مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 1936|ئىنكاس: 0

ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ۋە بېسىملار (38-بەت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

201

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 116
تۆھپە : 20
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2017-3-12 16:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  • ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن
    بۇ ماقالىنىڭ ئالدىنقى سانىدا بايان قىلىنغاندەك، 1069-يىلى باشلىنىپ، بىر نەچچە يۈز يىل داۋام قىلغان مەشھۇر «ئەھلىسەلىپ» قوراللىق ھۇجۇملىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىر-بىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان خىرىستىيانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئىسلام دۇنياسىغا قارشى بىرلىشىدۇ ۋە «پىكرىي مەيدانلاردا قورالىسىز جەڭ» لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. مەزكۇر «لايىھە» مۇسۇلمانلار ئارىسىغا پىلانلىق ھالدا بىر قانچە باسقۇچلۇق پىتنە ئىغۋا تارقىتىش، ئۇلارنى مەزھەپ ئىختىلاپلىرى پاتقىقىغا سۆرەپ ئەكىرىش، يېڭى نەسىل ئىسلام ئەۋلادلىرىنى ئىسلام تەلىماتلىرىنىڭ ھەقىقىي روھىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە ھەرخىل بۇزۇق پىكىرلەرنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەخپى پىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۈنىمىزغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر «پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىش» تەرتىپلىرى تۆۋەندىكىدەك 3 باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.
    1-«ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى» بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنقى «پىكرىي جەڭلەر» باسقۇچى بولۇپ، ئۇلار بۇ مەزگىلدە: شەرقشۇناسلار (ئىسلام بىلىملىرىنى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلار)نى تەربىيەلەپ چىقىدۇ. ئۇلار بار كۈچى بىلەن ئىسلام تەلىماتلىرىغا قەستەنلىك بىلەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ، بىر تەرەپتىن سوپىلىق تەرغىباتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى بېخۇتلاشتۇرۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىيئە مەزھىبىگە تەۋە ھەرخىل شەكىلدىكى تارماق مەزھەبلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئۇل سالىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى جىھادقا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پەلسەپە ۋە باشقا پىكرىي مەيدانلاردىكى ئايىغى چىقمايدىغان تالاش-تارتىش ۋە مۇنازىرىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئۇلار ھەرقانداق مەسىلىدە ئەقىلنى دىننىڭ ئالدىغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
    2-«ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى» ھۆكۈم سۈرگەن 625 يىللىق جەرياندىكى «پىكرىي جەڭلەر» باسقۇچى بولۇپ، ئۇلار بۇ مەزگىلدە: ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ باشقا دىندىكىلەرگە ئادىل بولۇش سىياسەتلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا، يۇقىرىدىكى رەزىل ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قويۇپ بېرىش تاكتىكىسى بويىچە تاشقى كۆرۈنۈشتە دوست كۆرۈنۈپ ، ئەمەلىيەتتە بولسا خەلىپىلىكنىڭ زاۋال تېپىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بارلىق رەزىل تاكتىكا ۋە پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. پۈتۈن غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پىكرىي مەيدانلاردىكى «قورالىسىز جېڭى»نىڭ ئاساسلىق نىشانى شانلىق تارىخقا ئىگە ئوسمانىيلار خەلىپىلىكنى ھىمايە قىلىدىغان تۈرك خەلقىدىن ئىبارەت بولۇپ، 1889-يىلى پارىژدا مەخپى قۇرۇلغان «بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيە»سى ئۆزلىرىنىڭ ئوسمانىيلار ھاكىمىيىتىگە قارشى بۇزۇق پىكىر-ئەپكارىنى تارقىتىش ئۈچۈن، بىلگىيە پايتەختى جەنۋەدە «ئوسمانىيلار» دېگەن ئىسىمدا ژۇرنال چىقىرىشقا باشلايدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن تەۋەلىكتە ناھايىتى تېز يىلتىز تارتقۇزۇلغان بۇ پارتىيە مەسئۇللىرى 1908-يىلىغا كەلگەندە بەزىبىر نارازىلىق نامايىشلار ۋە قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنى باھانە قىلىپ، سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىدنى ھاكىمىيەتنى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل ھىيلە-مىكىرلىرى ئارقىلىق، ئوسمانىيلار ھاكىمىيىتىنى يىقىتىش پىلانىدا غەلىبە قىلىدۇ.
    3-باسقۇچ، 1923-يىلى «ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن باشلاپ، كۈنىمىزگىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان پىكرىي مەيدانلاردىكى جەڭلەر باسقۇچى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇلار: سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەيدانلاردا شەكلى ئۆزگەرگەن ھەرخىل يېڭى جەڭلەر ۋە مەخپى ھۇجۇملارنى پىلانلايدۇ. بىر تەرەپتىن ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈپ، قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇلارنى مۇستەملىكە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن پىكرىي مەيدانلاردىكى قورالسىز جەڭلىرىنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساپ ئەقىدىسىنى، مەدەنىيەت ئېڭىنى، ئەخلاق نەزەرىيىسىنى ۋە باشقىمۇ بارلىق قىممەت قاراشلىرىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ. يېڭى نەسىل ئىسلام ئەۋلادلىرىنى غەربنىڭ پىكىرلىرىنى ئىختىيارى ھالدا ئۆزلىكىدىن قوبۇل قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا باشقىلارنى تەرغىب قىلىدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
    غەربنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان چوڭقۇر دۈشمەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بەزى شەرقشۇناسلارنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئەسلى رۇسىيىلىك فرانسىيەدە ئوقۇپ چوڭ بولغان ۋە لېۋاندا ياشىغان شەرقشۇناس: ماكسىم رودىنىسۇن ئۆزىنىڭ ئەرەبچە يازغان «ئىسلامنىڭ جەزب قىلىش كۈچى» ناملىق كىتابىدا مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئەڭ چوڭ خەتەر ئىسلامنىڭ ئىچكى قانۇن تۈزۈملىرى ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ياۋروپانىڭ باش ئاغرىقىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇنمۇ، ياۋرۇپا ئۈچۈن چوڭ بىر خەتەر ئىدى. چۈنكى ئۇلاردا كېڭەيمىچىلىك ۋە باشقىلارنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش كۈچى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغانلىقى ۋە بۇ دىنغا بىر قېتىم ئەگەشكەنلەر ئىككىنچى بۇ دىندىن قايتمايدىغانلىقى ئىدى. ئىلگىرى غەرب دۇنياسى «سېرىق دۇشمەن» دەپ ئاتالغان خىتايلار ۋە ياپۇنلاردىن قورقاتتى. كېيىنكى زامانلاردا كوممۇنىست سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەتىرىدىن قورقۇشقا باشلىدى. مانا ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەت دوستلىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھەقىقىي قورقۇشقا تېگىشلىك دۇشمەننىڭ رادىكال مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى.»شەرقشۇناس لورانس بىراۋۇن مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىسلامنىڭ مەخپى كۈچى ياۋروپانى قورقۇتۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇ پەقەتلا بىر دىندىن ئىبارەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا جىھاد بار، باشقىلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش بار، ئىسلام قانۇن تۈزۈملىرى ئىچىگە يۇشۇرۇنغان مەخپى كۇچ، غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ۋە ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا پۈتۈن ياۋروپا ۋە ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بىرلىكتە ئىسلام دىنىغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.»
    خۇلاسە قىلىپ ئيېتقاندا، غەرب ئەللىرى بۇندىن بىر نەچچە يۇز يىل بۇرۇن پۈتۈن ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان دىنىي ئىسلاھاتلارنىڭ ئوخشىشىنى ئىسلام دۇنياسىدىمۇ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىسلام دۇنياسىدىمۇ غەرب دۇنياسىنىڭ خىرىستىيان دىنىغا تۇتقان پۇزىتسىيىسىگە ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتىدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۇرۇش بىلەن بىرگە، «مەدەنىي ئىسلام» نەزەرىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. «مەدەنىي ئىسلام» نەزىرىيىسى: دىنىي ئىبادەتلەرنى مەسچىتلەرگە خاسلاشتۇرۇشقا، دىنىي ئەھكاملارنى ئۆرپ- ئادەتلەرگە ئايلاندۇرۇشقا، غەرب مەدەنىيىتىنى تۇلۇق قوبۇل قىلىشقا ۋە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن قارشىلاشماسلىققا چاقىرىدىغان يېڭى بىر نەزەرىيەدىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە تەۋە ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى (راند) بۇ ھەقتىكى باياناتىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ: ئىسلامنىڭ ئاساسى قۇرئان ۋە سۇننەتتىن كېلىدۇ. ئەمما ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتى ۋە تەقەززاسى «يېڭى زامان ئىسلام ئالىملىرى»نىڭ ئەقىلنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ تۇرۇپ، ئىلاھىي ۋەھىيلەرنىڭ مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ھازىرقى زاماننىڭ تەقەززاسى بىلەن سېلىشتۇرغان ۋە ئەقىل تارازىسى بىلەن ئۆلچىگەن ھالدا، ئىسلام دىنىنىڭ بەزى تەلىماتلىرى ھەققىدە ئىزدېنىپ، ئىجتىھاد قىلىشىنى، بولۇپمۇ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەيدانلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەقەززا قىلماقتا.بۇ قېتىمقى «مەدەنىي ئىسلام» شوئارى ئاستىدىكى پىكرىي جەڭنىڭ غايىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى يوق قىلىش، تەلەپكە لايىق تەربىيىلەنگەن شەخسلەرنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى يوق قىلىش، ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە دۇشمەن تەرەپنىڭ ھەيۋىسىنى، كۇچ قۇۋۋىتىنى سىڭدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىچكى جەھەتتىن ئۇمىتسىزلەندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى پىكرىي مەيدانلاردىكى جەڭدىكى مەغلۇبىيەت قوراللىق ئۇرۇش مەيدانىدىكى مەغلۇبىيەتتىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدىغان بولۇپ، قوراللىق ئۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەت ئاشۇ ئۇرۇش مەيدانىدىكىلەرنىڭ شېھىت بولۇشىغا يول ئاچسا، پىكرىي مەيدانلاردىكى مەغلۇبىيەت، كېلەچەك ئەۋلاتلارنىڭ ئىسلام روھىدىن يىراقلىشىشىغا يول ئاچىدۇ. قوراللىق ھۇجۇملار باشقىلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئۆزلىرىگە باش ئەگدۈرۈشنى مەقسەت قىلسا، پىكرىي ھۇجۇملار ئەقىللەرنى يۇيۇش، چۈشەنچىلەرنى ئۆزگەرتىش، ھۇجۇم قىلغۇچىغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئىچكى جەھەتتىن تولۇق تەسلىم بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
    بۇ قېتىمقى ئۈچىنچى باسقۇچلۇق «پىكرىي مەيدانلاردىكى جەڭ» مەزگىلىدە: ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا شەكلى ئۆزگەرگەن قورالسىز ھالدىكى «ئەھلىسەلىپ» ھۇجۇملىرى قايتىدىن باشلىنىدۇ. ئەگەر بىز ئەنگلىيە باش گېنېرالى لورد بىلەن فرانسىيە باش گېنېرالى گۇرۇنىڭ 1918-يىلى سالاھىددىن ئەييۇبى ۋە خالىد ئىبنى ۋەلىد (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) نىڭ قەبرىلىرىگە كىرىپ مانا بىز بۇ يەردە، ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى، «ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى» يەنىلا داۋام قىلىدۇ، دېگەنگە ئوخشىغان سۆزلىرىنى، 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن «خەلقئارالىق تېروررىزم»گە قارشى جەڭ ئېلان قىلغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى سابىق رەئىسى بوشنىڭ، بۇ بىر «ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى» دېگەن مەشھۇر سۆزىگە باغلاپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، غەرب دۇنياسىنىڭ ھازىرمۇ ئىسلام دۇنياسىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.1923-يىلى تۈركىيەدە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك رىياسەتچىلىكىدە، «دىنسىزلىق» نى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ھازىرقى «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيە تېررىتورىيەسى ئىچىدە ياشايدىغان تۈرك، كۇرد ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا مىللىي ئايرىمچىلىق ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىش ۋە ئۇلارنى ئىرقچىلىق پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ. كۇرد مىللىتى ئىچىدىن چىققان تۈرك ئەدەبىياتچى، شائىرى «زىيا كۆك ئالب»نىڭ، كۇردلارنىڭ مىللىي ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىش ئۈچۈن، تۈرك مىللەتچىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، دېگەن پەلسەپەسى ئاساسىدا، ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ ۋە ھەتتا تۈرك خەلق ئاممىسىغا مەجبۇرىي تېڭىلىدۇ.
    1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ۋە سوغۇق ئۇرۇشلار باشلىنىپ، دۇنيا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلغاندىن كېيىن، شۇ زاماندىكى ئامېرىكا رەئىسى ھارى تۇرۇماننىڭ تۈركىيە بىلەن گرىتسىيەنى سوۋېت ئىتتىپاقى چاڭگىلىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاساسەن، ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسىدىن تۈركىيە ئۈچۈن ئالاھىدە مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالغا قاراپ كېڭىيىشىگە توسالغۇ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە تۈركىيە: «شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى»غا رەسمى ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ «لايىك»لىق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، دىندار لېدىرلەرنىڭ سىياسىي سەھنىدە مۇھىم رول ئېلىشى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلارنى سىياسىي سەھنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر قانچە قېتىم ھەربى ئىنقىلابلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: 1960-يىلى ئىسلامىي ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارماقچى بولغان باش مىنىستىر ئەدنان مەندەرىسنىڭ دارغا ئېسىپ ئۆلتۇرۇلۈشى، 1971-ۋە 1980-يىللىرىدىكى ھەربى ئىنقىلابلار ۋە سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر، 1997-يىلى مەرھۇم نەجمىدىن ئەرباكان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئىسلامىي ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلار سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلىدۇ.
    2002-يىلى ھازىرقى «جۇمھۇر رەئىسى» رەجەپ تەييىب ئەردۇغان باش مىنىستىر سايلانغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزالىق باسقۇچلىرىنى تېزلىتىش شوئارى ئاستىدا، 1993-يىلى دانىيە پايتەختى كوبىنھاگىندا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا قارار ئېلىنىپ، ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا بولغۇچى دۆلەتلەردە بولۇشقا تىگىشلىك شەرت ۋە ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئاساسىي قانۇن ساھەلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا باشلايدۇ. دېموكراتىيىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىقلار ھەق-ھۇقۇقلىرى قاتارلىق بىرنەچچە يېڭى قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەركىن بازار ۋە ياۋروپادىكى رىقابەت سىستېىمىسىنى يولغا قويىدۇ. قانۇنىي جەھەتتىن خەلق چىقارغان قارارنىڭ ھۆكۈمەت قارارىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى، ئەڭ كۈچلۈك قارار ئورگىنىنىڭ يەنىلا خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، قوراللىق قىسىمنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق قانۇنلىرىمۇ يولغا قويۇلىدۇ. تۈركىيە مەزكۇر ئىسلاھاتلار سايىسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك 20 دۆلەت ئارىسىدا 17-ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. شۇ زاماندىكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت ئېنژىنېرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن كۈنى سۆزلىگەن بىرىنچى نۇتىقىدا مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: بۈگۈنكى «يېڭى تۈركىيە» پەقەتلا شەرق بىلەن غەربنى بىر-بىرىگە باغلىغۇچى ۋە باشقىلارنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچى تۈركىيە ئەمەس، بەلكى ئۇ جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتىن ئافرىقا، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، تارىخىي جەھەتتىن مەزكۇر 3 قىتئە دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن، دۇنيادىكى پۈتۈن مەدەنىيەتلەرگە تەسىرىنى كۆرسەتكەن، ئوتتۇرا شەرق، بالقانلار ۋە كاۋكاز رايونلىرىغا قارىتا سىياسىي تەرەپتىن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل «تەسەۋۋۇرى» بار بولغان، باشقىلارنى ئەگەشتۈرگۈچى سەۋىيە ۋە كۈچكە ئىگە مەركەزلىك بىر دۆلەت بولغىنى ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
    تۈركىيە «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى» ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىسلام بىلەن دېموكراتىيە تۈزۈملىرىنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرغان، ئاساسىي قانۇندىكى «لايىك»لىق قاراشلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھالدا، ئىقتىسادى مەيدانلاردا تىز سۈرئەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رىقابەتنى كۈچەيتتى. تاشقى سىياسەتتە شەرق ۋە غەربكە قارىتا ئىشىكنى چوڭ ئېچىۋېتىشى، رايوندىكى تىنچلىق نەمۇنىچىسى سۈپىتىدىكى خىزمەتلىرى، تولۇقلىغۇچى لېدىرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، بىر نەچچە تۈرلۈك روللارنى بىرلا ۋاقىتتا ئوينىيالىشى، غەربنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزغىنىش ۋە ھەسەتخورلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ھازىرقى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تەييىب ئەردوغاننى ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەرخىل ھىلە-مىكىرلەرنى ئويناپ باققان بولسىمۇ، ھېچبىرىدە غەلىبە قىلالمىغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ «مەدەنىي ئىسلام» نەزەرىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى، فەتھۇللا گۈلەن جامائىتىنى ئىشقا سېلىپ، 2016-يىلى 15-ئىيۇل توپىلىڭى ئارقىلىق تۈركىيەدە يېڭى سىياسى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا ئورۇندى، يەنىلا غەلبە قىلالمىدى. 1970-يىللىرى بارلىققا كەلگەن فەتھۇللا گۈلەن جامائىتى تاشقى كۆرۈنۈشتە ئىسلام ۋە تەلىم-تەربىيەگە ھەسسە قوشۇۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان خىرىستىيان پوپلىرى ۋە يەھۇدىي ھاخاملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مەدەنىي ئىسلام» نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. گۈلەن جامائىتىنىڭ ئەقىدە-ئېتىقاد مەسىلىلىرىدىكى ئوخشىمىغان تەرەپلىرى، تۈركىيە ئىچىدىكى دىنسىز پارتىيىلەر بىلەن ھەمكارلىقى، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلار بىلەن دوستلۇق دېئالوگلىرى، چېكىدىن ئاشقان مەنپەئەتپەرەسلىكى، ئىسلامىي دەۋالىرىغا قارىتا مەيدانسىزلىقى، ئۇلارنىڭ «مەدەنىي ئىسلام» نەزىرىيىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك دەرىجىدە دەلىل-ئىسپات بولالايدۇ.2011-يىلى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئادالەت ئۈچۈن، تۇنىسىيەدە باشلىغان «ئەرەب باھارى» ئەركىنلىك كۆرىشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىۋىيە، مىسىر، يەمەن ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى. تەبىئىي ھالدا «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»غا ئوخشاش ئىسلام تەشكىلاتلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ قوزغاتقۇچ ئامىللىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ غەلىبە قازانغان ھالدا ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن غەرب دۇنياسى، دەرھال كونا تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئارىدا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشقا باشلايدۇ. مىسىردا سىياسىي ئىنقىلابنى بارلىققا كەلتۈرۈش، سۈرىيە ۋە يەمەندە قوراللىق ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش ئارقىلىق «ئەرەب باھارى»نى خالتا كوچىغا سۆرەپ ئەكىرىشتە غەلبە قىلغاندىن كېيىن، «ئىسلام دىنى»نىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئاساسلىق يوليۇرۇقلىرىنى قايتىدىن يېڭىلاش بىلەن بىرگە، بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭى پەتىۋالار ئېلان قىلىشقا چاقىرىدۇ. بەزىبىر ئاتالمىش دىنى ئالىملار مەزكۇر چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ يېڭى پەتىۋالار ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ. مەسىلەن: شەيخ جامال مۇھەممەت بۇۋاتېنە تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرلۈك يېڭى پەتىۋا ئېلان قىلىدۇ:1-ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى تىنچلىق ئىچىدە چىقىشىپ ياشاشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن، «دىن» ۋە «ئەقىدە-ئېتىقاد» نىڭ ئوخشىمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، بىر مۇسۇلماننىڭ باشقا دىندىكى بىرىگە ھۇجۇم قىلىشى ياكى ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشى قەتئىي ھارام.2-دۇنياغا «ئىسلام دىنى»نى چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش لازىم. باشقا دىنىدىكىلەر بىلەن دىنىي جەھەتتە ئايرىمچىلىق قىلماسلىق كېرەك. دىنلار ئارىسىدا ئادالەت، دىنىي ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساس قىلىنىشى لازىم.3-«نەقىل»نى ئەقىل تارازىسى بىلەن ئۆلچەش ئارقىلىق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، بەزىبىر دىنىي ھۆكۈملەرنى زامانىمىزنىڭ شارايىتىغا ماسلاشتۇرۇش لازىم.ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىدە «ئىسلام دىنىدا ئوتتۇراھاللىقنى تەرغىب قىلىش ھەيئىتى» قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ھەيئەت، ئوتتۇراھاللىقنى چىڭ تۇتۇپ، «باشقا دىنىدىكىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش»، قەلبىنى پاكلاش ۋە روھىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە ھەرخىل چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىدۇ. ئەسلىدە: «دىنلار ئارا تىنچلىق ئىچىدە چىقىشىپ ياشاش» چاقىرىقى، بىرىنچى نۆۋەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەئىسى خۇرشوپ تەرىپىدىن 1960-يىللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 1992-يىلى سوغۇق ئۇرۇشلار مەزگىلى ئاخىرلىشىپ، ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر «پەۋقۇلئاددە كۈچ» بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، «دىنلار ئارا دېئالوگ» چاقىرىقىنى قايتىدىن تەكرارلاشقا باشلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەزكۇر چاقىرىقنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى رەھمەتتەك كۆرۈنسىمۇ ئىچى بولسا، ئازابتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بولغان ئىدى.مىسرلىق دەۋەتچىى ئەمرى خالىدنىڭ «چىقىشىپ ئۆتۈشكە چاقىرىق» ناملىق كىتابى ياۋروپادا كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەنگىلينىڭ «ۋېلىز ئۇنىۋېرسىتى» ئۇنى تەقدىرلەپ دوكتۇرلۇق دىپلومى يوللايدۇ. «چىقىشىپ ئۆتۈشكە چاقىرىق» ناملىق كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:1-بىز مۇئمىن-مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئايرىمچىلىقتىن ئۇزاق تۇرۇىشىمىز لازىم. قەلىبلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىش بىلەن بىرگە، بىز بىلەن ئوخشاش ئەقىدە-ئېتىقادتا بولمىغان، قارشى پىكىردە بولغان، ھەتتا باشقا دىندىكىلەرنىمۇ قوبۇل قىلالىشىمىز لازىم.2-غەرب مەدەنىيىتىگە قارىتا يۇمشاق باش بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۆزگەرمەس ئىسلام شەرىئەت قانۇنلىرىدىن ۋازكەچمىگەن ھالدا، غەرب مەدەنىيتىنىمۇ قوبۇل قىلالايدىغان يېڭى دىنى ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم.3-باشقا دىنىدىكىلەر بىلەن بىر پىكىردە بولغان تەرەپلىرىمىزنى ئاساس قىلغان ھالدا چىقىشىپ ئۆتىشىمىز كېرەك.4-باشقا دىنىدىكىلەر بىلەن ئەقىلنى بىرىنچى ئورۇندا قويغان ھالدا دېئالوگ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.5-ئىسلامىي ھاياتىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەت ئىچىگە سېڭىپ كىرىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.6-فىقھىي ھۆكۈملىرىمىزنى يېڭى زامان تەقەززاسىغا ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.7-ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلىرى بىلەن قارشىلاشماسلىق لازىم.دېمەك، پۈتۈن غەرب ئەللىرى ئىسلام دۇنياسىغا قارشى بىر گەۋدىگە ئايلانغان ھالدا دىنىي، پىكرىي ۋە مەدەنىي مەيدانلارنىڭ ھەممىدە تەڭلا ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. دىنلار ئارا دېئالوگ ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دېئالوگ قاتارلىق ھەرخىل دېئالوگلارنى باشلايدۇ. ئامېرىكىلىق ھېنتىڭىتۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى يوشىھېرۇ فوكۇيامالارنىڭ خىلى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلايدۇ. ھارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى سامۇئېل پىلىپس ھېنتىڭىتۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى: يېڭى زاماننىڭ تەقەززاسىنى ئاساس قىلغان ھالدا دىنلار ئارىسىدا دېئالوگلار داۋام قىلىشى كېرەك. قايسىبىر دىننىڭ بەزى بىر ھۆكۈملىرى مەزكۇر دېئالوگلارغا توسالغۇ بولىدىغان بولسا، ئۇ ھۆكۈملەر ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. مەسىلەن: ئىسلام دىنىنىڭ يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىپ، دۇشمەن قاتارىدا كۆرسىتىدىغان، ئىسلام دىنىدىن يېنىۋالغان «مۇرتەدلەر»گە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىدىغان تۈزۈملەر ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. چۈنكى، بىز ھازىر تىنچلىق ئىچىدە «دىنلار ئارا دېئالوگ» ئېلىپ بارالايدىغان، ھەركىم قايسى بىر دىننى تاللاشتا تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. يەنە كېلىپ پۈتۈن دىنلارنىڭ بېشى ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىبراھىمنىڭ دىنى بولغاچ، يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە ئسىلام دىنى قاتارلىق 3 دىننىڭ قايسى بىرىنى تاللىغان كىشى، يەنىلا ئاشۇ ئىبراھىمنىڭ دىنىنى تاللىغان بولىدۇ. دېمەك، پۈتۈن دۇنيا ب د ت رىياسەتچىلىكى ۋە يۇنىسكۇ تەشكىلاتى نازارىتى ئاستىدا «ئىبراھىمنىڭ دىنى» دىن ئىبارەت سايىۋەن ئاستىغا جۇغلىنىشى كېرەك.مىسىر سىياسىي بىلىملەر ئاكادېمىيەسى مۇدىرى دوكتۇر نادىيە مۇستاپا «مەدەنىي ئىسلام» ھەققىدە توختىلىپ، غەرب تەرىپىدىن خىلى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ يېڭى پىكىر ھەققىدە ئىزدېنىش مەسىلىسىنى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئۆز ئۇستىگە ئالغان بولۇپ، 1996-يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تۆۋەندىكىلەر تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى:1-ئىسلامىي بىلىملەر بىلەن پەننى بىلىملەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرۇپ، پەننى بىلىملەر ئاساسلىرى ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاساسلانغان ھالدا، ئىسلام بىلىملىرىدىمۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىق پەيدا قىلغىلى بولىدىغان بىر ئەھۋالىنى شەكىللەندۈرۈش.2-ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايتىدىن بىرلىشىش نىشانى، «ئىسلام خەلىپىلىكى» ۋە يا «ئىسلام دۆلىتى» قۇرۇش بولماستىن، «ئىسلام ئۈممىتى» ۋە ئۈممەتنىڭ بىرلىكى بولۇشى، شۇ ئارقىلىق تارقاق ھالەتتىكى ئۈممەتنىڭ پەقەتلا قەلىبلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىش بىلەن كۇپايىلىنىش.
    3-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت پىرىنسىپلىرىدا زىتلىشىش، قاتتىق قوللۇق ۋە كۇچ ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ئۇزاق تۇرغان ھالدا، كېلىشىش، چىقىشىش، تىنچلىقنى كۈچەيتىش ۋە دوستلۇق پىرىنسىپلىرىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇش.4-ئىسلامدىكى «ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد  قىلىش» پىرىنسىپىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ھالدا، ئاللاھ يولىدا قوراللىق جىھادنىڭ چەك-چېگرىسىنى، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىكلىرىدىن ئۆزۈڭنى مۇداپىئە قىلىش بىلەن چەكلەش.
    يۇقۇرىدىكى ئىسلام مەركەزلىرى ۋە بەزى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ چاقىرىقلىرى بىلەن يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مەدەنىي ئىسلام» چاقىرىقىنىڭ مەزمۇنلىرىنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش بىرلا تەرەپكە چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئۇچۇق ئاشكارا كۆرەلەيمىز. دېمەك، تۈركىيەدە فەتھۇللا گۈلەن جامائىتى، مىسىردا «ئەزھەر» گە ئوخشاش ئورگانلار، دۇنيانىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدە غەربنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ھەرخىل سەپتىكى ئالىملار ئوخشاشلا بىرتەرەپكە چاقىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى «ئىلمان ئىسلام» دىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇقۇمى: ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس (ھەقىقىي روھى ئۆلگەن) قايسى تەرەپكە ئەگسە ئېگىلىدىغان يۇمشاقباش ئىسلام دېگەندىن ئىبارەتتۇر.  



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-6-23 12:40 , Processed in 0.072537 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش