خاتىرجەملىك بۈيۈك نېمەتتۇر.(10- سەپەر) مەدىنە خۇتبىسى 13-12-2013 - ھەرەم جۈمە خۇتبىلىرى - مەرىپەت تور بېكىتى - Powered by Discuz!

مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 4101|ئىنكاس: 3

خاتىرجەملىك بۈيۈك نېمەتتۇر.(10- سەپەر) مەدىنە خۇتبىسى 13-12-2013

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 14:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-15 14:28  



مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە خۇتبىنى ۋە جۈمە نامىزىنى ئوقۇغان پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئالى شەيخ جانابلىرى ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە، پەيغەمبەرئەلەيھسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىپ:«تىنچلىق-خاتىرجەملىكنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمىتى» ئىكەنلىكى توغرىسىدا خۇتبە باشلىدى:

تىنچلىق-خاتىرجەملىك ئىنسانلارنىڭ زۆرۈر، ئېھتىياجى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەممە ئەقىللىك ۋە دانىشمەنلەر بىرلىككە كەلگەن شۇنداقلا ھەممە جامائەتلەر قوشۇلغان بىر ئىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:تەرجىمىسى«ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان (جاي) قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، اﷲ نىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟ » ئەنكەبۇت سۈرىسى 67-ئايەت.  تىنچلىق-خاتىرجەملىك بۈيۈك نېمەت بولۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشى زور ئازابتۇر.  تىنچ-خاتىرجەم مۇھىتتا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، يۈز-ئابرۇيى ۋە مال-مۈلكىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، ئەنسىرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىنچلىق ھەر بىر قۇرۇلمىنىڭ مەركىزى ۋە داۋاملىشىشىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. تىنچ مۇھىتتا كۆڭۈل ئارام تاپىدۇ، ھايات يۆلىنىشى مۇقىم بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھى ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان:«سىلەردىن كىمكى تۇرالغۇسىدىن خاتىرجەم، تىنى ساق ۋە كۈنلۈك يېمەك-ئىچمىكى تولۇق ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدىكەن، خۇددى ئۇ كىشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا توپلانغاندەك بولدى».
تۈرلۈك جامائەت، شەخسلەر ئۈچۈن ئوخشىمىغان شەكىلدە تىنچ-خاتىرجەملىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالا ئۈچۈن تەۋھىد ۋە تائەت-ئىبادەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:تەرجىمىسى« اﷲ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر»نۇر سۈرىسى 55-ئايەت.

ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ، ھاياتلىقىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ھەقىقى ئىسلام پرىنسىپى ئاساسىغا قۇرغاندا ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ھەر تۈرلۈك قورقۇنچ ۋە خەتەردىن ساقلاپ، تىنچ-خاتىرجەم مۇھىتقا ئىگە قىلىدىغان ۋەدىسى ئەمەلىيلىشىدۇ.  تىنچ-خاتىرجەملىكتىن كېيىن قورقۇنچ-خاتىرجەمسىزلىك، مۇقىملىقتىن كېيىن قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كىشىلەرنىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ قانۇن-پرىنسىپىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« اﷲ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، (ئەسلىدە) تىنچ ـ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ ـ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (ئۇنىڭ ئاھالىسى) اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، اﷲ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى »نەھلى سۈرىسى 112-ئايەت.  ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:تەرجىمىسى« سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، اﷲ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار) »شۇرا سۈرىسى 30-ئايەت.

تىنچ-خاتىرجەملىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ساۋابلىرىدىن بىرى ھۆكۈمرانلار بىلەن خەلق ئۆز-ئارا ياخشىلىق، تەقۋالىق تەرەپتىن ھەمكارلىشىش، ھەر بىرى ئۆز مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلىش، بەلگىلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئورۇنداش، ھەممەيلەن ھەقىقى رەۋىشتە ئاللاھ تائالادىن قورقۇش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى ئاساس قىلىنىدىغان ساغلام بىر جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئىسلام قانۇن-پرىنسىپلىرىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، تىنچ-خاتىرجەملىك ئومۇملىشىدۇ، تۇرمۇش پاراۋان بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق، مېھرى-مۇھەببەت ئورنايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مىللەت ئىسلاھ بولىدۇ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار خەلق ئارىسىدا ئادالەتنى تولۇق بەرپا قىلىشى لازىم.
ئىسلام ئۇممىتى ئارىسىدا يۈز بەرگەن يامانلىق، پىتنە-پاساتنىڭ سەۋەبلىرىدىن: ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلق ئىشلىرىغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، كىشىلەر ئارىسىدا ئادىللىق ئاساسىدا يول تۇتمىغانلىقىدىن دۇر. بۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك بالا-مۇسىبەت ۋە پىتنە-پاساتلار مەيدانغا كەلدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۆكۈمدارلارنى مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ئۆز خەلقىگە رەھبەر قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆز خەلقىگە خىيانەت قىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلدى»(يەنى ئۆز خەلقىگە زۇلۇم قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن رەھبەر گەرچە مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ).
تىنچ-خاتىرجەملىكنى كۇچلاندۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى، كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا رەھبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:تەرجىمىسى« ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى اﷲ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر »نىسا سۈرىسى 4-ئايەت.    ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئەۋلادلىرى! ئۆزىنىڭ دىنى، مىللى كىملىكى ۋە خۇسۇسىي ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا تەقۋادار بولىشى، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ياخشىلىق، تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىشى، قۇرئان كىرىمنى قانۇن، ھەدىس شەرىپىنى يول باشچى ۋە ئىلگىركى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆرنەك قىلغان ھالەتتە تىنچ-خاتىرجەم مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار.تۈگىدى.

سەيپىدىن.


بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ تىزىملىتىش

10

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 106
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2018-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-19 18:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سىلەردىن كىمكى تۇرالغۇسىدىن خاتىرجەم، تىنى ساق ۋە كۈنلۈك يېمەك-ئىچمىكى تولۇق ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدىكەن، خۇددى ئۇ كىشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا توپلانغاندەك بولدى». (بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئۇ زات بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دەپ باھالىغان)


0

تېما

0

دوست

93

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  379
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 31
تۆھپە : 20
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 01:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت !~ داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ !


1

تېما

0

دوست

368

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 247
تۆھپە : 20
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 10:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سڭزگە،ئىلمىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولغاي!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-8-21 06:58 , Processed in 0.095578 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش