىق، بەزى ئەخلاقسىز كىشىلەرگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى.
    ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ھاياتىدا ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقىقىي ئالىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مول بىلىمى، يۈكسەك پەزىلىتى، ئېسىل ئەخلاقى، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتەك ئالىيجاناپلىقى بىلەن ئۈلگە بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىزلەرگە ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھاياتىغا كېپىللىك قىلالمايدىغانلىقى، ئۆلۈم ياش-قېرى دېمەيدىغانلىقى، ئەجەل كەلسە جاننى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشتىن باشقا چارە يوقلىقىنى ئەسلەتتى. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ جايىنى جەننەت قىلسۇن. (ئامىن!)




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-17 01:35 , Processed in 0.118042 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش