مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 4291|ئىنكاس: 0

ئۈنۈمۈلۈك نەسىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

4

دوست

930

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 5
تىللا: 609
تۆھپە : 0
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 11:58:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈنۈملۈك نەسىھەت

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!


   كىشىلەرنى ھەق يولغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇب ۋە ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلىشقا بۇيرىغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانالەر بولسۇن، ئاللاھ تائالاغا داۋاملىق ھەمدۇ سانا ئېيتىمىز، بارلىق ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمىز، نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىمىز، بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى، ئىخلاسمەنلەردىن قىلىشىنى سورايمىز، ئاللاھدىن باشقا ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يىگانە، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، ئى ئاللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرىغا رەھمەت، بەرىكەت ئاتا قىلغىن.
   سۆزلەرنىڭ دەرىجىلىرى، مەرتىۋىلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەڭ مەنپەئەتلىك سۆز توغرىلىققا، پەزىلەتكە، ئالىجاناپلىققا دەۋەت قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ بەخت - سائادىتى مەقسەت قىلىنىپ ئېيتىلغان نەسىھەت سۆزلىرىدۇر.
   تارىختا ئۆتكەن ھەر بىر پەيغەمبەر خەلققە كۆيۈنۈپ، نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىغان. ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى نەسىھەتتىن ئىبارەت بىر سۆزگە مەركەزلەشتۈرۈپ: "دىن نەسىھەتتۇر" دېگەن.
   نەسىھەت قىلغۇچى سەمىمى نىيەت ۋە توغرا ۋاسىتە قوللانمىسا نەسىھىتىدىن ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئىنسان باشقىلارنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى ياكى دۇنيالىق ئىشلىرىدا خاتالىق تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسە مەسخىرە قىلماستىن، ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ نېمە كارىم، دېمەستىن سەمىمى نىيەت بىلەن چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ ئۇنى خاتالىقتىن توسۇپ قېلىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەلق ئىچىدىكى ياخشى ۋە يامانلارغا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى بىلەن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ مىسالى كېمىگە چىقىشقا چەك تاشلىشىپ بەزىسى كېمىنىڭ ئۈستىن تەرىپىدىن، بەزىسى تۆۋەن تەرىپىدىن ئورۇن ئالغان جامائەتنىڭ مىسالىدۇر، تۆۋەن تەرىپىدىن ئورۇن ئالغانلار سۇغا ھاجىتى چۈشكەندە ئۈستىن تەرىپىدىكىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەنلىكتىن: ئۈستىن تەرىپىدىكىلەرنى مالال قىلماي ئۆزىمىز تەرەپتىن بىر تۆشۈك ئاچايلى، دەپ كېمىنى تېشىشكە باشلىغاندا، ئۈستىن تەرىپىدىكىلەر كېمىنى تەشكىلى قويسا ھەممەيلەن بىردەك تۈگىشىدۇ، كېمىنى تېشىشتىن توسۇپ قالالىسا ھەممەيلەن بىردەك ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ". [بۇخارى رىۋايىتى].
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئادەم بالىلىرىنىڭ ھەممىسى خاتالىشىدۇ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر" دېگىنىدەك، ئىنسان شەكسىزكى، خاتالىققا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ.
   دوستىنىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرىنى، خاتالىقلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ قويۇش، دوستى ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان دوستىغا بولغان ھەققى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن نەسىھەتنى ناھايىتى سىلىق ۋە ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا قىلىش، دوستىنى پەس كۆرۈشتىن، مەسخىرە قىلشتىن، تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. دوستىڭىز توغرۇلۇق بىرەر يامان سۆزنى ئاڭلىسىڭىز ئۇ سۆزگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەستىن ئۇنى ئېنىقلاپ كۆرۈشىڭىز لازىم. چۈنكى، كۆپلىگەن كىشىلەر يالغان سۆزلەرنى تارقىتىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن: {ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار}. سۈرە ھۆجرات 6- ئايەت.
   دوستىڭىزنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردە دوستىڭىزغا خەلق ئالدىدا ئەمەس بەلكى ئادەم يوق يەردە نەسىھەت قىلىشىڭىز زۆرۈر. ئىنسان ئەيىب - نۇقسان ۋە خاتالىقلىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئادەم يوق يەردە قىلىنغان نەسىھەت ئۈنۈملۈك نەسىھەتتۇر. دوستىڭىزغا خەلق ئالدىدا ئاشكارە نەسىھەت قىلسىڭىز ئۇنى رەسۋا قىلغان بولىسىز، بۇنداق نەسىھەت ئۈنۈمسىز بولىدۇ، سىز بۇنداق نەسىھەت بىلەن ياخشى ئىش قىلغان بولماستىن ئەكسىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسىز.
   ئىمام شافىئى رەھمەتۇللاھ ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: "قېرىندىشىغا ئادەم يوق يەردە نەسىھەت قىلغان كىشى ئۇنىڭغا ھەقىقى نەسىھەت قىلغان بولىدۇ، قېرىندىشىغا خەلق ئالدىدا ئاشكارە نەسىھەت قىلغان كىشى ئۇنى رەسۋا قىلغان بولىدۇ".
   نەسىھەت ئىلگىرى ئۆتكەن سالىھلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى، ئۇلار داۋاملىق سەمىمىيەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى. سالىھلەرنىڭ بىرى مۇنداق دېگەن: ھەر ئۇچراشقاندا سىزدە بار ئەيىبنى سىزگە ئەسلىتىپ قويىدىغان دوستىڭىز ھەر ئۇچراشقاندا ئالقىنىڭىزغا دىنار سېلىپ قويىدىغان دوستىڭىزدىن ياخشىدۇر. چۈنكى، دىنار تۈگەيدۇ، ئار - نومۇس تۈگىمەيدۇ، نەسىھەت قىلغۇچى سىزنى ئەيىب - نۇقسانلاردىن مۇداپىئە قىلىدۇ، سىز ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك ھالدا كامالەتكە ئېرىشىسىز.
   نەسىھەت قىلغۇچى نەسىھەت قىلىنغۇچىنىڭ دۇنيادا سالامەت بولىشىدىن، ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىشىدىن باشقىنى كۆزلىمەيدىغان بولسىمۇ بىراق كۆپلىگەن كىشىلەر نەسىھەت قىلغۇچىنى ياقتۇرمايدۇ. ئىسلام دىنىدا نەسىھەتنىڭ ئورنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىخلاس بىلەن ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا خەلققە ياخشى نەسىھەت قىلغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەجرى ناھايىتى چوڭدۇر. مۆمىن دوست - بۇرادىرىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، توغرا ۋە پايدىلىق تەرەپكە يېتەكلەيدىغان ئەينىكىدۇر، خەلق ئۆز ئارا نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالىغان بولسا خەلقنىڭ دىنى سالامەت، دۇنياسى ئىسلاھات بولۇپ، مېھرى - مۇھەببەت ۋە خاتىرجەملىككە تولغان گۈزەل بىر جەمئىيەتكە ئېرىشكەن بولاتتى. ئەپسۇسكى، خەلق بۇ ساھەدە يېتەرسىزلىك قىلدى، ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشنى كىشىنىڭ ئىشىغا ئارتۇقچە ئارلاشقانلىق، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشى يوقۇلۇپ، بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالدى.
   خەلق ئىچىدە نەسىھەت داۋاملاشقان، نەسىھەت قىلىنغۇچىلارنىڭ قەلبى نەسىھەتكە سۆيۈنگەن زامانلاردا خەلقنىڭ ھەممە ئىشى ياخشى بولغانىدى. قاچان ھەر ئىنسان ئۆزىنى بىلىدىغان ئۆزگىنىڭ ئىشى بىلەن كارى بولمايدىغان، نەسىھەتنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشقانلىق، دەپ قارىلىدىغان زامان بولىۋىدى خەلق ئىچىدە بۇزۇقچىلىق كۆپەيدى، خەلقنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۆلدى، نەتىجىدە خەلق بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق قىسمەتكە قالدى.
   ھەممە ئادەمنىڭ ئاللاھنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇنۇش سەۋىيىسى، جەمئىيەت قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ، ئىنسان شەرىئەت ئەھكاملىرىدا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا خاتالىققا، ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەمىمى، كۆيۈملۈك نەسىھەتچىگە مۇھتاجدۇر. نەسىھەتكە ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلىدىغان، نەسىھەتنىڭ ئەۋزەل ئۇسسۇللىرىنى تاللىيالايدىغان پەزىلەت ئىگىلىرىلا مۇناسىپ بولالايدۇ. ئاللاھ تائالا ئازغۇنلىقىدا ھەددىدىن ئاشقان پىرئەۋنگە نەسىھەت قىلىشقا مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملەرنى تاللاپ مۇنداق دېگەن: {پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن}. سۈرە تاھا 43-،44- ئايەتلەر.
   ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھېكمەتلىك ئۇسلۇب ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن خەلقنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: {پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن}. سۈرە نەھل 125- ئايەت.
   مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشى، قېرىنداشلىرىنى ئىززەت، سائادەت ۋە ئۇلۇغلۇق يولىغا يېتەكلىشى لازىم: {ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ}. سۈرە ئەھزاب 71- ئايەت.
   ئى ئاللاھ، بىزنى ھېكمەتلىك ئۇسلۇب ۋە ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ، باشقىلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلغىن. ئى ئاللاھ، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىپ بەرگىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم - مەرىپەت، ئەقىل - پاراسىتىنى زىيادە قىلغىن، بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، ھەقىقەتكە زىت ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە مۇۋەپپەق قىلغىن.
  
   ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

مۇنبىرىمىز ئەزاسى شەھىدە يازمىسى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-6-23 12:41 , Processed in 0.086428 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش