مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 656|ئىنكاس: 0

تىل ھەققىدە قىرىق ھەدىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

0

دوست

206

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 120
تۆھپە : 20
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2018-2-12 23:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   meripet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-2-12 23:19  
" ]7 Z# S$ L& q; e
5 m0 U1 S4 D) G7 g* {' |! H+ A
(تىل ھەققىدە قىرىق ھەدىس) بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
الحمد لله،والصلاة السلام على رسول لله،وعلى اله،واصحابه ومن اتبع هدى.
$ c' [" K4 \! c3 z
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
جىمى گۈزەل ماختاش ۋە مەدھىيلەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
دۇرۇت-سالاملار ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.
0 p' D, \: W; a! A- e1 B
تىل ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نئمەتلىرى قاتارىدىن بولۇپ،ئەگەر تىل بولمىسا، بولغان تەقدىردىمۇ سۆزلىيەلمىسە ئىنساننىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نىئمەتلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرى قاتارىدىن ئىنسانغا سۆزلەشنى ئۆگەتكەنلىكىنى زىكر قىلىدۇ.
7 \' @$ K- E% f8 g  I
قال الله تعالى:
(علمه البيان)يەنى(رەھمان تائالا ئىنسانلارغا سۆزلەشنى ئۆگەتتى)(رەھمان سۈرىسىنىڭ4.ئايىتى).

/ U% X  n+ a" `% s- `
ئەمما تىل ئىككى بېسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك بىر نەرسە.
ئەگەر ئۇنى ئىھتىيات بىلەن ياخشىلىققا ئىشلەتسەڭ ئۇنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپ  كۆرىسەن.
ئەگەر ئۇنى يامالىققا ئىشلەتسەڭ ئۇنىڭ زىيىنىمۇ ئاجايىپ زور دەرىجىدە بولىدۇكى،ئىككى دۇنيادا ئىنتايىن خەتەرلىك ئىشلارغا قالىسەن.

3 G: P- G' H+ y3 T" c
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېغىزىمىزدىن چىققان ھەر بىر سۆزگە ۋە قىلىۋاتقان ھەربىر ھەركەتلىرىمىزگە ئىنتايىن دىققەت قىلىشىمىز لازىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ،
(مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ)يەنى(ئىنسان قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن،ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ،كۆزىتىپ تۇرىدۇ).
(قاف سۈرىسىنىڭ18.ئايىتى)

1 }' m* R5 Q. P# E2 O
(وإن عليكم لحافظين كراما كاتبين يعلمون ما تفعلون)يەنى(ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستىڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بار،ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ،سىلەرنىڭ سۆزىڭلارنى ۋە ھەركىتىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ).
(ئىنفتار سۈرىسىنىڭ10.11.12.ئايەتلىرى)
3 c/ f1 m4 v( N# C: Z+ w
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن تىل مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا قېرىنداشلارغا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىل ھەققىدە سۆزلىگەن ھەدىسلىرىدىن 40 ھەدىسنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

3 u2 w6 `. m  ]- K  U* I$ ~
1.ھەدىس
عن مالك بن يخامر قال: قال رسول الله صلى الله عليه و سلم :
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(احفَظْ لسانَك)يەنى(تىلىڭنى ساقلا).
(ئىمام ئەھمەد ئىمام تىرمىزى ئىبنى ماجە ئىبنى ئاساكىر رىۋايەت قىلغان).
3 B) w4 s$ x- B8 O( @8 G4 h3 X
2.ھەدىس
عن سهل بن سعد الساعدي عن رسول الله صلى الله عليه و سلم قال:
پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ:
(من يضمَنْ لي ما بين لَحيَيْه وما بين رِجلَيْه أضمنُ له الجنَّةَ)يەنى(كىمكى ئىككى ساقىلىننڭ ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىسىنى ساقلاشقا كېپىل بولالىسا،مەن ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىل بولىمەن).
(ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئىزاھات:بۇ ھەدىستىكى ئىككى ساقىلىننڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىسىدىن مەقسەت تىلدۇر.
ئىككى پۇتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىسىدىن مەقسەت ئەۋرەتتۇر.
7 W$ ~4 [) M' v- k% E
3.ھەدىس
عن أبي هريرة قال: قال رسول الله صلى الله عليه و سلم :
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(من كان يؤمن بًالله واليوم الآخر فليقل خيرا أو ليصمت)يەنى(ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن كىشى سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلسۇن،بولمىسا جىم تۇرسۇن).
(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2 l$ Y( f! j3 R' p" O1 C  u
4.ھەدىس
عن أبي هريرة عن النبي صلى الله عليه و سلم قال:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(إنَّ العبدَ ليتكلَّمُ بالكلمةِ من رضوانِ اللهِ،لا يُلقي لها بالًا،يرفعُ اللهُ بها درجاتٍ،وإنَّ العبدَ ليتكلَّمُ بالكلمةِ من سخطِ اللهِ،لا يُلقي لها بالًا،يهوي بها في جهنَّمَ)يەنى(جەزمەن بىر بەندە قىلىۋاتقان سۆزىنى ئويلىماستىن ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان بىر كەلىمە سۆزنى سۆزلەيدۇ،ئاللاھ تائالا شۇ بەندىنىڭ بىر كەلىمە سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن،ئۇ كىشىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقرى قىلىۋېتىدۇ.
يەنە بىر بەندە قىلىۋاتقان سۆزىنى ئويلىماستىن ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى كىلىدىغان بىر كەلىمە سۆزنى سۆزلەيدۇ،شۇ بىر كەلىمە سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن جەھەننەمگە تاشلىنىپ كېتىدۇ).
(ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

+ M. k9 r  m3 g' b
5.ھەدىس
عن عبدالله بن عمرو قال: قال صلى الله عليه و سلم:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(إنَّ اللهَ عزَّ وجلَّ يُبغِضُ البليغَ من الرِّجالِ،الَّذي يتخلَّلُ بلسانِه تخلُّلَ الباقرةِ بلسانِها)يەنى(جەزمەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن گەپ سۆزنى قاتتىق مۇبالىغىلەشتۈرۈ​پ ۋە كۆپتۈرۈپ قىلغۇچىلارغا غەزەپ قىلىدۇ،ئۇ كىشىلەر كالىلار تىللىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ نەرسە يىگەندەك تىلىنى ھەركەتلەندۈرۈپ گەپ قىلىدۇ).
(ئىمام ئەھمەد ئىمام تىرمىزى ۋە ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
' o7 _" |& }2 e8 d  c3 t
6.ھەدىس
عن أبي موسى الأشعري قال : قالوا : يا رسولَ اللهِ، أيُّ الإسلامِ أفضلُ ؟ قال:
ئەبۇ ماسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ،ساھابىلەر ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى!ئىسلامنىڭ قايسى ئەڭ ئەۋزەل دەپ سورىدى.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق جاۋاپ بەردى،
(مَن سلِم المسلمونَ من لسانِه ويدِه)يەنى(ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن مۇسۇلمانلار خاتىرجەم بۇلالىغان كىشىنىڭ ئىسلامىدۇر).
(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

. y" B1 T4 P5 }3 `1 j6 g7 m
7.ھەدىس
عن عقبة بن عامر قال: قلت:
ئۇقبە ئىبنى ئامار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ،
ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى!(نىجات دىگەن نىمە؟)
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق جاۋاپ بەردى،
(أملِكْ عليك لسانَك و لْيَسَعْك بيتُك وابْكِ على خطيئتِك)يەنى(تىلىڭنى يامان سۆز قىلىشتىن ساقلا،ئاللاھ تائالانىڭ بەرگىنىگە قانائەت قىلغىن،قىلغان گۇناھىڭغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلىپ يېغلىغلىن).
(ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

: M3 r, |7 P; u5 R  {, q/ L7 {
8.ھەدىس
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم،
(أكثرُ خطايا ابنِ آدمَ في لسانِه)يەنى(ئادەم بالىسىنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭ تىلى سەۋەپلىك بولىدۇ).
(ئىمام تەبرانى ۋە ئىمام بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).
- I- [! _8 F' N
9.ھەدىس
عن أنس بن مالك قال:قال صلى الله عليه و سلم:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(مَنْ كَفَّ غضبَهُ كَفَّ اللهُ عنهُ عذابَهُ،ومَنْ خزنَ لسانَهُ سترَ اللهُ عَوْرَتَهُ،ومَنِ اعْتَذَرَ إلى اللهِ قَبِلَ اللهُ عُذْرَهُ)يەنى(كىم ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى كونتىرول قىلالىسا،ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن غەزىپىنى دەپئى قىلىدۇ.كىم تىلىنى كونتىرول قىلالىسا،ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئېيىپلىرىنى يۆگەيدۇ،كىم ئاللاھتىن ئۆزرە سورىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ).
(ئەبۇ يەئلا رىۋايەت قىلغان).

& f5 c  V4 G- e- ^/ t* T2 C
10.ھەدىس
عن عبدالله بن عمرو قال: قال رسول الله صلى الله عليه و سلم:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(مَنْ صَمَتَ نَجَا)يەنى(سۈكۈت قىلغان كىشى نىجات تاپتى).
(ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام تىرمىزى ۋە تەبرانى رىۋايەت قىلغان).
" G  C9 E$ n& D3 W
11.ھەدىس
عن أنس بن مالك قال:قال رسول الله صلى الله عليه و سلم:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(لما عَرَجَ بي ربي عزَّ وجلَّ مرَرْتُ بقومٍ لهم أظفارٌ مِنْ نُّحَاسٍ،يَخْمِشونَ وجوهَهم وصدورَههم ، فقلْتُ : من هؤلاءِ يا جبريلُ ؟ قال : هؤلاءِ الذين يأكلونَ لحومَ الناسِ،ويقعونَ في أعراضِهِم)يەنى(ئاللاھ تائالا مىنى مىئراجقا ئەپ چىققان ۋاقىتتا،مىستىن تىرناقلىرى بولغان ۋە ئۇ تىرناقلىرى بىلەن يۈزىنى ۋە مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ قالدىم،مەن،ئى جىبرىئىل!كىم ئۇلار،يەنى نىمە سەۋەپلىك بۇ كۈنگە قالدى،دەپ سورۇدۇم،جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام،ئۇلار،تىللىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ يۈز ئابرويىنى تۆككەن كىشىلەردۇر،دىدى).
(ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)

3 o- }9 N! ~1 }  w7 e; d: x& n
12.ھەدىس
عن معاذ بن جبل قال قال صلى الله عليه و سلم:
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلدى،ۋە يەنە ئاخىردا مۇنداق دىدى(ألا أُخبرُك بمِلاكِ ذلك كلِّه ؟ كُفَّ عليك هذا وأشار إلى لسانِه قال : يا نبيَّ اللهِ ! وإنا لَمُؤاخذونَ بما نتكلَّم به ؟ قال : ثَكِلَتْك أُمُّك يا معاذُ ! وهل يَكبُّ الناسَ في النَّارِ على وجوهِهم إلا حصائدُ ألسنتِهم)يەنى(ئى مۇئاز!بايامقى نەسىھەتلەرنىڭ ئاساسىنى سۆزلەپ بەرمەيمۇ؟
مانىڭغا ھېزى بولغىن،دەپ تىلىغا ئىشارەت قىلدى.مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى!بىز تىلىمىز ئارقىلىق سۆزلىگەنلىرىمىز تۈپەيلى ئازاپ قىلىنامدۇق؟
ۋاي ئىسىت ساڭا ئى مۇئاز،ئىنسانلار تىللىرى سادىر بولغان نەرسە تۈپەيلى جەھەننەمگە يۈزىچە تاشلىنىدۇ).
(ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى،ئىبنى ماجە ۋە ھاكىم بەيھەقى رىۋايەت قىلغان)

# c5 c4 v9 Y  U4 s5 ]: V6 x
13.ھەدىس
عن عبادة بن الصامت قال: قال صلى الله عليه و سلم:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(قولوا خيرًا تغْنموا،واسكتوا عن شرِّ تسْلَموا)يەنى(ياخشى سۆز قىلىڭلا،پايدا ئالىسىلەر. يامانلىقتىن سۈكۈت قىلىڭلا،خاتىرجەم بولىسىلەر).
(ھەيسەمى رىۋايەت قىلغان)
5 D' v9 ?" p& ~& A: S
14.ھەدىس
عن أنس بن مالك قال: قال صلى الله عليه وسلم :
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(عليْكَ بحسْنِ الخلُقِ،وطولِ الصمْتِ،فوالذي نَفْسِي بيدِهِ ما تَجَمَّلَ الخلائِقُ بِمِثْلِهِما)يەنى(گۈزەل خۇيلۇقنى،كۆپ سۈكۈت قىلىشنى ئۆزەڭگە لازىم تۇت،مىنىڭ جىنىم ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،كىشىلەر بۇ ئىككى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنالمىدى).
(ئەبۇ يەئلا ۋە ئەبۇ دۇنيا، بەززار،تەبرانى،بەيھەقى رىۋايەت قىلغان)
15.ھەدىس
عن أبي سعيد الخدري قال: قال صلى الله عليه و سلم:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(إذا أصبح ابنُ آدمَ فإنَّ الأعضاءَ كلَّها تُكفِّرُ الِّلسانَ فتقول : اتَّقِ اللهَ فينا،فإنما نحن بك، فإن استقَمتَ استقَمْنا،و إن اعوَجَجْتَ اعْوجَجْنا)يەنى(ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغان ۋاقىتتا باشقا ئەزالار تىلغا مۇنداق دەپ يالۋۇرۇدۇ,بىزلەر ھەققىمىزدە ئاللاھ تائالادىن قورۇق،چۈنكى بىز سەن بىلەن بىللە،سەن تۈز بولساڭ بىزمۇ تۈز بولىمىز،سەن ئەگىرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز).
(ئىمام تىرمىزى،ئىبنى جۇزەيمە ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).
2 W$ j! A$ J0 V# P
16.ھەدىس
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز،ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزنى مۇشۇنداق ئايال دەپ ئىشارەت قىلدى،يەنى بۇ ئىشارەتتىن پاكار دىگەننى مەقسەت قىلغان ئىدى،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىدى،
(لقد قلت بِكلمةٍ لو مَزجتِ بِها ماءَ البحرِ لَمُزجَ)يەنى(شۇنداق يامان بىر كەلىمىنى قىلدىڭىزكى، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن دېڭىز سۈيىگە ئارلاشتۇرۇلسا، ئەلبەتتە دېڭىز سۈيىنى بۇلغۇۋېتەتتى).
(ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

6 S; c1 C0 j& F! X' G) [; w- X" S
17.ھەدىس
عن المغيرة بن شعبة عن رسول الله صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ قال:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(إنَّ اللَّهَ حرَّمَ عليكم عقوقَ الأمَّهاتِ،ومنعًا وَهاتِ،ووأدَ البناتِ وَكرِه لَكم : قيلَ وقالَ،وَكثرةَ السُّؤالِ،وإضاعةَ المالِ)يەنى(جەزمەن ئاللاھ تائالا،ئانىلارغا ئاقى بولۇشنى،ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىدىن باش تارتىشىڭلارنى،ھەققى يوق نەرسىلەرنى كىشىلەردىن بىكارغا تەلەپ قىلىپ تۇرۋېلىشنى،قىزلىرىڭلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىشىڭلارن​ى ھارام قىلىندى.
سىلەرگە،كۆپ گەپ يۆتكەش،كۆپ سۇئال سوراش،ماللارنى بۇزۇپ چېچش يامان كۈرلىندى).
(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2 J3 V( @4 J% O, @2 T$ H. F5 v
18.ھەدىس
عن عمر بن الخطاب قال : قال صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(أخْوَفُ ما أخافُ على أُمَّتِي كلُّ مُنافِقٍ علِيمِ اللسانِ)يەنى(ئۈممۈتىمگە قورقۇدىغان نەرسەمنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇقراقى،تۈزۈك ئىلمى يوق بولغان گەپتان مۇناپىقتۇر).
(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)

& J3 v+ X2 q! E% y# n9 E9 B* o
19.ھەدىس
ئابدۇللا ئىبنى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم(يُكثِرُ الذِّكرَ،ويُقِلُّ اللغوَ،و يطيلُ الصلاةَ،و يُقصِرُ الخطبةَ،وكان لا يأنَفُ و لا يستكبرُ أن يمشيَ مع الأرملةِ والمسكينِ و العبدِ،حتى يَقضيَ له حاجتَه)يەنى(ئاللاھ تائالانىڭ زىكىرىنى كۆپ قىلاتتى،بىكا گەپ سۆز قىلمايتتى،نامازنى ئۇزۇنراق قىلاتتى،تەبلىغنى قىسقا قىلاتتى،قۇل،تۇل خوتۇن،مىسكىنلەر بىلەن مېڭىشتىن خىجىل ۋە چوڭچىلىق قىلمايتتى،ھەتتە شۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى قىلىپ بېرەتتى).
(ئىمام نەسەئى ۋە ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان).
+ ?9 V$ l/ ~" m
20.ھەدىس
جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم(طويلَ الصمتِ،قليلَ الضَّحِكِ)يەنى(گەپنى ئاز قىلىپ،كۆپ سۈكۈتتە تۇرىدىغان،كۈلىشى ئىنتايىن ئاز بىر زات،ئىدى).
(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

4 ^3 E" f. M. `; D& t# O
21.ھەدىس
عن أبي هريرة قال: قال رسول الله صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق،
(التَّقوَى ههُنا -ويشيرُ إلى صدرِهِ ثلاثَ مرَّاتٍ- بحسبِ امرئٍ منَ الشَّرِّ أن يحقِرَ أخاهُ المُسلمَ،كلُّ المسلمِ علَى المسلمِ حرامٌ،دمُهُ،ومالُهُ،و عرضه)يەنى(تەقۋادارلىق مانا بۇيەردە،دەپ قەلبىگە ئۈچ قېتىم ئىشارەت قىلدى.
كىشىگە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى تۆۋەن كۆرۈپ ياراتماسلىقى،شۇ تۆۋەن كۈرگۈچى كىشىنىڭ ناچا ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر،مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمانغا،ھارامدۇر،ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈشى،ئۇنىڭ مېلىنى ھەقسىزلىق بىلەن يەۋېلىشى،ئۇنىڭ يۈز ئابرويىنى تۆكۈشى ھارامدۇر).
(ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
+ n4 E  R& {) x) g9 ]$ n/ w, `
22.ھەدىس
عن أنس بن مالك قال: قال صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق،
(لا يَسْتَقِيمُ إِيمانُ عبدٍ حتى يَسْتَقِيمَ قلبُهُ،ولا يَسْتَقِيمُ قلبُهُ حتى يَسْتَقِيمَ لسانُهُ، ولا يَسْتَقِيمُ لسانُهُ ولا يدخلُ رجلٌ الجنةَ لا يَأْمَنُ جارُهُ بَوَائِقَهُ)يەنى(كىشىنىڭ قەلبى تۈزەلمىگۈچە ئىمانى تۈزەلمەيدۇ،كىشىنىڭ تىلى تۈزەلمىگۈچە قەلبى تۈزەلمەيدۇ.كىشى قوشنىلىرى ئۇنىڭ يامانلىقلىرىدىن خاتىرجەم بولمۇغۇچە جەننەتتكە كېرەلمەيدۇ).
(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

( y& B* Y0 q$ k/ E! C9 ~
23.ھەدىس
عن عبدالله بن مسعود قال: قال صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ
(سِبابُ المسلِمِ فُسوقٌ،وقتالُهُ كُفرٌ)يەنى(مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق،ئۇنى ئۆلتۈرش كۇپۇرلۇق).
(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

5 A0 A  E/ j, x$ ?" D
24.عن جابر بن عبدالله أن رسول الله صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ قال:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(إِنَّ أحبَّكُمْ إِلَيَّ أَقْرَبَكُمْ مِنِّي في الآخرةِ مَحاسِنُكُمْ أَخْلاقًا،وإِنَّ أبغضَكُمْ إِلَيَّ وأَبْعَدَكُمْ مِنِّي في الآخرةِ الثَّرْثَارُونَ المُتَفَيْهِقُونَ المُتَشَدِّقُونَ قالوا يا رسولَ اللهِ قد عَلِمْنا الثَّرْثَارُونَ والمُتَشَدِّقُونَ فما المُتَفَيْهِقُونَ قال : المتكبرونَ)يەنى(ماڭا ياخشى كۆرۈلۈدىغان ۋە قىيامەت كۈنى ماڭا يېقىن تۇرۇدىغىنىڭلار،ئەخلاقىڭلاردا  گۈزەل بولغۇنۇلار.
ماڭا ئۆچ كۈرۈلۈدىغان،قىيامەت كۈنى مەندىن يىراق تۇرىدىغىنىڭلار،پايدىسىز گەپلەرنى كۆپ  قىلىدىغانلار،كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىپ گەپ قىلىدىغانلار ۋە مۇتەكەببىرلەر).
(ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

& u* f7 ~6 [) F8 U1 |( `
25.ھەدىس
ئەبى دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،مەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ(ما شيءٌ أثقَلَ في ميزانِ المؤمِنِ يومَ القيامَةِ من خُلُقٍ حسنٍ ، فإِنَّ اللهَ تعالى يُبْغِضُ الفاحِشَ البذيءَ)يەنى(قىيامەت كۈنى مۆمىن بەندىنىڭ تارازىسىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر كىلىدىغان نەرسە يوق،چۈنكى ئاللاھ تائالا،ناچار،پەس قېلىقلارغا ۋە سۆزلەرگە غەزەپ قىلىدۇ).
(ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

: {( f* Z2 t. {: x$ D7 u
26.عن علي بن أبي طالب قال: قال صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ :
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(إنَّ في الجنَّةِ غُرفًا تُرَى ظُهورُها من بطونِها وبطونُها من ظُهورِها فقامَ أعرابيٌّ فقالَ لمن هيَ يا رسولَ اللَّهِ فقالَ لمن أطابَ الكلامَ وأطعمَ الطَّعامَ وأدامَ الصِّيامَ وصلَّى باللَّيلِ والنَّاسُ نيامٌ)يەنى(جەننەتتە ئىچىدىن تېشى،تېشىدىن ئىچى،ئاستىدىن ئۈستىنى،ئۈستىدىن ئاستىنى كۆرنۈپ تۇرىدىغان بىر ئالاھىدە گۈزەل بىر سارايلار بار،دىدى.بىر يېزىلىق بىر ئادەم،ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى!ئۇ كىملەر ئۈچۈن؟دەپ سورىدى،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم،سۆزىنى گۈزەل قىلغان،يىتىم يىسىرلارغا تائام بەرگەن،كۆپ رۇزا تۇتقان،كىشىلەر ئۇخلاپ قالغاندا كىچىسى ناماز ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر).
(ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
2 F- b9 M% F4 d$ U( [  w$ h1 @
27.ھەدىس
عن عبدالله بن عمرو قال:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە،ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى!ئىنسانلارنىڭ قايسىسى ئەڭ ئەۋزەل دەپ سورالدى.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم(كلُّ مخْمومِ القلبِ،صدُوقُ اللسانِ . قالُوا : صدُوقُ اللِّسانِ نعرفُه ، فما مخمومُ القلبِ ؟ قال : هو التقيُّ النقيُّ،لا إِثمَ فِيه،ولا بَغْيَ،ولا غِلَّ،ولا حَسَدَ)يەنى(ھەر مەخمۇم قەلىپلىق،راسچىل تىللىق،كىشى دەپ جاۋاپ بەردى.ساھابىلەر،راسچىل تىللىقنى بىلىمىز.ئەمما مەخمۇم قەلىپلىق دېگەن نىمە؟دەپ سورىدى.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم،ئۇ قەلىپ پاك پاكىزىدۇر،ئۇنىڭدا گۇناھ يوقتۇر،ئۇنىڭدا تاجاۋۇزلۇق يوقتۇر،ئاداۋەت ۋە ھەسەتخورلۇق يوقتۇر،دەپ جاۋاپ بەردى).
(ئىبنى ماجە،بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

  }' `0 W0 E8 B
28.ھەدىس
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى!ماڭا ۋەسىيەت قىلغىن،دىدى.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىدى(اعبدِ اللهَ كأنَّك تراه، واعدُدْ نفسَك في الموتَى،وإن شئتَ أنبأتُك بما هوَ أملَكُ بكَ مِن هذا كلِّه ؟قال:هذا . . وأشار بيدِه إلى لسانِهِ)يەنى(سەن خۇددى ئاللاھ تائالانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلغىن،ئۆلۈمگە تاييارلىق قىلغىنئەگەر خالىساڭ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى سۆزلەپ بىرەيمۇ؟دىدى ۋە مۇشۇدۇر،دەپ تىلىغا ئىشارەت قىلدى).
(ئەبى دۇنيا رىۋايەت قىلغان).
% M8 Y* Y4 g6 n7 o: x- A' w) |. y
29.ھەدىس
عن أبي هريرة قال: قال صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(إنَّ أحبَّكم إليَّ أحاسنُكم أخلاقًاَ وإنَّ أبغضَكم إليَّ المَشَّاؤونَ بالنَّميمةِ المُفرِّقونَ بين الأَحِبَّةَِ)يەنى(سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ ياخشى كۈرەلگەكراقىڭلا​ر ئەخلاقىلار ئەڭ ياخشى بولغانلىرىڭلار.ماڭا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلگەكراقىڭلا​ر،چېقىمچىلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۆز ئارا مەھبۇب دوسلارنى ئايرىۋاتقۇچىلار).
(ئىمام تەبرانى رىۋايەت قىلغان).
3 b) E. y: F3 P  r
30.ھەدىس
عن أبي أمامة الباهلي عن رسول الله صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ،
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(الحياءُ و العَيُّ شُعبتانُ من الإيمانِ،و البَذاءةُ و البَيانُ شُعبتانِ من النِّفاقِ)يەنى(ھايا ۋە ئاز سۆلۈك بولۇش ئىماندىن ئىككى شاخچىدۇر.ناچار سۆزلۈك ۋە پايدىسىز گەپلەرنى كۆپ قىلىش،مۇناپىقلىقتىن ئىككى شاخچىدۇر).
(ئىمام تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.)
" [, w' @+ S3 A2 F
31.ھەدىس
عن أبي هريرة عن النبي صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ قال:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(إن اللهَ كتب على ابنِ آدمَ حظَّه من الزنا،أدرك ذلك لا محالةَ، فزنا العينِ النظرُ،وزنا اللسانِ المنطقُ ، والنفسُ تتمنى وتشتهي، والفرجُ يصدقُ ذلك كلَّه أو يكذبُه)يەنى(جەزمەن ئاللاھ تائالا ئادەم بالىسىغا زىنادىن بىر نىسىۋە يېزىۋەتتى،بەندە ئۇنىڭغا يۇلۇقماي قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،كۆزنىڭ زىناسى قاراش،تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش،نەفىس ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئىشتىھا قىلىدۇ،ئەۋرەت يا شۇلارنى ئەمەلىيەتكە چىقىرىدۇ يا ئەمەلىيەتكە چىقارمايدۇ).
(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

5 v2 C4 h3 ]3 F6 e
32.ھەدىس
عن أبي هريرة أن رسول الله صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ قال:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم،مۇپلىس دىگەن نىمە ؟ دىدى.ساھابىلەر،مۇپلىس دىگەن،بىزلەرنىڭ ئىچىمىزدە پۇلى ۋە مېلى يوق نامرات ئادەمنى دەيمىز دىدى.
(إنَّ المفلسَ من أمَّتي، يأتي يومَ القيامةِ بصلاةٍ وصيامٍ وزكاةٍ،ويأتي قد شتم هذا، وقذف هذا،وأكل مالَ هذا، وسفك دمَ هذا، وضرب هذا، فيُعطَى هذا من حسناتِه وهذا من حسناتِه. فإن فَنِيَتْ حسناتُه ، قبل أن يقضيَ ما عليه، أخذ من خطاياهم فطُرِحت عليه،ثمَّ طُرِح في النَّارِ)
(پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىنىڭ ئۈممىتىمدىكى ھەقىقى مۇپلىس،قىيامەت كۈنى،ناماز،روزا،زاكاتلارنىڭ ساۋابى بىلەن كىلىدۇ،لىكىن ئۇ كىشى،مانى   تىللىغان،مانىڭغا تۆھمەت چاپلىغان،مانىڭ مېلىمنى ھەقسىزلىق بىلەن ئېلىۋالغان،مانىڭ قېنىنى ھەقسىزلىق بىلەن تۆككەن،مانى ھەقسىزلىق بىلەن ئۇرىۋالغان،شۇنىڭ بىلەن بۇ داۋا ئىگىلىرىگە،شۇ جىنايەتخورنىڭ ساۋاپلىرىدىن ئېلىپ بىرىلىدۇ،ئۇنىڭ ساۋاپلىرى،داۋا ئىگىلىرى تۈگىمەستىن تۈگەپ كىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋا ئىگىلىرىنىڭ جىنايىتىنى،شۇ جىنايەتخورنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەھەننەمگە تاشلىنىلىدۇ).
(ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)
8 s; W' f  f2 k. K% v) }, o: c3 U3 C8 [
33.ھەدىس
عن أبي هريرة قال: قال النبي صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ :
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(إنَّ اللهَ تجاوزَ لي عن أُمَّتِي ما وسوستْ بهِ صدورها، ما لم تعملْ أو تكلَّمْ)يەنى(جەزمەن ئاللاھ تائالا ئۈممۈتىمنىڭ قەلىپلىرى ۋەسۋەسىگە سالغان نەرسىلىرىنى،مادامىكى ئەمەلىيەتتە قىلمىسا ياكى سۆزلىمىسە،ئەپۇ قىلىۋەتتى).
(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
5 X9 ?* x' q6 r6 U
34.ھەدىس
عن أبي هريرة قال: قال النبي صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(أهونُ الرِّبا كالذي ينكِحُ أُمَّه، و إنَّ أرْبى الرِّبا استطالةُ المرءِ في عِرضِ أخيه)يەنى(جازانىخورلۇقنىڭ ئەڭ يەڭگىلى،ئۆز ئانىسى بىلەن بىر يەردە بولۇشتۇر،ئۇنىڭ ئەڭ يامىنى كىشىنىڭ ئۆز مۇسۇلمان  قېرىندىشنىڭ يۈز ئابرويىغا تاجاۋۇز قىلىشتۇر).
(بەيھەقى ۋە بەززار رىۋايەت قىلغان).
2 j4 |' n: t( ?8 @" L
35.ھەدىس
ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەرگە چىقتى ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇنداق دەپ توۋلىدى،
(يا مَعشرَ مَن أسلمَ بلِسانِهِ ولم يُفضِ الإيمانُ إلى قَلبِهِ، لاَ تؤذوا المسلِمينَ ولاَ تعيِّروهم ولاَ تتَّبعوا عَوراتِهِم، فإنَّهُ مَن تَتبَّع عورةَ أخيهِ المسلمِ تَتبَّعَ اللَّهُ عورتَهُ، ومَن تتبَّع اللَّهُ عورتَهُ يفضَحْهُ ولَو في جَوفِ رَحلِهِ)يەنى(ئى تىلىدا مۇسۇلمان دەپ قويۇپ،ئىمان قەلبىگە كىرمىگەن كىشىلەر!مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بەرمەڭلا!ئۇلارنى ئەيىپلىمەڭلا!ئۇلارنىڭ ئەيىپلىرىنى ئىزدەپمۇ يۈرمەڭلا!كىم بىر مۇسۇلمان قېرىندىشنىڭ ئەيىپىنى ئىزدەيدىكەن،ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئېيىپلىرىنى ئىزدەيدۇ،كىمنىڭ ئېيىپلىرىنى ئاللاھ تائالا ئىزدىسە،ئۇ كىشى ئۆيىدە بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى رەسۋا قىلىۋېتىدۇ).
(ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان).

" I9 `* v/ G0 P8 P* W* C
36.ھەدىس
مۇئاۋىيە ئىبنى ھەيدەتۇل قۇشەيري،مەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق ئاڭلىدىم،
(ويلٌ للذي يحدِّثُ بالحديثِ لِيُضحِكَ بهِ القومَ فيكذِبَ، ويلٌ لهُ،ويلٌ له)يەنى(كىشىلەرنىڭ كۈلىشى ئۈچۈن يالغان سۆزلىگەن كىشىلەرگە قاتتىق ئازاپ بولسۇن،قاتتىق ئازاپ بولسۇن،قاتتىق ئازاپ بولسۇن).
(ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

! Q* n3 Z0 V4 m  Q. D* c
37.ھەدىس
عن أبي هريرة أن النبي صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ قال:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(كفى بالمرءِ إثمًا أن يحدِّثَ بكلِّ ما سمِعَ)يەنى(كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكىن نەرسىلەرنى سۆزلەپ يۈرگەنلىكى ئۇنىڭ گۇناھكار بولغانقىغا يىتەرلىكتۇر).(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)
ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايەتتىدە،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،(كفى بالمرءِ منَ الكذبِ أن يحدِّثَ بِكُلِّ ما سمعَ)يەنى(كىشىنىڭ يالغانچى بولىشىغا،ئۇنىڭ ئاڭلىغانلىكىن نەرسىلەرنى سۆزلەپ يۈرىشى يىتەرلىكتۇر).دىگەن.

5 b% N" n2 K+ L' b
38.ھەدىس
عن أبي أمامة الباهلي قال: قال صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(أنَا زَعِيمُ بَيتٍ في رَبَضِ الجنةِ،لِمَنْ تَرَكَ المِراءَ و إنْ كان مُحِقًا،وبَيتٍ في وسَطِ الجنةِ لِمَنْ تَرَكَ الكَذِبَ و إنْ كان مازِحًا ، و بَيتٌ في أعلى الجنةِ لِمَنْ حَسُنَ خُلُقُهُ)يەنى(مەن،ھەق ئۇنىڭ تۇرۇپمۇ،جىدەلنى تەرىك ئەتكەن كىشىگە،جەننەتنىڭ ئەڭ ئالى يىرىدىن بىر ئۆيگە كېپىل.مەن،چاخچاق قىلىپ بولسىمۇ يالغاننى تەرىك ئەتكەن كىشىگە جەننەتنىڭ ئەڭ ئوتتۇرسىدىن بىر ئۆيگە كېپىل.مەن،ئەخلاقىنى گۈزەل قىلغان كىشىگە،جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدىن بىر ئۆيگە كېپىل).
(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)
: R/ D- J' @. E% W( Z3 [# b: \+ M
39.ھەدىس
عن عبدالله بن مسعود قال: قال صلَّى اللَّهُ عليهِ وسلَّمَ:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(ليس المؤمنُ بالطعَّان و لا اللعَّانِ و لا الفاحشِ و لا البذيءِ)يەنى(مۆمىن تەنە قىلغۇچى،لەنەت قىلغۇچى،سەت قېلىق قىلغۇچى،سەت گەپ قىلغۇچى بولمايدۇ).
(ئىمام بۇخارى،ئىمام ئەھمەد،ئىبنى ھەببان،ھاكىم رىۋايەت قىلغان)
7 n5 _' F% C4 |2 N" S
40.ھەدىس
عَنْ أَبى ھورَيْرَةَ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ،
(الحَيَاءُ مِنَ الإِيمَانِ،وَالإِيمَانُ فِي الجَنَّةِ،وَالبَذَاءُ مِنَ الجَفَاءِ، وَالجَفَاءُ فِي النَّارِ)يەنى(ھايا ئىماندىندۇر،ئىمان جەننەتكە مەنسۇپتۇر،ناچار سۆز،جافادىندۇر،جافا جەھەننەمگە مەنسۇپتۇر).
(ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
- j7 ]/ t+ `  Q) N
ئەزىز قېرىنداشلىرىم بۇ ھەدىسلەرنى ئوقۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقىنى ئىنتايىن گۈزەل قىلايلى،بولۇپمۇ تىلىمىزنى ئىنتايىن ساقلايلى!
ئىككى دۇنيالىق ئىشلاردا بەخىت-سائادەتكە ئېرىشەلەيمىز.                 ئەھمەد ئۈمۈدۋار                                  2018/2/11


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-7-23 23:08 , Processed in 0.166134 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش