مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق زات ئىدى - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام - مەرىپەت تور بېكىتى - Powered by Discuz!

مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 5645|ئىنكاس: 7

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق زات ئىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 17:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ. ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
بۇ ئەسلى يولىمىز ئىسلام مۇنبىرىدىكى تېما ئىكەن.  قېرىنداشلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق زات ئىدى.

ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئەڭ كاتتا، كۈچ - قۇۋۋەت پەقەتلا ئاللاھتىندۇر.
ئۇلۇغ ئاللاھنى ناپاك سۈپەتلەردىن پاكلايمىز، ئۇنى مەخلۇقاتلىرىنىڭ سانى بويىچە، ئۇ رازى بولىدىغان رەۋىشتە، ئەرشىنىڭ زىننىتىگە يارىشىدىغان ۋە كەلىمىلىرىنىڭ ئەڭ يىراق چىگرىسىگە بارغۇچىلىك ئاللاھنى ماختايمىز.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق ئىدى؛
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ئەيىپلىمىگەن.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچقاچان تاماقنى ئەيىپلىمىگەن بولۇپ؛ كۆڭلى تارتسا يەيتتى، تارتمىسا يېمەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇچرىغان كىشىگە ئاۋۋال سالام بېرەتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پېقىر- مىسكىنلەر بىلەن ئولتۇرۇپ قۇپاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئولتۇرۇشتا ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئولتۇراتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىسى ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ شىجائەتلىكى ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزرە ئېيتىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىتىن ناھايىتى بەك ھايا قىلاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىر نەرسە سورىغان بولسا "يوق" دېمەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىللارغا ھەلىم – سەلىم بولۇپ، ئەزىيەتلەرگە سەۋرىچان ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاراڭلاشقان كىشىنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى، ئۇنىڭ قولىنى تۇتاتتى ۋە پاراڭلىشىۋاتقان ئادەم قويۇپ بەرمىگۈچىلىك قولىنى قويىۋەتمەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گەپ قىلغان كىشىگە شۇنچىلىك تىكىلىپ قارايتتىكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ  سۆيۈملۈك كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى گۇمان قىلاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىراۋنى سۆز بىلەن خوش قىلىشنى ئىرادە قىلغاندا، ئۇنىڭ سۆزىگە سۇكۇت ئىچىدە قۇلاق سالاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، بىراۋانىڭ ئۆزىگە ئورنىدىن تۇرۇشىنى ياخشى كۆرمىگىنىدەك، بىراۋنىڭ ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ماختىشىنى ياقتۇرمايتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ياقتۇرمىغاندا چىرايىدىن مەلۇم بولاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غەلىبىدىن كېيىن مۇتەكەببىرلىك قىلمىغىنىدەك ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىنىپمۇ كەتمەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيادا زاھىت ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغاننى كۆرگەندە غەزەپلىنەتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش، ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنى ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئۆتىگەندە ئەڭ قىسقا، ئۆزئالدىغا ناماز ئۆتىگەندە بولسا ئەڭ ئۇزۇن ناماز ئوقۇيتتى.
-     مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتىقىغا كىرگەندە ئوڭ قولىنى ئوڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا قوياتتى.
-     مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولغاندا جۇنۇپ بولسا جىنسى ئورگىنىنى يۇياتتى ۋە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خۇشال قىلىدىغان بىر ئىشنى كۆرگەندە شۈكرى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئەلاغا سەجدە قىلاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قەۋمدىن قورققىنىدا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا سېنى دالدا قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ شەررىدىن سەن بىلەن پاناھ تىلەيمىز»…
-     مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرگەندە مۇنداق دەيتتى: «نېمەتلىرى بىلەن ياخشىلىقلارنى تولۇقلاپ بېرىدىغان ئاللاھغا ھەمدۇ – سانالار بولسۇن.» يامان كۆرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرگەندە بولسا مۇنداق دەيتتى: «ھەر ئەھۋالدا ئاللاھغا ھەمدۇ – سانالار بولسۇن».
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت (سۈننىت) ىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ يېنى ئۈستىگە ياتاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەييىتنى دەفنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ (قەبرىسىنىڭ) ئالدىدا تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەملىك سوراڭلار، چۈنكى ئۇ، ھازىر سوراققا تارتىلىۋاتىدۇ.»
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بېشىدا مىسۋاك بولماستىن ئۇخلىمايتتى، ئويغانغاندا مىسۋاك بىلەن (ئىشقا) باشلايتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەيتتى، قولىنى سۈرتۈشتىن بۇرۇن يالايتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىش، ئايىغىنى كىيىش، مېڭىش – تۇرۇش ۋە ھەر ئىشىدا ئوڭ تەرەپتىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەر دائىم ئاللاھنى زىكرى قىلاتتى…
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۆت رەكئەت چاشكا ۋاختى نامىزىنى ئوقۇيتتى. (ۋە بەزىدە) تۆت رەكئەتتىن كۆپ ئۆتەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بورىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايتتى، ئازغا رازى بولاتتى، ئۇنىڭ ياستۇقى دەرەخنىڭ قەۋزىقىدىن ئىدى.
-     مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇشىغا قارىماي ئاللاھ تائالادىن ئەخلاقىنى گۈزەل قىلىشىنى تىلەيتتى  ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن پاناھ تىلەيتتى.
-    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! مېنى چىرايلىق ياراتقىنىڭدەك ئەخلاقىمنى گۈزەل قىلغىن.» (ئىمامى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
-    ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئى ئاللاھ! سەن بىلەن بەخىتسىلىكتىن، مۇنافىقلىقتىن ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن پاناھ تىلەيمەن.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نىسائىي رىۋايەت قىلغان)
ئاخىرىدا بۇنى ئالدىڭىزدا تاشلاپ قويماسلىقىڭىزنى ۋە بىزگە ياخشى دۇئالارنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى سورايمىز.

ئاللاھ تەئەلا بىزنى ھەر دائىم ۋە ھەر ئىشتا ئۇنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىش روھىنى بىزگە ئاتا قىلسۇن. چۈنكى مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆرنەك ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەرگە ـ ئاللاھ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.» (ئەھزاب سۈرىسى، 33/21 – ئايەت)


7

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 68
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 02:01:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ


10

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 106
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 21:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تامىقى

عَنْ عَائِشَةَ، قَالَتْ مَا شَبِعَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مِنْ خُبْزِ شَعِيرٍ يَوْمَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ حَتَّى قُبِضَ ‏.‏ قَالَ أَبُو عِيسَى هَذَا حَدِيثٌ حَسَنٌ صَحِيحٌ ‏.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئانىمىز) مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاكى قەبز روھ بولغانغا قەدەر ئۇدا ئىككى كۈن تويغۇدەك ئارپا نېنى يەپ باقمىدى. (تىرمىزى، زاھىدلىق بابى،2357

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، قَالَ مَا شَبِعَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم وَأَهْلُهُ ثَلاَثًا تِبَاعًا مِنْ خُبْزِ الْبُرِّ حَتَّى فَارَقَ الدُّنْيَا ‏.‏ هَذَا حَدِيثٌ صَحِيحٌ حَسَنٌ غَرِيبٌ مِنْ هَذَا الْوَجْهِ ‏.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇزاتنىڭ ئائىلىسى تاكى ئۇ زات دۇنيادىن كەتكۈچە ئۇدا ئۈچ كۈن تويغۇدەك ئارپا نېنى يەپ باقمىدى. (تىرمىزى، زاھىدلىق بابى،2357)

أَبَا أُمَامَةَ، يَقُولُ مَا كَانَ يَفْضُلُ عَنْ أَهْلِ، بَيْتِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم خُبْزُ الشَّعِيرِ ‏.‏ قَالَ أَبُو عِيسَى هَذَا حَدِيثٌ حَسَنٌ صَحِيحٌ غَرِيبٌ مِنْ هَذَا الْوَجْهِ ‏.‏

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆيىدە (ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېيىشىگە) يەتكۈدەك ئارپا نېنى بولۇپ باققان ئەمەس. (تىرمىزى، زاھىدلىق بابى،2359)

عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ، قَالَ كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم يَبِيتُ اللَّيَالِيَ الْمُتَتَابِعَةَ طَاوِيًا وَأَهْلُهُ لاَ يَجِدُونَ عَشَاءً وَكَانَ أَكْثَرُ خُبْزِهِمْ خُبْزَ الشَّعِيرِ ‏.‏ قَالَ أَبُو عِيسَى هَذَا حَدِيثٌ حَسَنٌ صَحِيحٌ ‏.

ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نۇرغۇن كېچىلەرنى يەيدىغان كەچلىك تاماق تاپالمىغان ھالەتتە ئۆتكۈزەتتى. ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئارپا نېنى ئىدى. (تىرمىزى، زاھىدلىق بابى،2360)

عَنْ أَنَسٍ، قَالَ مَا أَكَلَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم عَلَى خِوَانٍ وَلاَ أَكَلَ خُبْزًا مُرَقَّقًا حَتَّى مَاتَ ‏.‏ قَالَ هَذَا حَدِيثٌ حَسَنٌ صَحِيحٌ

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېمەيتتى. ۋاپات بولغانغا قەدەر يۇمشاق نان يەپ باقمىغان ئىدى. (تىرمىزى، زاھىدلىق بابى،2363)

-كەۋسەر تەييارلىدى.


2

تېما

0

دوست

133

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  305
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 63
تۆھپە : 20
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 22:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق تېمىلاردىن كۆپرەك يوللاپ تۇراسىز!!!


0

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  411
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 45
تۆھپە : 20
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 18:01:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىنداشلىرىم


0

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  411
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 45
تۆھپە : 20
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 18:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



0

تېما

1

دوست

95

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  695
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 33
تۆھپە : 20
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 14:27:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
    اللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداك تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز!


8

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  669
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 140
تۆھپە : 20
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 17:04:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ يۇقارقى ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلاندۇرغايسەن.ئامىن .!!!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-8-21 06:58 , Processed in 0.100712 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش