مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 0

ئەلەق سۈرىسىنىڭ باشتىكى بەش ئايىتىنىڭ تەپسىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

0

دوست

206

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 120
تۆھپە : 20
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2018-3-6 03:27:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   meripet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-3-13 17:22  
# F7 m+ M4 n6 Z0 |5 J/ J$ l
4 Q3 ?* a& Y1 s7 y% w$ S
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

' |8 x& [% T9 W& gالحمد لله،والصلاة السلام على رسول لله،وعلى اله،واصحابه ومن اتبع هدى.+ v* g4 }% h, r. i
5 V) V: k1 {" i$ g! \! E+ S! Y
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. جىمى گۈزەل ماختاش ۋە مەدھىيلەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. دۇرۇت-سالاملار ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.

# i* A3 Y8 @, \1 q+ Q
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ/ p- \: p/ t2 B% w
: |3 H8 h) z# C* F4 x% {
﴿اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَق خَلَقَ الإِنسَانَ مِنْ عَلَق اقْرَأْ وَرَبُّكَ الأَكْرَم الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَم عَلَّمَ الإِنسَانَ مَا لَمْ يَعْلَم﴾9 }% l- o" d/ `) \% E

) k- R4 F! ~7 Z4 _) n1 A# g
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
% n  q1 c% X9 j; Y# l7 `
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.  (ياراتقـان پەرۋەردىگارىڭنىـڭ ئىسـمى بىـلەن ئوقـۇغىن،ئـۇ ئىنسـاننى لەختە قانـدىن  يــاراتتى، ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر، ئۇ قەلەم بىلەن(خەت يېزىشنى) ئـۆگەتتى، ئىنسـانغا ئۇ بىلمىــگەن نەرسىلەرنى بىلــدۈردى) [ئەلەق سۈرىسىنىڭ1-ئايىتىدىن5-ئايىتىگىچە]. بۇ بەش ئايەت پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇنجى بولۇپ نازىل بولغان ئايەتلەردۇر. بۇ سۆزىمىزگە ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس دەلىل بولالايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاللاھ تائالا تەرپىدىن  قىلىنغان ۋەھى،ئالدى بىلەن ئۇيقۇدىكى ياخشى چۈش بىلەن باشلانغان،پەيغەمبىرىمىز بىرە چۈشنى كۆرسىلا،ئۇ چۈش ئوپ ئۇچۇق ئەمەلىيەتتە كۆرىلەتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز خالى ئادەم يوق يەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى ۋە يىمەك-ئىچمەكلىرىنى ئېلىپ غارى ھىراغا چىقىپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.ئەگەر يىمەك-ئىچمىكى تۈگىسە يەنە خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزنىڭ قېشىغا قايتىپ يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يەنە شۇ غارى ھىراغا چىقىپ ئىبادەت قىلاتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇ غارى ھىرادىكى ئىبادەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ھەق كەلدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە (ئوقۇ)دىدى،پەيغەمبىرىمىز(مەن ئوقۇيالمايمەن) دىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزنى قاتتىق سىقتى،بىردەمدىن كىيىن قويۇپ بەردى ۋە يەنە(ئوقۇ)دىدى،پەيغەمبىرىمىز(مەن ئوقۇيالمايمەن)دىدى،جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام يەنە ئىككىنچى قېتىم پەيغەمبىرىمىزنى قاتتىق سىقتى،بىردەمدىن كىيىن قويۇپ بېرىپ،يۇقارقى ئەلەق سۈرىسىنىڭ باشتىكى بەش ئايەتنى ئوقۇ دىدى،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ بەش ئايەتنى ئوقۇدى.
. H4 [2 T- M" I. c1 ?! \6 b2 I
ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھ،ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:بۇ ئەلەق سۈرىسىنىڭ باشتىكى بەش مۇبارەك ئايەتى كەرىمىلەر بولسا،ئاللاھ تائالا تەرپىدىن بەندىلەرگە بىرىنچى بولۇپ قىلىنغان رەھىمىتىدۇر ۋە بەندىلەرگە بىرىنچى بولۇپ قىلىنغان بۈيۈك بىر نىئمىتىدۇر. ئۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئابى مەنىدىن  ياراتقانلىقى ئۇقتۇردى. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئىھسانلىرىنىڭ قاتارىدىن،ئۇنىڭ بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئۆگەتكەنلىكىنى،ئىنساننى ئىلىم بىلەن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك قىلغانلىقى بايان قىلدى. ئىلىم بولسا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى بىرىنچى بولۇپ پەرىشتىلەردىن ئۇلۇغ قىلغان ئىدى. ئىلىم بولسا بەزىدە ئىنسانلارنىڭ زىھنىدە،بەزىدە تىللىرىدا،بەزىدە كىتاپلارغا يېزىلىپ قالدۇرۇلغان بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئەلەق سۈرىسىنىڭ باشتىكى بەش ئايىتىدە،ئىلىم ئوقۇشقا بۇيرۇپ بۇلۇپ،ئۇ ئىلمنى ياكى سۆزلەپ ياكى يېزىپ ئوقۇلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
5 r4 t; S) \0 p; Q( y' ~
بۇ بەش ئايەت بىرىنچى بولۇپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاللاھ تائالا تەرپىدىن نازىل بولغاچقا،ئەلبەتتە نۇرغۇن مۇھىم مەنا ۋە مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولىدۇ.ئۇنداق بولسا ئالىملارنىڭ بۇ بەش ئايەت ھەققىدە توختالغان مەزمۇنلىرىغا قاراپ باقايلى:
1.ئاللاھ تائالا تەرپىدىن ۋەھى قىلىنغان بىرىنچى سۆز(ئوقۇ)دىگەن سۆز بولىدى.ئەمما بۇ(ئوقۇ)دىگەن سۆزنىڭ ئارقىسىدىن نىمىنى ئوقۇيدىغانلىقى سۆزلىمىدى.بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ھەرقانداق پايدىلىق ئىلىم بولسا،ئۇنى ئوقۇش ئىسلامدا بۇيرۇلغانلىقى ئىشارەت قىلىندى.
3 N, J: O8 c8 _+ c; f
2.ئاللاھ تائالا يەنە شۇ بىرنچى ئايەتتە،ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ،دىدى.بۇنىڭغا ئاساسەن ھەربىر ئوقۇغۇچى،مەيلى ئۇ قانداق ئىلىم ئوقۇسۇن،ئۆزىنىڭ شۇ ئۇقۇشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى كۆزلەيدىدىكەن،مۆمىن-مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئىش قىلىشنى ئويلايدىكەن،ئۇ ھەقىقى مەنپئەتلىك ئىلىم ئوقۇغان بۇلۇپ،ئىككى دۇنيادا بەخىتلىك بولىدۇ.
ئەگەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا،يەنى ئۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇغان ئىلمىدا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كۆزلىمەيدىكەن،ئۇ مەنپئەتسىز ئىلىم ئوقۇغان بولۇپ،ئىككى دۇنيادا زىيان تارتىدۇ.
4 }: k# x# i- F' w1 O: O8 H5 g0 u
- L' Q, _) v& g: P
3.ئىككىنچى،ئۈچىنچى،تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇكى،  ئى ئىنسان سەن ئوقۇدۇڭ،نۇرغۇن بىلىم ساھىبى بولۇپ،دوكتۇر،فىراپپىسۇر بولدۇڭ،شۇنداق چوڭ مەرتىۋىلىك كىشى بۇپ كەتسەڭمۇ،ئۆزەڭنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغىنكى،باشتا سىنى ئاللاھ تائالا ئاتاڭ ئادەمنى لايدىن،ئاندىن كېيىن سىنى ئەرزىمەس مەنى سۇدىن ياراتقان. ۋە يەنە شۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىنكى،سىنى شۇنداق بىلىم ساھىبى قىلغىنى شۇ كەرەملىك زات ئاللاھ تائالادۇركى،ئۇ ئىنسانلارغا قەلەمنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى ئۆگەتكەن،ئۇ ئىنسانلارغا بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرگەندۇر.
0 Q# r4 A0 i% v9 r7 t$ C

* r* a0 m# {. f( H4 u3 a! Y  {
بۇ سۆزۈمگە ئىشەنمىسەڭ مۇنۇ ئايەتلەرگە قارا، ﴿ وَاللّهُ أَخْرَجَكُم مِّن بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لاَ تَعْلَمُونَ شَيْئًا وَجَعَلَ لَكُمُ الْسَّمْعَ وَالأَبْصَارَ وَالأَفْئِدَةَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُون﴾

, w$ Y+ S9 \( E6 l
- y. j/ v, e% E3 U3 H
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
[الله سـىلەرنى ئاناڭلارنىـڭ قارنىـدىن ھـېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھـالىتىڭلار بىـلەن چىقـاردى، االله سـىلەرگه شـۈكۈر قىلسـۇن دەپ،قـۇلاق،كـۆز ۋه يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى](نەھل سۈرىسىنىڭ78-ئايىتى) يەنى ئى ئىنسان سەن ئاناڭنىڭ قورسىقىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىڭدا ھېچنەرسىنى بىلمەيتتىڭ،ئاللاھ تائالا ساڭا ئىلىم ئۆگۈنۈشتە بىردىن بىر مۇھىم رول ئوينايدىغان قۇلاق،كۆز،قەلىپ ئاتا قىلدى.ئەگەر ئاللاھ تائالا بەرگەن بۇ ئەزالىرىڭ بىلەن ياخشى ئىلىم ئوقۇمىساڭ ياكى ياخشى ئوقۇساڭمۇ ياراتقان رەببىڭنى تونۇپ شۈكرى قىلمىساڭ،شۇنى بىلىپ قويغىنكى سىنىڭ جايىڭ جەھەننەمدۇر.

1 z2 f4 }2 F: n. d: o
4.ئاللاھ تائالانىڭ(ئوقىغىن سىنىڭ رەببىڭ بەكمۇ كەرەملىك سېخى زاتتۇر،ئۇ ئىنسانغا قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى،بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈردى). بۇ ئايەتلەر ھەققىدە ئىمام قۇرتۇبى،تابىئىنلاردىن مەشھۇر تەپسىر شۇناس ئىبنى قەتادەنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ، «قەلەم ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا نىئمەتلىرى قاتارىدىندۇر،ئەگەر قەلەم بولمىغان بولسا دىن ۋە دىنى ئىلىملار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالمىغان،ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار يۈزبەرگەن بولاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كاتتا كەرەملىك سېخى زات ئىكىنلىكىنى دەپ بولۇپلا بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە،ئىنساننى ياراتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى،ئۇنىڭغا بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

# b- i; v" w. k6 F# H  i* [
5.ئاللاھ تائالانىڭ(ئۇ ئاللاھ ئىنسانغا قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى)دىگەن ئايىتى ھەققىدە،يەنە ئىمام قۇرتۇبى،ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە تابىئىنلاردىن مەشھۇر تەپسىر شۇناس ئىبنى قەتادەنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ،(ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە،يېزىقچىلىق ئىلمىنىڭ پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا،ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلدى. مەسىلەن: ئىلىملەرنىڭ توپلىنىشى، ئۇنىڭ بېشىدا قۇرئان كەرىم ۋە نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر،ھىكمەتلىك سۆزلەر،ئىلگىركىلەرنىڭ تارىخى ۋە ماقالىلىرى). ئۇ ئىمام قەتادە يەنە مۇنداق دەيدۇ، ئەگەر قەلەم بولمىغان بولسا ئىدى،دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك نۇرغۇن ئىشلار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىلمىغان بۇلاتتى. ئىمام قۇرتۇبى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ، ئۆلىمالىرىمىز مۇنداق دىدى: قەلەملەر ئەسلىدە مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ،
& n: b% x( a  A  [; r, h; [) o( f
+ Z0 [! \% _- {6 U/ H
1.ئاللاھ تائالا ئۆزى بىرىنچى بولۇپ ياراتقان قەلەم بۇلۇپ،ئۇنىڭ بىلەن لەۋھۇل مەھپۇزنى يازغۇزغان قەلەمدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئۇبادەتىمنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ(ئاللاھ تائالا بىرىنچى بولۇپ ياراتقان نەرسە قەلەمدۇر،ئاللاھ تائالا قەلەمگە،ياز!دىدى،قەلەم نىمىنى يازىمەن؟دىدى،ئاللاھ تائالا،قىيامەت كۈنىگىچە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياز دىدى).

0 ~7 v8 @; G7 r

5 U, y' W' G7 Z- k( J6 e/ k3 O
2.پەرىشتىلەرنىڭ قەلىمى.
بۇ قەلەمنى ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنىڭ قولىدا قىلغان بۇلۇپ،پەرىشتىلەر ئۇ قەلەم بىلەن باشتا،ئۇ ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىغا تۆرەلگەن ۋاقتىدا،ئۇنىڭ ئەجىلىنى،ئۇنىڭ رىزىقىنى، ئۇنىڭ بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز ئىكەنلىكىنى يازىدۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن يەنە ئۇ ئىنساننىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى خاتىرلەيدۇ.

5 K& s3 Z6 _. p, V5 @& R

! j" f- B5 _1 Q0 W; h: w' [
3.ئىنسانلارنىڭ قەلىمى.
بۇ قەلەمنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قولىدا قىلغان بولۇپ،بۇ قەلەم ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ماڭىدۇ.
. n5 e- i6 j9 q0 @* N! [+ m
6.ئاللاھ تائالا (ئوقۇ)دىگەن سۆزنى ئىككى قېتىم تەكرارلاپ ئۆتتى،ئاندىن كېيىن قەلەمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.بۇنىڭدىن شۇ ئىشارەت قىلىندىكى،ئىلىم ئوقۇغۇچى ئىلىمنى بىر قېتىم ئوقۇپلا كۇپايىلەنمەسلىك،ئىككى ئۈچۈن قېتىم ئوقۇپ ئۇنى زىھنىگە قاچىلىشى كېرەك.ئىلىم ئىنساننىڭ زىھنىگە قاچىلانغاندا،ئۇ ئىلىمنى ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەت قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنى ھېچكىم تارتېۋالالمايدۇ.ئەگەر  زىھنىگە ساقلاپ بولالمىغىنى بولسا،ئۇنى يېزىپ ساقلىشى كېرەك،بۇمۇ ئىلىمنىڭ زايا بولۇپ كەتمەسلىكىنىڭ مۇھىم بىر  سەۋەبى.
  
7.ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەلەق سۈرىسىنىڭ باشتىكى بەش ئايەتىدە شۇ ئىشارەت قىلىنىدۇكى، ياخشى ئىلىم ساھىبى بولۇش ئۈچۈن بىر ئىلىمنى ياكى بىرە كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىلىمىنى ياكى ئۇ كىتاپنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇش كېرەك ۋە ئۇنى يېزىپ ئۈگىنىش كېرەك،ئۇنداق بولغاندا ئىلىم ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ زىھنىگە ياخشى ئورۇنلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستازلىرىمىز شۇنداق دەيتتى، كىتاپلارنى بىر قېتىملا ئوقۇپ كۆپ كىتاپ ئوقۇغاندىن،ئاز بولسىمۇ كىتاپلارنى بىر قانچە قېتىملاپ ئوقۇش ئىنتايىن پايدىلىق. كىتاپ ئوقۇشتىكى مەقسەت جېق كىتاپ ئوقۇش ئەمەس،ئاز كىتاپ ئوقۇسىمۇ،چۈشۈنۈپ،مۇلاھىزە قىلىپ،زىھنىگە قاچىلاپ ئوقۇش مەقسەتتۇر.
شۇنداق قىلغان ۋاقىتتا بىز كىتاپلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز.

- E% \, B$ D! {% }% I7 e
8.بۇ سۈرە(ئۇقۇ) دەپ باشلاندى،(ئاللاھقا سەجىدە قىلغىن،شۇ ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنچىلىق ھاسىل قىلغىن)دەپ ئاخىرلاشتى.بۇنىڭدىن شۇ ئىشارەت قىلىندىكى،ئۇقۇش ئۇ ئەمەل بىلەن بىللە بولىشى كېرەك. ئوقۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغۇچى،خۇددى نۇرغۇن كىتاپلارنى ئۈستىگە ئارتىپ قويۇلغان ئىشەككە ئوخشايدۇ،ئىشەك ئۇ كىتاپلاردىن پايدىلىنالمىغىنىدەك، ئۇمۇ نۇرغۇن ئىلىملەردىن پايدىلىنالمىدۇ.
5 m1 M& K! B1 r" Q' q
9.ئۆلىمالار يەنە شۇنداق دەيدۇكى، ئەرەپلەر ئىسلام كىلىشتىن ئىلگىرى رىۋايەتلەرگە ئەھمىيەت بېرەتتى،ئۇلار شېئىر،نەسەب،خۇتبە ۋە خەۋەرلەرنى پەقەتلا يادا ئېلىۋېلىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى،ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن شېئىر ۋە باشقا نەرسىلەرنى يادا ئېلىۋېلىش بىلەن مەشھۇر شەخىسلەر بار ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېزىقچىلىق بىلىدىغان،خەت يازالايدىغانلار ئىنتايىن ئاز،كىتاپلارمۇ ئىنتايىن ئاز ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئاللاھ تائالا بۇ ئەلەق سۈرىسىنىڭ باشتىكى بەش ئايەتىدە،ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئالاھىدە سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنى بۇنىڭغا قىززىقتۇردى.

0 _  ?& z4 c/ o

; `# \) U' {' B0 B7 J1 i) n  q; n
باشقا ئايەتلەردە ئۇلارنى يەنى ئەرەپلەرنى ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان خەلق دەپ سۈپەتلىگەن، ئۇ ئايەت بولسىمۇ، {هو الذي بعث في الأميين رسولا منهم}،
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى،
[الله ئۇمميلەرگە(يەنى يېزىشـنى ۋه ئوقۇشــنى ئۇقمايــدىغان ئەرەپلەرگە) ئۇلارنىــڭ ئىچىــدىن بىــر پەيغەمبەرنى(يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)ئەۋەتتى)." y8 f. K, L# N2 i8 ?

6 I1 ~+ {, y, h3 I$ T7 O3 i+ B
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۆز ۋاقتىدا ساھابىلىرىنى سۈپەتلەپ، (بىز ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان بىر ئۈممەت)دىدى. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

4 p. m' P1 s+ F$ r% b' `1 E" o. ?
ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتكە يۇقارقى ئەلەق سۈرىسىنىڭ باشتىكى بەش ئايەتنى نازىل قىلغاندىن كېيىن،ئەرەپلەر ئوقۇش ۋە يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى،ھەتتا بەدىر ئۇرىشىدا ئەسىرگە چۈشكەن يەھۇدىلەرگە،مۇسۇلمانلارنىڭ باللىرىدىن ئون بالىغا ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگۈتۈپ قويۇش بەدىلىگە ئۆزىنى ئازات قىلىشنى شەرت قىلدى.
' A4 C1 y- q  ?: J
شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەرمۇ باللىرىغا ئوقۇش يېزىشنى ئۆگۈتۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى،ھەتتا سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئاپىسى پەيغەمبىرىمىزنىڭ قېشىغا ئەكىلىپ،ئى ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى!بۇ بالام ئوقۇش يېزىشنى ياخشى بىلىدۇ،بۇنى ئۆز خىزمەتلىرىگە ئىشلەتسىلە دېدى. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەپ ئۇلۇغ بىر خىزمەتكە ئىشلەتتى،ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا تەرپىدىن نازىل بولغان قۇرئان كەرىمنى خاتىرلەش خىزمىتى ئىدى. بۇ ساھابىنىڭ بۇنداق ئۇلۇغ خىزمەتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىشلىك بولغان.

8 J! z+ R2 y3 A7 J0 w
شۇنداق قىلىپ ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگۈنۈش ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئىش بولۇپ كەتتى،قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەدىس شەرىپنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يېزىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېتىشتى،پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم(مەندىن پەقەت قۇرئان كەرىمنىلا يېزىۋېلىڭلار،كىم مەندىن قۇرئان كەرىمدىن باشقا ھەدىسلەرنى يېزىۋالغان بولسا ئۆچۈرۋەتسۇن)دىدى،بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى  قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسلەرنىڭ ئارلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىك ئىدى. شۇنداق قىلىپ قۇرئان كەرىمنى ساھابىلەر تاشلارغا،تىرىلەرگە،رەخلەرگە،دەرەخنىڭ قاۋزىقى ۋە يۇپۇرماقلىرىغا يېزىۋېلىشتى.
7 @% U4 e/ z, I9 q2 b  {$ {, g: D
$ y; b4 z- [+ v' W2 U$ ?) ^& S- z
: u& f. y$ {" A
شۇ ھالەتتە قۇرئان كەرىم تاماملاندى،پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇنيادىن كەتتى،قۇرئان كەرىم بەزى ساھابىلەرنىڭ قەلبىدە ۋە بايامقى ھەرخىل نەرسىلەردە پارچىمۇ-پارچە يېزىغلىق ھالەتتە قالدى. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپەتلىك دەۋىرىدە يەمامە ئۇرۇشى بولدى،بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن قارى ساھابىلەر شېھىت بولۇپ كەتتى،بۇنى كۆرگەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ۋە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كېلىپ،ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنىڭ خەلىپىسى،يەمامە ئۇرىشىدا نۇرغۇن قارىلار شېھىت بولۇپ كەتتى،مەن بۇنىڭغا قاراپ قۇرئان كەرىم زايا بولۇپ كېتىپ، كىيىنكى ئەۋلادلار قۇرئانسىز قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن،ئەگەر خالىسىڭىز قۇرئان كەرىمنى بىر يەرگە جۇغلاپ كىتاپچە قىلىپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،دىدى.
& T; A0 J% T( Y3 p( o
% S& @4 M- e& P  ^1 \4 j% [$ q) w$ C
ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، بۇ قۇرئان كەرىمنى بىريەرگە جۇغلاش ئىشى،پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋىردى بولمىدى،پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىشنى قىلىشىمىزغا ھەم بۇيرىمىدى،ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ ئىشنى قىلالمايمەن،دىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ،ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىرقانچە قېتىم يالۋۇرۇپ،بۇ ھەرگىز خاتا ئىش بولمايدۇ،بۇ ھەقىقەت ياخشى ئىش دەپ تۇرۋالدى،ئاخىرى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلدى ۋە ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەخسۇس قۇرئان كەرىمنى يېزىشقا مەسئۇل قىلغان ساھابى،سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ،بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى،سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ،ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش باشتا قۇبۇل قىلمىدى ۋە،ئى ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىنىڭ خەلىپىسى ئەگەرمىنى بۇ ئىشقا بۇيرىغاننىڭ ئورنىغا،ما ئوھۇد تاغىنى ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۆتكەشكە بۇيرىغان بولسىلا،ماڭا ئاسنراق تۇيلاتتى دىدى.
  ~! L& n4 z6 b" L' v' m
ئاخىرى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قايىل قىلدى ۋە ئۇنى باش مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەپ،بىرقانچە ياردەمچى ساھابىلەرنى قوشۇپ بېرىپ قۇرئان كەرىمنى بىر يەرگە جۇغلاشنى ئەمەر قىلدى. شۇنداق قىلىپ قۇرئان كەرىم بىرىنچى بولۇپ،ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپەتلىك دەۋرىدە بىر يەرگە جۇغلاندى. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا ئۇ قۇرئان كەرىم،ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزغا تاپشۇرۇلدى،ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغاندا،ئائىشە ئانىمىز ئۇ قۇرئاننى،ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شەھىت بولغاندا،قىزى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئانھا ئانىمىزنىڭ قېشىدا ساقلاندى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىلاپەتكە ئولتاغاندا،ئىسلام دۆلەتلىرى كېڭىيىپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ھەپسە ئانىمىزدىن ئۇ قۇرئان كەرىمنى ئەكىلىپ ئالتە ياكى يەتتە پارچىغا كۆپەيتتى ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئەۋەتتى.

) U0 p) `! n6 O1 E. }% a5 G
ئۇلۇغ مۇقەددەس قۇرئان كەرىم،بەزى قارىلارنىڭ قەلبىدە ۋە بەزى كىتاپچىلاردا يېزىلىپ نۇرغۇن دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرقى ھاياتىمىزغىچە يىتىپ كەلدى،بۇنىڭغا بىردىن بىر ئەڭ چوڭ سەۋەپ،شۇ قۇرئان كەرىمنى يېزىپ كىتاپچە ھالەتكە ئەكىلىش بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەدىس شەرىپكە كەلسەك،ھەدىسمۇ باشتا پەقەتلا ئېغىزاكى يەتكۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان،ھېچ كىتاپچە قىلىنىپ يېزىلمىغان،كېيىن تابىئىنلارنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە،پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يادا ئېلىلۋالغان ھەدىس  ئالىملىرى دۇنيادىم كىتىشكە باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن تەڭ يالغان ھەدىس  توقۇغۇچىلار مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى،بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن بەشىنچى خەلىپە،ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز،سەھىھ ھەدىسلىرنى توپلاپ كىتاپچە قىلىشقا ئەمىر قىلدى. شۇنداق قىلىپ ھەدىسلەرنى كىتاپچە قىلىپ يېزىش ئىشلىرى باشلىنىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن،ھەرساھادىكى ئىلىملەر كىتاپچە قىلىپ يېزىلشقا قاتتىق ئەھمىيەت بىرىش ئىشى يۇقرى پەللىگە چىقتى. ھەر ئالىم ئۆز ساھاسىدە بىلگەن ئىلىملىرىنى كىتاپچە قىلىپ يېزىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بەردى.

0 W. n2 J. s4 X5 z/ m

2 }4 z( L2 P2 ?6 J
شۇنداق قىلىپ ئىلىملەرنىڭ زەنجىرسىمان ھالەتتە بىزلەرنىڭ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كېلىشىگە،يېزىقچىلىق ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
/ W3 ^- d. [; f+ ?  S
كىتاپ يېزىش ۋە كىتاپ ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ  ئىنسانلارنىڭ ئوتتىرسدا ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ۋە بۇنىڭ رولىنىڭ جەمىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار كۆز قاراش ۋە پىكىرلەگە ئىسلام ئۈممىتى ئىنتايىن كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتى.
& ]- R/ H' |9 S" C5 b- W
ئالىملار كىتاپ ئوقۇش ۋە كىتاپ يېزىش،بۇنىڭ پايدىلىقلىرى ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلارنى يېزىپ قالدۇردى.
8 C* d: s# |7 Z6 n! ?5 ]7 R
ئوقۇشنىڭ ۋە يېزىقچىلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكىنلىكىنى ماقالىمىز بېشىدىن باشلاپ يۇرتۇپ كىلىۋاتىدۇ.

# \( l, S; b& w. U* G
بىر ئۇيغۇر ئۇستازىمىز يېزىقچىلىقنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىشتا رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ مۇنداق دىگەن،
ھازىر خەلق ئىچىدە مەسچىتلەرگە بېرىپ نەسىھەت ئاڭلايدىغانلار ئىنتايىن ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ،مەسچىتلەردىمۇ نەسىھەتتلەر ئىنتايىن ئازلاپ قېلىۋاتىدۇ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر،ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرساھەدە ئىشلەۋاتقان مەيلى قىز-ئاياللار بولسۇن،مەيلى ئەركەكلەر بولسۇن كۆپۈنچە ئىنسانلار نەسىھەتتىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسلام دىنىمىزنى ھەرساھەدىكى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېزىقچىلىق خىزمىنى كۈچەپ ئىشلىشىمىز لازىم. بۇ ئىنتايىن توغرا گەپ.   بىز بۇ يېزىقچىلىق خىزمىتىگە كۈچەپ ئىشلىشىمىز لازىم،بۇنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپتۇر.بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنىمىزنى ھەرساھەدىكى ئىنسانلارغا يەتكۈزەلەيمىز.
8 P% d9 A, I6 ?6 i; ^' y
ئەھمەد ئۈمىدۋار
2018/3/4

1 D2 A2 m) A3 N1 x1 V


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-7-23 23:22 , Processed in 0.082648 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش