مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 0

بىزدىكى ئەخلاق كرىزىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

201

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 116
تۆھپە : 20
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2017-9-26 22:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمنىڭ بېشىغا كەلگەن70يىللىق ئاسارەت دىن، ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق، پەن مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك مۇئامىلىلەرگىچە ۋەيرانچىلىقتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىگەنلىكى بىر ھەقىقەت. ئاللاھ تائالا سۈرە قەلەمنىڭ 4-ئايىتىدە رەسۇلۇللاھنى «ئى مۇھەممەد سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن،» دەپ سۈپەتلىگەن.

  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى بايان قىلىپ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر،» دېگەن.

   ئۈممىتى مۇھەممەدىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىنى ھاياتىمىزدا تەتبىقلاشقا تىرىشىشىمىز مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئاددى شەرتلىرىدىندۇر.

      ئەخلاق ئۆلچىمى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئاددى ئۇقۇم بىلەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈپ: كىشىلەر مۇلايىم، خۇش چىراي كىشىلەرنى ئەخلاقلىق، قوپال ۋە مۇز چىراي كىشىلەرنى ئەخلاقسىز دەپ باھا بېرىدۇ. بۇ ئاددى ئۇقۇم بولۇپ، ئەخلاق ئۆلچىمى ئىبادەت، مۇئامىلە، كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىن ئىبارەت ناھايىتى كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   ئىسلام ئەخلاقى بىلەن ھايات كەچۈرۈشنى خالىغان بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنڭ ھاياتى (سىيرىتى) نى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ھاياتىغا تەتبىقلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بايان قىلىنغان بەزى نۇقتىلارنى بىلىشىمىز تەقەززا قىلىنىدۇ:

    رەسۇلۇللاھ كىم؟ بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.


    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:


  مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب ئىبنى ھاشىم ئىبنى ئابدىمەناپ ئىبنى قۇسەي ئىبنى ھەكىمدۇر. نەسەبى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. ئانىسى ئامىنە بىنتى ۋەھب ئىبنى ئابدىمەناپ ئىبنى زۆھرە ئىبنى ھەكىم.

   رەسۇلۇللاھ مىلادىيە 570-يىلى 20- ئاۋغۇست مەككىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى ئابدۇللاھ رەسۇلۇللاھ تۇغۇلۇشتىن بورۇن ۋاپات قىلغان. 6 ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئامىنە ۋاپات قىلىپ دادىسىنىڭ كېنىزىكى ئالدىدا قالغان ۋە چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىب رەسۇلۇللاھنى كېپىللىكىگە ئىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ۋاپات قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.
   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە سەھرادا ئېمىلداش بىر تۇققانلىرى بىلەن بىرگە چارۋا باققان ئىدى.

  رەسۇلۇللاھ 25 ياشقا كىرگەندە مەككىنىڭ مەشھۇر تىجارەتچىلىرىدىن سانىلىدىغان خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تىجارىتىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن شامغا سەپەر قىلغان. شامدىن قايتىپ كېلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن خەدىچە ئانىمىز بىلەن نىكاھلانغان. ئۇ ۋاقىتتا خەدىچە ئانىمىز 40 ياش ئەتراپىدا ئىدى. (رەسۇلۇللاھنىڭ يەتتە پەرزەنتى بولۇپ، ئىبراھىمدىن باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھادۇر) ئۇنىڭدىن قاسىم ۋە ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولسىمۇ ھەرئىككىسى كىچىكىدىلا ۋاپات بولغان. تۆرت قىز پەرزەنتى بولۇپ ئۇلار: زەينەب، رۇقىيە، ئۇممى كۇلسۇم ۋە فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قاتارلىقلاردۇر.


   پەيغەمبەرلىك كېلىشى:


    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 40 ياشقا توشقاندا ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغان، غارى ھىرا دەپ ئاتىلىدىغان تاغ ئۆڭكۈرىدە يالغۇز ئولتۇرغان ۋاقىتتا جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئاللاھتىن ۋەھىي كېلىشكە باشلىغان. تۈنجى نازىل بولغان ئايەت: «سېنى يوقتىن بار قىلىپ ياراتقان پەرۋەردىگارىڭ نامى بىلەن ئوقۇ. ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. كەرەملىك ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇ. قەلەم ئارقىلىق ئىلىم ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەننى ئۆگەتتى». [سۈرە ئەلەق 1-5-ئايەتلەر].

   رەسۇلۇللاھ ۋەھيىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغاندىن كېيىن ئىسلام دەۋىتىنى باشلىغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ تا ئاللاھ تائالادىن ئاشكارا دەۋەت قىلىشقا ۋەھىي نازىل بولغۇچە قەدەر مەخپى شەكىلدە داۋاملاشتۇرغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرەلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن.» [سۈرە ھىجر94 – ئايەت].

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) ئەڭ باشتا مۇشرىكلارنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ يەككە-يىگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىشقا باشلىغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قەۋمىدىن بولغان مەككە مۇشرىكلىرى قارشى چىقىپ، ئادەم چىدىغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقۇزغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋرى قىلىپ، ئۇلاردىن خاپا بولماي، ھىدايىتىگە دۇئا قىلغان.
    ۋەھيى كېلىشكە باشلاپ ئون يىل توشقاندا ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات قىلىدۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن تاغىسى ئەبۇ تالىپ ۋاپات قىلىدۇ. ئەڭ چوڭ ئىككى ھىمايىچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەككە مۇشرىكلىرى ئۆچمەنلىك ۋە زۇلۇملىرىنى ھەسسىلەپ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئاخىرى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ھەق باتىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.

   پەيغەمبەر بولۇپ 11-يىلى تارتقان مۇشەققەتلىرىنىڭ مۇكاپاتى ھېسابىدا ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى ئۇلۇغلاپ، ئىسرا ۋە مىراجدىن ئىبارەت ئاسمانغا ئۆرلەش شەرىپىنى ئاتا قىلىدۇ. مىراجدا بەش ۋاقىت ناماز پەرز قىلىنىدۇ.


ھىجرەت:


    رەسۇلۇللاھ 53ياشقا كىرگەندە مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ زۇلۇملىرى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. 622-يىلى 16-مارت ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمراھلىقىدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدۇ.

   ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان روزىسى پەرز قىلىنىپ، شۇ يىلى زاكاتمۇ پەرز بولىدۇ.

     يەنە شۇ يىلى بەدرى غازىتى يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلار مۇشرىكلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدا كۆپلىگەن غازاتلار يۈز بېرىدۇ.

   ھىجرەتنىڭ 8-يىلى رەسۇلۇللاھ مەككىگە قايتىپ كېلىپ مۇشرىكلارغا قارشى غازات قىلىپ مەككىنى فەتھى قىلىدۇ. كەئبە ئەتراپىدىكى بۇتلارنىڭ ھەممىنى چېقىپ تاشلايدۇ. مەككە مۇشرىكلىرى پۈتۈنلەي تەسلىم بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ  ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە تۇرۇپ، شۇنچە ئېغىر زۇلۇم قىلغان مۇشرىكلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.


    ۋىدالىشىش ھەججى:


  ھىجرەتنىڭ 10-يىلى رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن "ھەججەتۇلۋىدا" دەپ تونۇلغان ۋىدالىشىش ھەججىنى ئادا قىلىدۇ، ئەرەپات مەيدانىدا خۇتبە ئوقۇپ، دىننىڭ ئاساسلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. شۇ كۈنى ئەرەپاتتا بۇ ئايەت نازىل بولىدۇ: «بۈگۈن سىلەرگە دىنىڭلارنى تولۇقلاپ بەردىم، نېمەتىمنىمۇ تاماملىدىم، سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلار ئىسلام بولىشىنى تاللىدىم.» [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].

   شۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى تاماملىغان، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى مۇكەممەل ئادا قىلغان بولدى.


   رەسۇلۇللاھنىڭ كېسىلى ۋە ۋاپاتى:


   رەسۇلۇللاھ ھەججەتۇلۋىدانى تاماملاپ، مەدىنىگە قايتتى. يېشى 63كە توشقاندا ئۈچ كۈنلا ئاغرىپ ھىجرەتنىڭ ئونىنچى يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئاينىڭ12-كۈنى دۈشەنبە ئالەمدىن ئۆتتى. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىغا دەپنە قىلىندى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىيامەتكىچە ئېزىپ كەتمەيدىغان ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتى ئۇ بولسا:
  1-  قۇرئان كەرىم
2 - ھەدىس شەرىپلەردىن ئىبارەت بولغان «سۈننەت».
    شەيخ مۇھەممەد غەزالى"سىيرەت فىقھى" ناملىق كىتابىدا قۇرئان ۋە سۈننەت ھەققىدە توختۇلۇپ: قۇرئان كەرىم ئىسلامنىڭ قانۇنى، ھەدىس بولسا شۇ قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىدۇر" دېگەن.

    دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىمەن دېگەن ھەر بىر مۇسۇلمان شۇنى بىلىشى كېرەككى، قۇرئاننى سۈننەتتىن، سۈننەتنى قۇرئاندىن ئايرىماستىن، قۇرئان-سۈننەتنىڭ روھى بىلەن ياشاش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەخلاقلىنىشىش بولسا، بىر مۇسۇلمان مىللەت ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئىمانى ۋە مىللى مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئەبەدىي قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. مۇسۇلمان بولغان ھەر بىر كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنى بىلمەسلىكى ۋە ئۇنى بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۆرنەك قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرماسلىقى، مەزكۇر شەخسنىڭ ئىنسانىيلىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئەخلاقى كرىزىس ھېسابلىنىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئىجتىمائىي ھايات ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆرنەك قىلىپ ياشىغىلى مۇيەسسەر قىلسۇن.

سىراجىددىن ئەزىزى




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-6-23 12:50 , Processed in 0.068736 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش