مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 2020|ئىنكاس: 0

بەخىت ئىزدەۋاتامسىز...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

201

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 116
تۆھپە : 20
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2017-5-24 21:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    

بەخىت-سائادەت پۈتۈن ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ئۆلمەس تېمىلارنىڭ بىرى. ھاياتتا بەختكە ئىنتىلمەيدىغان، بەختنى كۆزلىمەيدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك! لېكىن ھەر ئادەمنىڭ بەخىتكە بەرگەن تەبىرى ۋە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. دەل مۇشۇ ئوخشىماسلىقلار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بەخت قوغلىشىپ گاھ جىنايەتچىگە، گاھ خىيانەتچىگە؛ گاھ پەرىشتە سۈپەت ئالىيجانابلارغا، گاھ شەيتان سىياق پەسەندىلەرگە ئايلىنىدۇ.

ھاياتتىن بەخت ھېس قىلىش ياكى قىلالماسلىق ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىمىزگە باغلىق بولىدۇ. بۇ پوزىتسىيەنى بىزنىڭ ئادىمىيلىك ساپايىمىز ۋە سالاھىيتىمىز بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

خۇددى ئوخشىغان بىر قاچا تاماقنىڭ ئۆزىگە خاس خۇرۇچ ۋە تەم تەڭشىگۈچلىرى بولغاندەك، ھاياتلىقنىڭ ئوربىتىسى بولغان بۇ بەخت –سائادەتنىڭمۇ مۇئەييەن خۇرۇچلىرى ۋە رېتىسىپىلىرى بولىدىغانلىقى تەبىئىي.

"دىن ۋە ھايات"، "پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز"... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سۇنغان ۋە ئىلمىي ئىجادىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە توختاۋسېز ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم ئادەملىرىمىزدىكى چۈشكۈنلۈك ۋە غايىسىزلىك ئىللەتلىرىگە مەلھەم بولسۇن دەپ "بەخت – سائادەتنىڭ 40 رېتىسىپى" ناملىق ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپتۇ.

مەزكۇر ئەسەر بەخت-سائادەتنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىگە، بەخت_ سائادەت يولىنىڭ يېگانە يېتەكچىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىگە ئاساسلانغان، ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن ھۆججەتۇلئىسلام ئەبۇ ھامىد غەززالىي، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە، ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزى، ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي، دوكتور ئائىز ئەلقەرنىي، دوكتور مۇھەممەد ئەرىفى، ئەللامە سەلمان ئەۋدە قاتارلىق كونا ۋە يېڭى ئۆلىمالارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىدىن، شۇنداقلا بەزى تەجرىبە ئىگىلىرىنىڭ ۋە پەيلاسوپلارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا تەييارلانغان بولۇپ، سىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىڭىزنى قاندۇرغۇسى...



بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ تىزىملىتىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-6-23 12:44 , Processed in 0.076968 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش