مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 2446|ئىنكاس: 2

بالىلارغا قۇرئان ياد ئالدۇرۇشنىڭ پەزىلىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 00:57:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نېمەتلىرى چەكسىز دۇر.
بۇ نېمەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نېمەت پەرزەنت نېمتىدۇر.
بالىلار ئاتا - ئانىلار نىڭ كۆز قارىچۇقى ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىدۇر.  
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر. سۈرە كەھف 46 ‏- ئايەت .

ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلەر! اﷲغا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار.  بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، اﷲنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار. سۈرە ئەنفال 27 ‏- ۋە 28 ‏- ئايەت

ئاللاھ بىزلەرگە مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن قۇرئان كەرىمنى يادلاشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى.
خەبباب ئبن ئەلئەرت بىر ئادەمگە مۇنداق دېگەن: قۇدرىتىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا يېقىنلاشقىن. شۇنى بىلگىنكى ئاللاھغا يېقىنلىشىشتا ئۇنىڭ كالامىدىن ياخشىراق ۋەسىلە يوق. ئۇنىڭ كالامىدىن سۆيۈملۈكرەك نەرسە تاپالمايسەن.  ھاكىم رىۋايىتى.

ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: قۇرئاننى يادلاپ ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى سۆيىدىغان كىشىدۇر. تەبەرانى رىۋايىتى.

ھاپىز سۈيۈتى مۇنداق دېگەن: بالىلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش ئىسلامنىڭ ئەسلىي قائىدىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بالىلار قۇرئان بىلەن ئىسلامچە چوڭ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە گۇناھ - مەئسىيەتنىڭ كىرلىرى ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىرى، ھېكمەت نۇرلىرى ئورۇنلىشىدۇ.  
ئىبن تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: قۇرئان كەرىمنى يادلاش بۇگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئىلىم دەپ ئاتىۋالغان كۆپىنچە نەرسىلەردىن ئارتۇق ۋە ئەۋزەلدۇر. ئۇلارنىڭ ئىلىم دەپ ئۆگەنگەنلىرى باتىل ياكى پايدىسى ئاز نەرسىلەر دۇر.

شۇڭا پەرزەنتلىرىگە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىش ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈستىگە پەرزدۇر.
ئاتىلارنىڭ خۇرسەن بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ قۇرئاننى يادلىغانلارنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئۈستۈن قىلدى، قارىيلارغا كۆپ نېمەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە دەرىجىسىنىڭ ئۈستۈن بولىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مۇشۇ كىتاب (قۇرئان) بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى يوقىرى قىلسا، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ»[مۇسلىم رىۋايىتى].
ئەگەر سىزنىڭ ئوغلىڭىز ياكى قىزىڭىز نىڭ قەدرىنى قۇرئان كۆتۈرسە ۋە ئەزىز قىلسا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەرەپ بولامدۇ؟

2. بالىڭىزنىڭ قۇرئاننى يادلىغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىرسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ. بۇخارى رىۋايىتى.
چۈنكى قۇرئان كەرىم بىرىنچى قانۇن مەنبەسىدۇر. دىندا كاتتا ئالىم بولۇش، قۇرئاننى ئوقۇش ۋە يادلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

3. قۇرئاننى يادلىغان بالىلىرىڭىز ئاللاھ نىڭ خاس بەندىلىرىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى قارىيلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك كىشىلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا يېقىن كىشىلىرى بار، قارىيلار ئاللاھنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئالاھىدە بەندىلىرىدۇر.» ئىمام ئەھمەت رىۋايىتى.

4. ئۇلارنى ئۇلۇغلىغانلىق ۋە ھۆرمەتلىگەنلىك ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىق ۋە ھۆرمەتلىگەنلىك بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمانلاردىن ياشانغانلارنى، قارىيلارنى ۋە ئادالەتلىك ئىش باشقۇرغۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر»[ ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى].

5. نامازدا ئىمام بولۇشقا تەكلىپ قىلىنىپ ئالدىغا چىقىرىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«نامازدا قۇرئاننى ئەڭ ياخشى ئوقۇيدىغان كىشى ئىمام بولسۇن»[مۇسلىم رىۋايىتى].

6. قەبرىگە قويغاندىمۇ ئاۋۋال قويۇلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد غازىتىدا شېھىت بولغانلارنى قەبرىگە قويىدىغان چاغدا قۇرئاننى كىم ئەڭ يادلىغان بولسا شۇنى ئالدىدا قويغان ئىدى.
7. بالىلىرىڭىز شەيتاننىڭ مىكرىدىن ئەمىن تاپىدۇ.
چۈنكى سۈرە بەقەر ئوقۇلغان ئويدىن شەيتان قاچىدۇ.
8. دەججالنىڭ پىتنىسىدن ئامان تاپىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
« كەھف سۈرىسىنىڭ ئاخىرىقى ئون ئايىتىنى ئوقۇغان كىشى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئامان بولىدۇ »
ئىمام ئەھمەت رىۋايىتى.

9. بالىڭىزنىڭ ئاخىرەتتىكى دەرىجىسى ئەڭ كاتتا ۋە يۇقىرى بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قارىي جەننەتكە كىرسە، ئۇنىڭغا قۇرئاننى دۇنيادىكى چېغىڭدا ئوقۇغىنىڭدەك ئۇقۇغىن ۋە يوقىرى ئۆرلە، سېنىڭ قارارگاھىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنى ئوقۇپ تۈگەتكەن جايىڭدۇر، دېيىلىدۇ.» [ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى، نەسائى رىۋايىتى].

10. ئىززەت - ئىكرام تاجى كىيدۇرلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى قۇرئان ئوقۇسا، ئۇنى ئۆگەنسە ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا نۇردىن تاج كىيدۈرۈلىدۇ. تاجنىڭ نۇرى كۈننىڭ نۇرىغا ئوخشاش نۇرلۇقتۇر. [ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان ]

11. قورقۇنچلۇق قىيامەت كۈنىدە شاپائەت قىلىدۇ.
ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى ،ئۇ رەسۇلۇللا نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ؛ « قۇرئان ئوقۇڭلار ئۇ « قۇرئان كەرىم » قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ئوقۇغان كىشىلەرگە شاپائەت قىلىدۇ . « ( مۇسلىم رىۋايىتى )

12. قارىيغا قىيامەت كۈنى نۇردىن بولغان تاج كىيدۇرلىدۇ.
ئۇلار بۇ قىلغانلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم كۆرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان ئوقۇيدىكەن ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش كۆرىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بېشىغا قۇياشنىڭ نۇرىدىنمۇ نۇرلۇق تاجىنى كىيگۈزىدۇ.» سەھىھۇلجامىئ .

13. قۇرئان ئۇلار ئۈچۈن ھۆججەت بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى قۇرئان ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلغۇچىلار كەلتۈرۈلىدۇ،سۈرە بەقەرە ۋە سۈرە ئال ئىمران ئۆزلىرىنى تىلاۋەت قىلغۇچىلارغا ھۈججەت بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ.  مۇسلىم رىۋايىتى

14. بالىڭىز بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى قاتارىغا كىرىدۇ.
قۇرئاننى ئوقۇش، يادلاش، مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئەمەل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سائادەتمەنلىرى ۋە ئەڭ سەرخىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: « سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»  دەپ كۆرسەتكەن [بۇخارىي رىۋايىتى].

15. ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېگەن: « قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم ھۈرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. «[بۇخارىي رىۋايىتى].

16. بالىڭىز كاتتا زىكىر سورۇنىدا چوڭ بولىدۇ ۋە دائىم ياشايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىرەر ئۆيدە يىغىلىپ، ئۇنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئۆز ئارا دەرس قىلىپ ئوقۇيدىغان ھەرقانداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە خاتىرجەملىك چۈشىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورىۋالىدۇ، پەرىشتىلەر قورشىۋالىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكى مەخلۇقاتلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ.» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان]

17. بالىڭىز كاتتا ساۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار ھەرگىز كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر»[ فاتىر سۈرىسى 29ـ 30ـ ئايەتلەر].

18. بالىڭىز ئاز ئەمەلگە كوپ ساۋاپ ئالىدۇ.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : ئاللاھتائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە بىر ياخشىلىق بولىدۇ. بىر ياخشىلىققا ئۆزىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەر ئەجىر بولىدۇ .مەن « الم » نى بىر ھەرپ دېمەيمەن .لېكىن ئەلف بىر ھەرپتۇر « لام » بىر ھەرپتۇر .«مىم» بىر ھەرىپتۇر . تىرمىزى رىۋايىتى.

19. بالىڭىزغا باشقىلار ئارمان بىلەن قارايدۇ ۋە ھەسەت قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇندا ق دېگەن؛ ئېككى كىشىدىن باشقا كىشىگە ھەسەت قىلىشقا بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ بىرى ئاللاھ قۇرئان ئاتا قىلغان، قۇرئاننى كىچە كۈندۈز ئوقۇپ تۇرغان ئادەم. يەنە بىرى ئاللاھ پۇل - مال ئاتا قىلغان مال دۇنياسىنى كىچە - كۈندۈز سەدىقە قىلىپ تۇرغان ئادەم. بۇخارى ۋە مۇسلىم

20. جەھەننەمدىن نىجات تاپىدۇ.
ئاللاھنىڭ خاس بەندىسىگە ئايلانغان، قۇرئاننىڭ ھەر بىر ھەرپىگە ئون ساۋاپتىن ئالغان كىشى، يادىلاش ۋە تەكرارلاش جەريانىدا يەنە چەكسىز ساۋاپلارغا ئېرىشىدۇ.
21. ئۇنىڭ قەلبى ساپ ۋە پاك بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« قەلبىدە قۇرئاندىن ھېچنەرسە بولمىغان ئادەم خۇددى خاراب بولغان ئۆيگە ئوخشايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن [تىرمىزى رىۋايىتى].

22. بالىڭىزغا قارىيلارنىڭ ئەدەب - ئەخلاقى سىڭىدۇ.
23. دىننىڭ بايرىقىنى كۆتىرىدىغانلاردىن بولىدۇ.
فۇدەيل بىن ئىياد مۇنداق دەيدۇ: قۇرئاننى يادلىغۇچى ئىسلام بايرىقىنى كۆتەرگۈچىدۇر.

ئەي قەدىرلىك ئاتا ۋە ئانا ، سىلەرگە بېرىلىدىغان ساۋاپ ۋە شان - شەرەپلەر تېخىمۇ كوپدۇر، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. سىلەرگە قىيامەت كۈنى ئىككى تون كىيدۇرلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى قۇرئان ئوقۇسا، ئۇنى ئۆگەنسە ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا نۇردىن تاج كىيدۈرۈلىدۇ. تاجنىڭ نۇرى كۈننىڭ نۇرىغا ئوخشاش نۇرلۇقتۇر. ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا دۇنيانىڭ پۈتۈن بايلىقىدىن قىممەت ئىككى تون كىيدۈرۈلىدۇ. ئۇلار: بۇ تون بىزگە نېمە ئۈچۈن كىيدۈرۈلدى؟- دەيدۇ. جاۋابەن: پەرزەنتىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن، - دېيىلىدۇ. [ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان ]

2. سىلەرگە يول كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەجرى بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى بىراۋنى بىر ياخشى ئىشقا باشلاپ قويسا ئۇنىڭغا شۇ ئىشنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ئەجرى بېرىلىدۇ. مۇسلىم رىۋايىتى.

3. ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئاللاھنىڭ، دىننىڭ ۋە قۇرئاننىڭ مۇھەببىتىنى سىڭدۇرگەننىڭ ساۋابى ئىزچىل تۈردە سىلەرگە يېتىپ تۇرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىرەر كىشىنى ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلسا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىدايەت تاپقان ئادەمنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن، ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلغۇچىغىمۇ ئوخشاش ساۋاب بىرىلىدۇ.» مۇسلىم رىۋايىتى

4. سىلەرگە ئىسلامنىڭ بۈيۈك بەلگىلىمىسى ۋە سۈننەتنى ئائىلىدە، قوشنىلار ۋە دوستلار ئارىسىدا بەرپا قىلغاننىڭ ساۋابى ئۈزۈلمەيدۇ. چۈنكى كىشىلەر بىر - بىرىگە ئەگىشىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "كىم ياخشى بىر ئىشنى يولغا قويسا، ئۇ ئادەمگە يولغا قويغاننىڭ ۋە ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئەجرى بولىدۇ." مۇسلىم رىۋايىتى.

5. قۇرئان ئەخلاقى بىلەن سالىھ ئەۋلاد يېتىشتۇرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆلگەندىن كىيىن سىلەر ئۈچۈن سەدىقە جارىيە بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مېيىت ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدىغان ساۋابى ئۈزۇلۇپ قالمايدىغان 3 ئىش بار : 1-سەدىقە-جارىيە، 2- مەنپەتلىك ئىلىم، 3-سالىھ پەرزەنت. مۇسلىم رىۋايىتى.

6. بالىڭىزغا قۇرئاننى يادا ئالدۇرۇش ئارقىلىق سىز ئۇنى پىتنە- پاسات ۋە جەھەننەمدىن يىراقلاشتۇرغان بولىسىز.
ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا- چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دەۋزەختىن ساقلاڭلار. سۈرە تەھرىم 6 ‏- ئايەت

7. بالىڭىزنىڭ مۇنچە سۈرە ۋە مۇنچە ئايەت يادلىدىم دەپ كۈندە قۇرئان بىلەن مەشغۇل بولىشى ئۇنى يامان قىلىق - ھەرىكەتلەردىن ساقلايدۇ ۋە شۇ تەرىقىدە چوڭ بولىدۇ، بۇ سىزنى ئەلۋەتتە خۇرسەن قىلىدۇ.

8. بالىنى تەربىيىلەش جەريانىدا تارتقان جاپا - مۇشەققەتلەرگە سەۋر قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزگە كاتتا ئەجر ئاتا قىلىدۇ.
ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، اﷲ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. سۈرە ئەنكەبۇت 69‏- ئايەت

9. بالىڭىزنىڭ تەربىيىە ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىتىڭىزنى ئادا قىلغان بولىسىز.

10. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قاتارىغا قۇرئاننى يادلىغان سالىھ ۋە ئىسلاھ قىلغۇچى بىر ئەۋلاد قوشقان بولىسىز.

بەزى ئاتىلار بالىسىنىڭ يادلاش ئىقتىدارى تۆۋەن، بىر نەرسىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ ياكى تالانتى يوق دەپ قارايدۇ. تۆۋەندىكى نۇقتىلارنىڭ بۇ نىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلايدۇ:

1. بالىڭىزنىڭ ھەر كۈنى بالىلار بىلەن قۇرئان دەرسىگە قاتنىشىشى كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان دەرسى بولىۋاتقان دەرسخانىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئوراپ تۇرىدۇ، مالائىكەلەر چۈشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە ماختاپ بېرىدۇ.

2. پەرىشتىلەر بالىڭىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ بالىڭىزنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن يول ئالسا اﷲ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» - مۇسلىم رىۋايىتى.
3. بالىڭىز پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسىنى ئالغانلارنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

4. بالىڭىز كاتتا ساۋابلىق ئىبادەتتە ئۆسىدۇ.  ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ئايەت ئۆگىنىش يۈز رەكەت ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەلدۇر.
تەرغىب ۋە تەرھىبدىن
5. بالىڭىز ئىبادەت ئورنى مەسچىتكە بېرىپ - كېلىپ يۈرۈپ مەسچىتكە قەلبى باغلىنىدۇ ۋە شۇنىڭغا كۆنىدۇ.

6. قۇرئان يادلاش جەريانىدا بىللە ئوقۇغان سالىھ ساۋاقداشلىرى بىلەن دوست بولىدۇ.  

7. ئاللاھ قۇرئان ئوقۇش ۋە يادلاشنى چوڭ - كىچىك ھەممىگە ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟. سۈرە قەمەر 40‏ ‏- ئايەت.

8. بالىلارنىڭ قۇرئان يادلاش ۋە تەكرار قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا شارائىت ھازىرلايدۇ ۋە يامان بالىلار بىلەن كوچىلاردا ۋە ئېكران ئالدىدا ۋاقىت زايا قىلىشتىن ساقلايدۇ.
9. بالىڭىزنىڭ قۇرئاننى كامىل يادلىشى شەرت ئەمەس، بەلكى باشقا بالىلار بىلەن قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە قانچىلىك يادا ئالالىسا شۇ كۇپايە. لىكىن بالىڭىزنى بۇ كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىشتىن مەھرۇم قىلىپ قويماڭ.
10. بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا قۇرئان يادلاتسا مەكتەپنىڭ دەرسلىرىگە يېتىشەلمەي قالىدۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ. ئەمما تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى مەكتەپلەردە، قۇرئان يادلىغان بالىلارنىڭ نەتىجىسى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. چۈنكى قۇرئان يادلىغان بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقتىن دەرس ئۆگىنىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولغان.

11. بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى قۇرئان يادلاش ئۈچۈن ئالتۇن دەۋر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بالىلار بۇ ياشتا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرىدىن خالى بولۇپ يادلىغان نەرسىلىرىنى ئاسان ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ. قۇرئان ئوقۇغان بالىلارنىڭ تىلى راۋان بولۇپ ھەرپلەرنى جايىدىن چىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ، ھەمدە ئەرەب تىلى ۋە باشقا تىللارنى ئاسان ئۆگىنەلەيدۇ.
12. بالىڭىزنىڭ قۇرئاننى ئوقۇش ۋە يادلاش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرىگە كاتتا ئەجر بېرىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قۇرئاننى كۆڭۈل قويسىمۇ تەسلىكتە قىينىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ «[بۇخارىي رىۋايىتى].

ئى قەدىرلىك ئاتا، ئەگەر سىز قۇرئاننى يادلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان بولسڭىز بالىڭىزنى بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلماڭ. بالىڭىزغا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قۇرئان يادلاش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىڭ، بۇ يولدا خەجلىگەن پۇل ھەرگىز زايا كەتمەيدۇ. كىشىلەر بالىلىرىغا چەتئەل تىلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ كوپ پۇل سەرپ قىلىۋاتىدۇ. قۇرئان كەرىمنى يادلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پۇل سەرپ قىلىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلسا نېمىشقا بولمايدىكەن؟
بەزىلەر بالىمىز چەتئەل تىلى بىلمىسە ياخشى خىزمەت تاپالمايدۇ دەپ بالىسىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ھازىرغا قەدەر قۇرئان يادلىغان ئادەمنىڭ خار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟!. چۈنكى قۇرئاننى يادلىغان ئادەمنى ئاللاھ ئەزىز قىلىدۇ.
يېقىندا دەۋەت ژۈرنىلىدا مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلدى:
بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئوغۇل قىز بولۇپ، سەككىز بالىسىنىڭ ھەممىسىگە قۇرئان يادا ئالدۇرغان.

مەنبە : islammemo.cc
تەرجىمە قىلغۇچى: سادىق ئىسمائىل


2

تېما

0

دوست

129

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  587
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 55
تۆھپە : 20
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 08:40:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭغۇ بالام يوق ئىنشائاللا بالامنى شۇنداق بىر ياخشى پەرزەنت قىلىپ تەربىيلەش ئارزۇيۇم بار كەلگۈسىدە


0

تېما

0

دوست

137

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 71
تۆھپە : 20
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-19 03:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-17 01:40 , Processed in 0.251236 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش