مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 0

رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 106
تۆھپە : 20
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2017-9-26 22:41:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۆتكەنكى بۆلۈمدە ئەخلاق كىرىزىسى نامى ئاستىدا خەلقىمىزنىڭ ئەخلاققا بولغان ئىھتىياجى، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشقان ئىدۇق.  بۈگۈن رەسۇلۇللاھنىڭ سىيرەتتە تونۇشتۇرۇلغان ئەخلاقى بىلەن  ئىخچام ھالدا تونۇشۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

ئاللاھ ئەززە ۋەجەل رەسۇلۇللاھنى"سىز بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسىدۇر" دەپ سۈپەتلىگەن ئىكەن، بىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن ئەخلاقىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىغا توغرىلاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئەمىلىيەتتە بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاققا بولغان ئىتىياجى سۇ، ھاۋاغا بولغان ئىھتىياجىندىنمۇ يوقۇرى دېسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز.

  مۇھەممەد جامالىددىن رىپئەتنىڭ"ئىسلامدا جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئەخلاقى" ناملىق كىتابىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:

  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىنلا ئاللاھنىڭ كۆزىتىشى، ھىمايىسى ئىچىدە چوڭ بولدى، ئاللاھ ئۇنى جاھلىيەتنىڭ كىرلىرىغا يېقىنلىشىپ قېلىشتىن ساقلىدى. جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ قەۋمى ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىك، ئىنسانىيتىدە ئالىجاناب، ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل، نەسىبى ئەڭ يوقۇرى، قوشنىلىرىغا مىھرىبان، مۇلايىم، سۆزدە راسچىل، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان، ياش ۋاقتىدىن تارتىپ مەككە ئەھلى سادىر قىلىدىغان ئەيشى-ئىشرەتتىن يىراق، جامائەت ئىچىدە ئەمىن (ئىشەنچىلىك) دەپ تونۇلغان.   

ھەسەن ئىبنى ئەلى رادىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "ھىند ئىبنى ئەبى ھالەدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

"رەسۇلۇللاھ داۋاملىق غەمكىن كۆرىنەتتى، داۋاملىق تەپەككۇر قىلاتتى، ئىھتىياج بولمىسا گەپ قىلمايتتى، سۈكۈت قىلشقا ئامراق ئىدى، مۇلايىم ئىدى، قوپال ئەمەس ئىدى، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىۋالمايتتى، نېمەتنى ئولۇقلايتتى، تاپا-مالامەت قىلمايتتى، ئۆزى ئۈچۈن قەتئى ئاچچىقلانمايتتى، دوس-بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ تۇراتتى، كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجلىرىنى سوراپ تۇراتتى، ياخشى ئىشنى كۆرسە ئۇنى قوللايتتى، يامان ئىشنى كۆرسە دەرھال ئۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ يامانلىقىنى كۆرسىتەتتى، ئولتۇرسا-قوپسا ئاللاھنىڭ زىكرىنى تىلىدىن چۈشۈرمەيتتى، بىرسى بىلەن ئولتۇرۇسا قارشى تەرەپ قوپمىغۇچە سورۇننى بۇزۇپ ئورنىدىن تۇرمايتتى، بىرسى بىر نەرسە سورىسا قورۇق قايتۇرمايتتى، رەسۇلۇللاھنىڭ مەجلىسى ھاياغا تولغان، ئېغىر بېسىقلىق، سەبرىچانلىق مەجلىسى بولۇپ، ھېچكىم يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلەشمەيتتى، داۋاملىق كۈلۈمسىرەيتتى، ھەرىكىتى يەڭگىل ئىدى، قوپاللىق قىلمايتتى، قوپال چاخچاق قىلمايتتى، ئادەم سۆكمەيتتى، ئادەم ماختايدىغان مەدداھ ئەمەس ئىدى، ھېچكىشىگە كايىمايتتى، ھېچكىشىنى سورۇندىن قوغلىمايتتى، ھەر قانداق سۆز قىلسا ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ سۆزلەيتتى".

ئەلى رادىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:

"رەسۇلۇللاھ ھاجىتى چۈشۈپ كەلگەن ئادەمنى قەتئىي قورۇغ قول قايتۇرمايتتى، جامائەت سورۇنىدا پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتى، ھاياتىدا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ بىرنەرسە يىمىگەن ئىدى، بىر نەرسە سورالسا ياق دەپ باقمىغان، ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە چوقۇم ئاساننى تاللايتتى، ناماز ئوقۇسا تولۇق ئوقۇش بىلەن بىرگە يەڭگىل ئوقۇيتتى، خۇتبە ئوقۇسا بەك قىسقا ئوقۇيتتى".

ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھا:
"رەسۇلۇللاھ ھاياتىدا ئايال كىشى ياكى خىزمەتچىسىنى ئۇرۇپ باقمىغان، ھەرقانداق ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە گۇناھ بولمىغان تەقدىردە ئاساننى تاللايتتى، تۇققانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈپ قويۇشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيتتى".

ئەنەس بىن مالىك:
"رەسۇلۇللاھنىڭ 9يىل خىزمىتىنى قىلدىم، بىر قېتىممۇ ما ئىشنى نېمىشقا قىلدىڭ؟ ياكى نمىشقا قىلدىڭ؟ دېمىگەن، ھېچقانداق نەرسىنى ئەيىپلىمىغان، يولدا ساھابىلەر بىلەن ئۇچراشسا قولىنى سۇنغان كىشىگە دەرھال قولىنى بىرەتتى، قارشى تەرەپ قولىنى تارتمىغۇچە تارتمايتتى".

ئومۇمى قىلىپ ئېيتقاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى بولسا: ئەدەپلىك ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئەدەپلىكى ئىدى، ساھابىلەر ئالدىدا پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتى، بىرسى يوقلاپ كەلسە مىھمان ئورنىدىن تۇرمىغۇچە تۇرمايتتى، تائامنى، سۇنى پۈدىمەيتتى، قاچىغا تىنمايتتى، چۈشكۈرسە قولى ياكى لاتىنى بۇرنىغا تۇتاتتى، كىچىلەردە قوپۇپ مىسۋاك قىلاتتى، تاماقتىن كېيىن، يېمەكتىن كېيىن مىسۋاك قىلىشقا بۇيرىيتتى، ئەتتىر چېچىشنى ياخشى كۆرەتتى، بەدەن تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەتتى، ساھابە كىراملارغا بىر ئىستاكان سۇنى بىر تىللاغا ئېلىپ بولسىمۇ جۈمە كۈنى(غۇسلى قىلىڭلار) چوڭ تاھارەت ئېلىڭلا دەپ  بۇيرىتتى".

مەنە بۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسامنىڭ ئەخلاقىنىڭ ئاز بىرقىسمى بولۇپ، ھەقىقىي مۇسۇلمان بولساق ئەخلاقىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىغا توغرىلاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئاللاھ بىزلەرنى ئەخلاقى گۈزەل ئىنسانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغىلى نەسىپ قىلسۇن...

سىراجىددىن ئەزىزى




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-17 01:35 , Processed in 0.127606 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش