مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 6444|ئىنكاس: 10

شىئەلەرنىڭ ئەھل سۈننىگە تارىخ بويى خائىنلىق قىلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

201

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  666
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 4
تىللا: 106
تۆھپە : 20
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 16:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 16:04  

شىئەلەرنىڭ ئەھل سۈننىگەتارىخ بويى خائىنلىق قىلىشى

مۇقەددىمە ئورنىدا

شىئەلەرئويدۇرما ھەدىس پەيدا قىلىشتا ئالاھىدە چوڭ رول ئوينىدى. شىئەلەرنىڭ شىئەمەزھىبىنى تارقىتىش ئۈچۈن يالغان ئويدۇرما ھەدىس پەيدا قىلىشى ئىسلام ۋەساھابىلەرگە تەنە قىلىش مەقسىتىگە يېتىشتىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى. ئەگەر ھەدىسشۇناستەتقىقاتچى ئالىملار بولمىغان بولسا ۋە شىئە كاززاپلارنىڭ يالغانچلىقىنى ئېچىپتاشلىمىغان بولسا ئىسلامنىڭ بۇلاردىن تارتىدىغان زىيىنى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنبولار ئىدى.
شىئەئىدىيىسى 6-ئەسىردە پەيدا بولۇپ، 10-ئەسىردە جانلانغان. ئىسلام ئەقىدىسىنى بۇزۇپتاشلاش، ئەھل سۈننىگە خىيانەت قىلىش ۋە ئەھل سۈننىنىڭ ئىلمىي ئورگانلىرىنى ۋەيرانقىلىش ئۈچۈن ئورتاق نىشانغا تەۋە تۈرلۈك ئېقىملارنى سېپىگە قوشقان.
شىئەئىدىيىسى تارىختا «پاتىمىيۇن ۋە سەپەۋىيۇن» دۆلەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلارئەھل سۈننىگە بىدئەت ئىدىيىسىنى تېڭىش،ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋەقېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق تۈرلۈك ئازابلارنى تېتىتقان.
«پاتىمىيۇنۋە سەپەۋىيۇن» دۆلەتلىرى ئەھل سۈننىگە ئارقا تەرەپتىن خەنجەر سېلىش مەقسىتىدە شامدىيارىدىكى خرىستىئانلار بىلەن ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشتىن خىجىل بولمىغان. ئابباسىيەدۆلىتىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇئتەسىمنىڭ باش مىنىستىرى «ئىبنى ئەلقەمى»- شىئەمەزھىپىگە تەۋە بولۇپ-مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش نىيىتىدەكەلگەن موڭغۇللارغا ياردەمچى بولغان.
21- ئەسىرگە قەدەر «ئەھلى سۈننى ئىسلامدۇنياسى» شىئەلەردىن ئىبارەت خەتەرلىك ئېقىملارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپكەلمەكتە.

(1)
شىئەلەرنىڭ يالغان ھەدىس پەيدا قىلىشى توغرىسىدا

شىئەلەرنىڭئىسلام تارىخىدا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغانىسبەت بېرىلىدىغان يالغان ھەدىسلەرنى پەيدا قىلغانلىقىدا شەك يوق.
ئەگەرشىئەلەرنىڭ بۇ قىلمىشى مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بولسا ئىسلامغا تەسەۋۋۇرقىلغۇسىز زەربە بېرىۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا توغرا بىلەن خاتا ئارىلىشىپكېتىپ، كىشىلەر ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن ئىنسانلارنىڭ سۆزلىرىنى پەرق ئېتەلمەيتتى،نەتىجىدە دىنغا ئېتىقاد قىلىشتا خەتەرلىك تەسىرلىرى كېلىپ چىقاتتى.
ئاللاھتائالا ئىسلام ئۈممىتىنى قوغداپ قالدى، شۇڭا ھەدىس شەرىپىنى يادلايدىغان ۋەھەدىستىن يالغان سۆزلەرنى تازىلايدىغان ئالىملارنى ئاتا قىلدى. مانا قارايدىغانبولساق ئەھل سۈننىگە تەۋە ئاجايىپ كاتتا ئالىملار يالغان ساختا ھەدىستوقۇيدىغانلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىككى يۆنىلىشتە يول تۇتۇپ ماڭغان.بىرىنچى يۆنىلىش: نەزەرىيە يۆنىلىشى بولۇپ ھەدىسلەرنىڭ يالغانچلىقنى ئېچىپ بېرىدىغانقائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىش ئىبارەت. ئىككىنچى يۆنىلىش ئەمەلىي بولۇپ: يالغان ھەدىستوقۇش بىلەن تونۇلغان ئادەملەرنى پاش قىلىش ۋە كىشىلەرگە تونۇتۇۋېتىشتىن ئىبارەت.
بىرقىسىم مەجۇسىيلار شىئە سېپىگە كېرىپ، شىئە مەزھىبىنى تۇتقا قىلىپ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭئائىلە-تاۋاباتىنى ياخشىكۆرگەنلىكىنى بانا قىلىپ، سەپسەتە قاراشلىرىنى ۋە ئىسلامغا قارىشى ئىدىيىلىرىنىتارقىتىشنى مەقسەت قىلىشاتتى. بۇلار مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنرەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى ياخشىكۆرگەنلىكىنى پەردە قىلىۋالغان.
شىئەلەرنىڭكۆز قاراشلىرى ئىسلامنى بۇزۇش مەقسىتىدە پەيدا بولغان. شىئەلەرنىڭ بۇ كۆزقاراشلىرىنى دەسلەپتە ئاشكارلىشىشى تەس بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆز قاراشلىرىغا«شىئە»لىك تونىنى كىيدۈرگەن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرۈش بىلەن يۆگىگەنۋە رەسۇلۇللاھغا دېمىگەن گەپلەرنى توقۇپ چىققان.
مەسىلەن،ئابدۇلكەرىم دېگەن شىئە «بەسرە» شەھىرىنىڭ ۋالىسى مۇھەممەد سۇلايماننىڭ ئالدىغاكەلتۈرۈلگەندە، ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى جەزمىلەشتۈرگەندىن كېيىن 4000 يالغان ھەدىستوقۇپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.(ئويدۇرما ھەدىسلەر- ئىبنى جەۋزى، 1- توم، 37-بەت).
شىئەلەرنىڭئىپلاس پىلانلىرىنىڭ قاتارىدا: ساھابىلەرنىڭ تەرجىمھالىنى سەتلەشتۈرۈش ئارقىلىقئىسلامغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇق-سۆز چۆچەكلەر ۋە يالغان خەۋەرلەرنىتارقاتقان. چۈنكى ساھابىلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭمۇسۇلماندارچىلىقىغا تىل تەگكۈزۈش ۋە شەكلەندۈرۈش ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭساغلاملىقى ۋە سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىغا قىلىنغان شەكلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
ساھابىلەرنىڭئالاھىدە ئورنى بار، باشقا مۇسۇلمانلار قەدىر قىممەتتە ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ.ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبىرىگە ھەمرا بولۇشقا تاللىغان كىشىلەر... ئۇلار ئاللاھيولىدا جېنى ۋە مېلىنى ئايىمىغان كىشىلەر بولۇپ، ئىسلامنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋەشەرىئەتنى يەتكۈزگىچىلەردۇر. دېمەك، ساھابىلەرگە تىل تەگكۈزۈش قۇرئان ۋە سۈننەتكەتىل تەككۈزگەنلىك بولىدۇ.
مەشھۇرھەدىسشۇناس ئالىم ئەبۇزەرئە مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر سەن بىر ئادەمنىڭ ساھابىلەرنىكەمسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ ئۇنىڭ «زىندىق» ئىمانىدا چاتاق بار ئىكەنلىكىنى بىلىپقال. چۈنكى ئىسلام ئىدىيىسىدە پەيغەمبەر ھەق، قۇرئان ھەق. قۇرئان بىلەن ھەدىسنىبىزگە ساھابىلەر يەتكۈزگەن. ساھابىلەرگە تىل تەككۈزگەنلەرنىڭ مەقسىتى قۇرئان ۋەسۈننەتكە تىل تەككۈزمەكچى، شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلەرگە تىل تەككۈزگۈچىلەرنى «زىندىق»ئىمانىدا چاتىقى بار دەپ ئەيىبلەش ھەقلىقتۇر».(1)

(2)
پاتىمىيە دۆلىتىنىڭ ئەھلسۈننىگە قىلغان خىيانىتى

تارىختا«پاتىمىيە» دەپ تونۇلغان شىئە دۆلىتى رىم ئىمپېرىيىسى زېمىنلىرىدا ئىسلامدۇنياسىنىڭ كېڭىيىشىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، ئەكسىچە ئىسلام قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىشىپكېتىشىگە  كۈچىنى مەركەزلەشتۈردى. بۇ دۆلەتدەسلىپىدە ماراكەشتە 926-يىلى ئۇبەيدۇللاھ مەھدىنىڭ قولى ئارقىلىق قۇرۇلغان،ماراكەشتىن تارتىپ شامغىچە بولغان مۇسۇلمان دىيارلىرىدا جاسۇسلۇق قىلىپ، ئەندەلۇس(ئىسپانىيە)دىكى ئۇمەۋى دۆلىتى بىلەن قارشىلىشىپ، فرانسۇزلارغا قارشى ئۇرۇشقىلىشتىن ئاۋارە قىلغان، لېكىن ئۆزلىرى رىم ئىمپېرىيىسى ئارىلىقىدا سۇلھئورناتقان.
ئەلىشەمەرى دېگەن شىئە پاتىمىيە دۆلىتى بىلەن رىم ئىمپېرىيىسى ئارىلىقىدا بىر قانچەقېتىم كېلىشىمنامىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ كېلىشىمنامىنىڭ بىرىنچىقېتىملىقى مىلادىيە 987- يىلى يۈز بەرگەن، 1037- يىلى پاتىمىيە دۆلىتىنىڭ رەئىسى«مۇستەنسىر» بىلەن رىم ئىمپېراتورى «مىخائىل 4 »دەۋرىدە قايتا يېڭىلانغان.(2)
پەلەستىننىڭ1098- يىلى خىرستىئانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى شىئە پاتىمىيەدۆلىتىنىڭ شام دىيارىغا تەۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىگە قارشى نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇمقىلىشى سەۋەب بولغان. پاتىمىيە شىئە دۆلىتى 100مىڭ ئەسكىرى بىلەن ئىسلامدۇنياسىنىڭ خېلى كۆپ زېمىنىدىكى خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سۈننى مەزھىپىنى كۈچئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان.(3)
مىسىرتارىخچىسى«مەقرىزى»نىڭ بايان قىلىشىچە: قاھىرەدىكى پاتىمىيە دۆلىتى (969-يىلىقۇرۇلغان) سالاھىدىن ئەيۇبىنىڭ بېسىمى كۈچەيگەندە، پاتىمىيە شىئەلىرى سۈيىقەستقىلىپ، فىرانسۇزلارنى مىسىرغا چاقىرىپ مەكتۇپ يوللىغان. سالاھىدىنغا قارىشىفرانسۇزلارغا قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلغان. ئەمەلىيەتتە فرانسۇزلار مىسىرغا كېلىپ 1169-يىلى دىميات شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەببولغان (4). سالاھىدىنئەييۇبى 1172- يىلى پاتىمىيە دۆلىتىگە خاتىمە بەرگەن.


(3)
قارامىتە شىىئەلىرىنىڭ ئەھل سۈننىگە قىلغان سۇيىقەستى
قارامىتەشىئەلىرى (899-يىلى بەھرەيندە دۆلەت قۇرغان) ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە تەۋە سىياسىئېقىم بولۇپ، ئابباسىيە دۆلىتىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى ئىدى. چۈنكى ئابباسىيە دۆلىتىئىسمائىلىيە شىئەلىرىنىڭ رادىكاللىقىغا دىققەت نەزەرى بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان ئەھلسۈننى دۆلىتى ئىدى.
بۇسىياسى شىئە ئېقىم كۈچەيگەن كۈنلىرىدە كۆپلىگەن ئەھل سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىئۆلتۈرگەن، مەسچىتلەرنى خاراب قىلغان، قۇرئانلارنى كۆيدۈرگەن، ھاجىلارنى قىرىۋەتكەن.
ئابباسىيلارخەلىپىسى مۇقتەدىر (908-932) نىڭ دەۋرىدە قارامىتىلەر باغدادقا يۈرۈش قىلىپئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاڭ- تالاڭ قىلغان. بۇلارنىڭ رەھبىرى: بىز دۆلەت تىكلىگىلىكەلمىدۇق، بەلكى شەرىئەتنى يوقاتقىلى كەلدۇق، دېگەن.(5)
قارامىتەشىئەلىرىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنىڭ بىرسى ئۇلار ھەرەمدە ھاجىلارغا ھۇجۇم قىلغان،ھەرەمنى بۇلىغان، قارا تاشنى ئىھسا دېگەن شەھەرگە ئېلىپ قاچقان. ئۇلار قارا تاشنى مۇسۇلمانلارنىدۇنيانىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ماگىنىت دەپ ئويلاپ قالغان.مۇشۇ قېتىملىق رەزىل قىلمىشىدا مەككىلىك ئاياللاردىن 20 مىڭدەك ئايالنى ئەسىرگەئېلىپ ئالغان. (6)
دېمەك،قارامىتە شىئەلىرى مانا مۇشۇنداق قان ئۈستىدە بارلىققا كەلگەن، قىممەت- قاراش ۋەئەخلاق بىلەن ئويناشقان، شەھەر- يېزىلارنى ۋەيران قىلغان. ياشانغانلارنى،ئاياللارنى ۋە كېچىكلەرنىمۇ ئۆلتۈرگەن، مۇقەددەس ھەرەمنىڭمۇ ھۆرمىتىنى دەپسەندەقىلغان. بۇ قارامىتە شىئەلىرىنىڭ ھەرىكىتى بۈگۈنكى بەزى قانخور پەلسەپەئېقىملىرىغا ئوخشاش مۇتلەق ئەركىنلىككە چاقىرىدۇ، دىننى ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقىدۈشمىنى، دىننى يوقۇتۇش لازىم، دەپ قارايدىغان ئىدى.
(4)
ئىبنى ئەلقەمىنىڭ ئابباسىيەخەلىپىسىگە قىلغان خىيانىتى

ئابباسىيەخەلىپىسى مۇستەئسىم(1242-1258)نىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى ياكى كۈچى يوق ئىدى. ئۇنىڭدەۋردىكى باش ۋەزىرلىك ئىبنى ئەلقەمى دېگەن«شىئە»نىڭ قولىدا ئىدى. بۇ ۋەزىرخەلىپىگە ئەسكەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەنۋە ئەسكەرلەردىن ئىقتىسادى تەمىناتنى كېسىپ تاشلىغان. نەتىجىدە نەچچە ئون مىڭلىغانئەسكەرلەر ئىراقتىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئابباسىيە دۆلىتىنىڭ قوشۇنى 100 مىڭدىنئارتۇق بولۇپ، بۇ شىئە ۋەزىرنىڭ پىلانى بىلەن 20مىڭگە يەتمىگەن ئاز ساندىكى ئەسكەرقېلىپ قالغان (7).
تارىخىيمەنبەلەرنىڭ بايان قىلىشىچە ئىبنى ئەلقەمى ھولاكو بىلەن باغداد شەھىرىنىبېسىۋېلىشقا مەخپى كېلىشىم تۈزگەن ۋە ھولاكونى قىزىقتۇرغان. ھولاكوغا مەخپى مەكتۇپيوللاپ تۇرغان ۋە دۆلەتنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
تارىخىمەنبەلەرگە قارىغاندا، ئابباسىيە خەلىپىسى ھولاكو قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇش نىيىتىگەكەلگەندە ئەلقەمى ئەسكەرلەرنىڭ مائاشىنى ئۈزۈۋەتكەن، خەلىپىنىڭ ھىممىتىنىبوشاشتۇرۋەتكەن ۋە سۇلھ ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، دېگەن بانا بىلەن ئۇرۇشقىلىش نىيىتىدىن ياندۇرغان. نەتىجىدە باغداد قارشىلىقسىز موڭغۇللارنىڭ قولىغاچۈشۈپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھولاكو ئىبنى ئەلقەمىنى باغدادقا مۇڭغۇللار ۋەزىرىقىلىپ تەيىنلىگەن.(8)
ئابباسىلارنىڭئاخىرقى خەلىپىسى مۇستەئسىم قابىلىيەتسىز، تەجرىبىسىز، ھىممەتسىز، مال- دۇنياغائامراق، بوشاڭ ۋە ئىشلارنى باشقىلارغا تايىنىپ قىلىشقا تايىنىدىغان بىر ئادەمئىدى. خەلىپىنىڭ بۇ پاسسىپ تەرەپلىرىدىن ئىبنى ئەلقەمى بەك پايدىلىنىپ كەتكەن.
قوماندانخەلىپىگە:ئايال-بالىلىرى ۋە خەزىنىلىرىنى كېمە ئارقىلىق دىجلە دەرياسىدىن يۆتكەشنىئىلتىماس قىلغاندا،ئەلقەمى خەلىپىنى ئالداپ، باغدادتىن يۆتكىلىشىنىڭ ھاجىتىيوق،چۈنكى مەن موڭغۇللار بىلەن سۇلھ يولىنى تەييارلاپ قويدۇم. پات ئارىدا ھولاكوۋە موڭغۇللار ئىتائەت قىلغان ھالدا كېلىشىدۇ، دەپ خەلىپىنى قانائەتلەندۈرىدۇ.(9)
ئىبنىئەلقەمى ھولاكونىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىگە ئامانلىق ئېلىۋالىدۇ ۋە قايتىپ كېلىپخەلىپىگە: ھولاكو رىمنىڭ سۇلتانىنى تەخىتتە قالدۇرغاندەك جانابلىرىنى خەلىپىلىكتەختىدە قالدۇرماقچى، قىزىنى سېلىنىڭ ئوغۇللىرى ئەبۇ بەكرىگە ئېلىپ بەرمەكچى، شۇڭاھولاكونىڭ ئالدىغا كۈتۈۋالغىلى چىقسىلا، دەپ يول كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خەلىپە ۋەئۈچ ئوغۇللىرى باغدادتىن چىقىپ، ھولاكونىڭ قېشىغا كەلگەندە غەزەپ- نەپرىتىنىنامايەن قىلمايدۇ. ئىبنى ئەلقەمىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن خەلىپە كىشىلەرنى قورالتاشلاشقا بۇيرۇيدۇ، كىشىلەر قوراللىرىنى تاشلىغاندا ھەممىسى ھولاكو تەرىپىدىنئۆلتۈرۈلىدۇ.
ئۇندىنكېيىن ھولاكو باغداد شەھىرىگە ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇپ كېرىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ،ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ، كېچىك بالىلارمۇ ساق قالمايدۇ. بىتەرەپلىمەنورمال قاراشتىكى تارىخچىلارنىڭ پەرىزى بويىچە باغداد شەھىرىدە قەتلى قىلىنغانئادەملەرنىڭ سانى بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭ (1،800000)دىن ئېشىپ كەتكەن.
(5)
سەپەۋىلارنىڭ ئەھل سۈننىگە قىلغان خىيانەتلىرى

جەللاتئىسمائىل سەفەۋى(1487-1524) دېگەن رادىكال شىئە 1502- يىلى ئىراننىڭ تەبرىزشەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، كىم شىئە ئىدىيىسىنى رەت قىلىدىكەن ئۆلۈمگە ھۆكۈمقىلىنىدۇ، دەپ پەرمان چىقىرىدۇ. تەبرىز شەھىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننىئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ئەھل سۈننىگە ئېچىنىشلىق ئېغىر ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈپ، ئەر- ئايالۋە كىچىكلەرنىڭ ئەزالىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ.
1510- يىلى مەرۋىدە مۇھەممەد شەيبانى دېگەن ئۆزبىكنىيېڭىگەندىن كېيىن، ئىسمائىل سەفەۋى مەرۋە خەلقىنى قىرىپ تاشلايدۇ. ھېرات شەھىرىدە-گەرچە ھېراتلىقلار ئەھل سۈننى بولسىمۇ- شىئە مەزھىپىنى رەسمى دۆلەت مەزھىپى قىلىپئېلان قىلىدۇ ۋە بىر قانچە شىئە مەكتىپىنى تەسىس قىلىدۇ.
سەپەۋىلارنىڭشاھى ئابباس ئەۋۋەل(1571-1629) شىئە مەزھىپىگە قاتتىق ھېرىسمەن بولغانلىقتىن ئەھلسۈننىنى بەك كۈلپەت ياغدۇرىدۇ، پۇرسەت كەلسىلا ئەھل سۈننىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. شاھئابباس ئىرانلىقلارنى ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارماي شىئەلەرنىڭ 8- ئىمامى ئەلىمۇسانىڭ قەبرىسىنى مەشھەت شەھىرىدە زىيارەت قىلىش بىلەن چەكلىنىشكە ئۇرۇنغان.سەۋەب نېمە دېسە، ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالغان ئەھل سۈننى ئوسمانىلارنىڭ زېمىندىنئۆتۈپ سالماسلىق ئۈچۈندۇر.(10)
مەككىگەھەج قىلىشتىن مۇسۇلمانلارنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىن مەشھەتشەھىرىگە مېڭىپ بېرىپ قوياتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەفەۋى شىئەلىرى مەككىگە بېرىشنىڭئورنىغا ئىراننىڭ مەشھەت شەھىرىگە ھەج قىلغىلى بېرىشقا ئادەتلەنگەن.
شاھئابباس ئەۋۋەل باغرى تاش بولۇپ ئوسمانلىلار ۋە ئۆزبېك ئەھل سۈننى ئەسىرلەرگە قوپالمۇئامىلە قىلاتتى. ئۆلتۈرمىگەندىمۇ ئاز دېگەندە كۆزلىرىنى ئويۇۋېتەتتى، ئەھل سۈننىمەزھىپىدىن ۋاز كەچمىگەن ھېچ قانداق بىر ئەسىرنى كەچۈرۋەتمەيتتى.(11)
ئومۇمەنقىلىپ ئېيتقاندا ئىراندا شىئە دۆلەت تىكلىگەن سەپەۋىلەر مۇشۇ شەھەردىكى كۆپ سانلىقئەھل سۈننى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۇلارنى شىئەلىككە زورلاپ ئاز سانلىققائايلاندۇرۇپ قويغان.
سەپەۋىلارنىڭئوسمانىلارغا قارىشى ياۋروپالىقلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى
سەپەۋىلەر ياۋروپالىقلار بىلەن ئىتتىپاقئورناتمىسا ئوسمانلىلار خەلىپىسى بىلەن جەڭگە چۈشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپيەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سەپەۋىلەر ئوسمانلىلار دۆلىتىگە قارىشى ياۋرۇپا پادىشاھلىرىبىلەن توختام تۈزۈشكە ئۇرۇنغان.
ئوسمانلىلارقوماندانلىرى سەپەۋىلەر بىلەن يۈز بەرگەن ئۇرۇش سەۋەبىدىن سەپەۋىلەرنىڭئىلگىرىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ياۋروپادىكى ھەربى يۈرۈشلىرىدىن چېكىنىشكەسەۋەب بولغان. مەسىلەن سۇلتان سەلىم ئەۋۋەل (1512-1520 -يىلغىچە سۇلتان بولغان)ئىسمائىل سەپەۋىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپادىكى ھەربى يۈرۈشىدىن يانغان.شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئەڭ كاتتا سۇلتانلىرىنىڭ بىرى بولغان سۇلتان سۇلايمان (1495-1566)  نىمسانى 6 ئاي مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولۇپ، قولغاچۈشۈرۈشكە ئاز قالغاندا، «شىئە سەپەۋىلەرنىڭ» ئەھل سۈننى ئوسمانىلار زېمىنىغاتاجاۋۇز قىلىش خەۋىرىنىڭ يېتىپ كېلىش سەۋەبىدىن چېكىنگەن.
دېمەك،سەفەۋى شىئەلىرىنىڭ خەتىرى ئىككى تەرەپلىمە بولغان:
1.ئازغۇن ئىسمائىل سەپەۋىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشىۋە ئەلىۋىي شىئەلىرىنىڭ پىتنىسى
2.ئۇزۇنمۇددەتلىك ئۇرۇشلار.
ياۋرۇپاقىشتالە(ئىسپانىيەنىڭ غەربى شىمال رايونى) پادىشاھىنىڭ ئىستانبولدىكى مىنىستىرىفىريناد:«سەفەۋى شىئەلىرىنىڭ تارىختا پەيدا بولىشى ياۋرۇپالىقلارنى ئوسمانلارنىڭقولىدا ھالاك بولۇشتىن ساقلاپ قالغان» دېگەن.(12)
شاھئىسمائىل ئەۋۋەلنىڭ دەۋرىدە كۆپلىگەن سۈيقەستلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا تارىخگۇۋاھلىق بەردى. سەپەۋىلەر بىرىنچى قېتىم ئوسمانلىلار سۇلتانى سەلىم ئەۋۋەلنىڭئالدىدا جالدىران ئۇرۇشى(1514-يىلى)دا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پورتۇگالىيە بىلەنئىتتىپاق تۈزۈشكە ھەرىكەتلەنگەن ۋە كېلىشىم تۈزگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدەياۋروپالىقلار ئوسمانلىلار بېسىمىدىن بىر ئاز يوچۇق تاپقان. سەفەۋى شىئەلىرى بىلەنپورتۇگالىيە ئەھل سۈننى ئوسمانلىلار دۆلىتىگە قارىشى سىياسى ۋە ئىقتىسادى دوستلۇقكېلىشىمى ئىمزالىغان.(13)
شۇنداقلاشىئە سەفەۋى دۆلىتى ئوسمانلىلار دۆلىتىگە قارىشى ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيىگە مەكتۇپيوللاپ ئوسمان تۈركلىرىنى يانجىپ تاشلاش ئۈچۈن بىرلىشىش ئىدىيىسى بارلىقىنىئىپادىلىگەن.(14)
ئوسمانىلارنىڭئۇلۇغ سۇلتانى «سۇلايمان» مۇ دادىسىغا ئوخشاش سەپەۋى دۆلىتىنىڭ ئۈچ قېتىم ئەدىپىنىبىرىپ ئىراق، ئىران ۋە ئەزەربەيجاننى قايتۇرۋالغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار نىجىسسەپەۋى شىئەلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلانغان

خۇلاسە
شىئەئېقىملىرى تۈرلۈك ئىسىم ۋە ئوخشىمىغان ئورۇن ۋە زامانلاردا بولسىمۇ، ھەممىسى پېلان،مەقسەت، غايە ۋە ئۇسۇل- چارىلەردە ئوخشاش.
ئىسلامنىڭكونا-يېڭى تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق شىئە مەزھەپلىرىنىڭ بىردەك نىشانى:ئەھل سۈننى مۇسۇلماندارچىلىقنى ئۆرۈپ تاشلاش، مۇسۇلمانلاردىكى ساغلام ئەقىدەپرىنسىپلىرىنى داۋالغۇتۇش، كىشىلەر ئارىسىدا بىدئەت پەيدا قىلىش ۋە ئەھل سۈننىرايونلىرىدا ئازغۇن شىئە قاراشلىرىنى تارقىتىشتىن ئىبارەت.
شىئەبىلەن ئەھل سۈننى ئارىسىدىكى كۆرەش بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشماقتا، ئىدىيە ئۆلمەيدۇ.شەكىل، چىراي ئۆزگىرىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئەقلى ئۆزگەرمەيدۇ.
ئىككىيۈزلىمە پەردە ئارقىسىدىكى بۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكى ئاشكارا ئىسلامدۈشمەنلىرىنىڭ زىيانلىرىدىن بەك خەتەرلىك.
ماناقارايدىغان بولساق، شىئە ئېقىملىرى ئىسلامنى يوقۇتۇش، ئەھل سۈننىڭ رولىنى سىقىشئۈچۈن خىرىسىتىيانلار بىلەن بىرلەشمەكتە. ئافغانىستان ۋە ئىراق بۇنىڭ بىركۆرۈنىشى...
ئازغۇنشىئەلەر بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋردە ئەھل سۈننىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بىرەر ئىشقىلىپ سالغىنى يوق. ئۆزىگە پايدا تەگمەيدىغان بولسا، سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭمەنپەئەتى بىلەن كارى يوق. ئەھل سۈننىگە تەۋە ئىش بولسىلا كەينىنى قىلىۋالىدۇ.بۇ  ئازغۇنلاردىن ئەھل سۈننىگە ھەرگىزپايدا كەلمەيدۇ. مەسىلەن، بوسنىيە- ھېرسەك ئۇرۇشى (1992-1995)، چېچىنىيە ئۇرۇشى(1994-1999)،كوسوفۇ(1999) ئۇرۇشى... ۋە باشقا ئاجىز مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئۇرۇشلاردىكىپوزىتسىيىسى ۋە مەيدانى ئېنىق ئىككى يۈزلىمىلىك بىلەن تونۇلغان.
ئىراننىڭغەربى جەنۇبىغا جايلاشقان «ئەھۋاز» رايونىدىكى ئەھل سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرانشىئەلىرىنىڭ قولىدا قانچىلىك بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىر ئاللاھبىلىدۇ.
سۈرىيەدىكىئۇرۇشتىمۇ ئەھل سۈننىگە قارشى سۈرىيەدىكى ئەلىۋى شىئەلەردىن تەركىپ تاپقانمۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللاپ ئىران ۋە ئاللاھ پارتىيىسى(شەيتان پارتىيىسى)ئەسكەرلىرى ھەر كۈنى ئەھل سۈننى خەلقىنى ئۆلتۈرمەكتە. بۇنىڭدىنمۇ چوڭ پاكىتكېرەكمۇ؟
شىئەلەركېچە- كۈندۈز ئىلگىرىكى بوۋىللىرىنى دوراپ ئەھل سۈننىگە خىيانەت قىلىش،مۇسۇلمانلارغا ئارقىدىن خەنجەر سېلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. ساغلام ئەھل سۈننى ئەقىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن بارلىقۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالماقتا.
ئەھلسۈننى مۇسۇلمانلىرى ئوسمانىلار تارىخى ۋە باشقا تارىختىن ئىبرەت ئېلىپ بۇلارغاداۋاملىق ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە قۇرۇق شۇئارلاغا ئالدانماسلىقى لازىم.ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپال ئاساسلىرى ۋە قاراشلىرىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.
دوكتۇريۈسۈپ قەرداۋى باشچىلىقىدا بىر بۆلۈك ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرى ئەھل سۈننى بىلەنشىئەلەرنى يېقىنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرشەلمىگەن. دوكتۇرقەرداۋى ئىراننىڭ ئەسبەق رەئىسى رەپسانجانى بىلەن 2007- يىلى جەزىرە قانىلىدابىۋاستە مۇنازىرلەشكەندە رەپسانجانى دېگەن تۈلكە-ماجۇڭيى تۇڭگانغا ئوخشاش «تەقىييە»ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ- ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرگىلى ئۇنىمىغان...
بىز بۇ ماقالىمىزدا شىئەگە قارىتا قوپاللىققىلىشنى تەشەببۇس قىلمىدۇق، بەلكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىدىيە بىرلىكىنى پارچىلاپ،يۇرتىمىزنى شىئەلەشتۈرۈش نىيىتى بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرماقچى. ئەگەر شىئەلەردەياخشىلىق ۋە ئىنساپ بولىدىغان بولسا، ئورتاق بىر ئىدىيەگە تەۋە ئەھل سۈننى ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنمىغان بولاتتى!... بەزىلەر شىئە- سۈننى مەسىلىسىنىئوتتۇرغا تاشلىمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئۇيغۇرمەسىلىسىگە ھاجىتى يوق ئىدى!...
شىئەتوغرىسىدا تېخىمۇ كەڭرى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تاتار ئالىمى مۇسا جارۇللاھنىڭ«شىئەلەرنىڭ ئەقىدىسىنى تەنقىد قىلىشتىكى يول» ناملىق كىتابىغا قاراڭ.


ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرىي
(دوكتۇر ئاسپىرانتى)
15- 4- 2014 كۈنى، قاھىرە.




(1).رىۋايەت پەنلىرىدە يېتەرلىك بايان- خەتىب باغدادى، 49- بەت.   پەتىۋالار توپلىمى- ئىبنى تەيمىيە، 429- بەت.

(2). شىئەلەرنىڭ دۇنيادىكى خەرىتىسى- ئەمىر سەئىد، 59- بەت.

(3). يۇقىرىقى مەنبە، 60 بەت.

(4). ئىش- ئىزلار- مەقرىزى، 2- توم، 2-بەت.

(5). پەيغەمبەرلىك پاكىتلىرىنى ئىسپاتلاش- قازى ئابدۇلجاببار، 2- توم، 383- بەت.

(6). مۇكەممەل تارىخ- ئىبنى ئەسىر، 6- توم،203 –بەت.

(7).چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار- ئىبنى توغرى بەردى.7- توم، 48- بەت.

(8). ئىبرەت- ئىبنى خەلدۇن، 3- توم، 537- بەت.  سۇلتاننىڭ ئەدەب ئەخلاقلىرى-پەخرى، 338- بەت.

(9). موڭغۇللار تارىختا- د.پۇئاد سەيياد،263- 264- بەتلەر.

(10). شاھ ئابباس كەبىر- د. بەدى مۇھەممەد جۈمئە، 101- بەت.

(11). يۇقىرىقى مەنبە، 103- بەت.

(12).ئوسمانلى-ئىران ئۇرۇشلىرى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ ياۋرۇپاغا ئىسلامنىڭ تارقىلىشىغا تەسىركۆرسىتىشى- د.مۇھەممەد ھەرىدى، 61-بەت.
سەپەۋى دۆلىتى- د.ئەھمەد خۇلى، 87- بەت.

(13). سەپەۋى دۆلىتى- د.ئەھمەد خۇلى، 87- 91- بەتلەر.

(14). يۇقىرىقى مەنبە، 94- بەت.




6

تېما

0

دوست

422

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 402
تۆھپە : 0
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 19:20:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلار بىلەن بىزلەرنى ۋاقىپلاندۇرۇغان قولىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.


6

تېما

0

دوست

422

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 402
تۆھپە : 0
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 19:21:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلار بىلەن بىزلەرنى ۋاقىپلاندۇرۇغان قولىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.


5

تېما

0

دوست

357

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  570
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 219
تۆھپە : 20
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:04:22 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇشقا رايىم بارمىدى ....  ئۇلار نىمە ئىشىنىدۇ؟  خىرىستىئانلار خۇدا ئۈزى قۇتقۇزدۇ شۇنىڭغا ئىشەنسەڭلا نىمە قىلساڭ مەيلى دەيدىكەن،   بىز ئىشنىمىز بوي سۇنىمىزئەمەل قىلمىز،  شىئەلەر ىڭ ئىمان قارشى قانداق؟ بىر دەپ بەرسىڭىز


5

تېما

0

دوست

357

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  570
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 219
تۆھپە : 20
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:06:45 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئەقىلگە تايىنىمىز،  شىئەلەر چوڭلا نىمە دىسە شۇنىڭغا ئىشىنەمدۇ؟  ئىران شۇندا ئەخمەقلەر قولىدا قاندا تەرەققىي قىلۋاتقاندۇ... خاتا چۈشنۈپ قالغان بولسام تۈزتىپ بىرىڭ


8

تېما

0

دوست

384

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 251
تۆھپە : 20
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 11:37:59 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەدرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 11:46  

Mickey mouse ،تولا گەپ قىلماي تولا ئىجتىھات قىلىڭ،گەپنى قىلسىڭىزمۇ ئورۇنلۇق توغرا ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتىگە پايدىلىق گەپنى قىلىڭ،
شىئەلەر توغرىسىدا دىن ۋە ھايات دىگەن كىتابتا قىسقا ئەمما مىغىزلىىق چۈشەندۈرۈش با ،دىن ۋە ھايات چۈشۈرۈش ئادىرسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=2489217141&uk=2972893166&fid=1383092994  
تىخىمۇ ياخشى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ھەرخىل پىرقىلەر دىگەن كىتابنى ئوقۇڭ،مۇنبەرنىڭ بۇلۇتىدا با،


5

تېما

0

دوست

357

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  570
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 219
تۆھپە : 20
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 12:13:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 11:37
Mickey mouse ،تولا گەپ قىلماي تولا ئىجتىھات قىلىڭ،گەپنى قىل ...

رەھمەت ، سىزمۇ ھېلىقى كارتون فىلىمنى كۈرۈپسىز ھە
نىمىدىگەن كۆپ پىرقە بۇ .... ئەركىن سىدىق ھېلىقى تىمىنى يېزىپ دىننىي چۈشەنچىسى كاملارنى ،ئىسلام دىگەن نۇرغۇن قارمۇ قارشى پىكىرلەرگە تولغان بىر دىنكەن دىگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويدى ، مەن كىمنىڭ گىپى ئوڭ بولسا شۇنىڭ يولىدىمەن ،ئاللا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرنىڭ يولى ئوڭ


8

تېما

0

دوست

384

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 251
تۆھپە : 20
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 13:51:59 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەدرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 13:54  
0102 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 12:13
رەھمەت ، سىزمۇ ھېلىقى كارتون فىلىمنى كۈرۈپسىز ھە
ن ...


ساغلام،پاك كىتابتىن ئون يىگىرمىنى ئوقۇسىڭىزلا ،كاللىلىڭىزدا نۇرغۇن مەسىلە ئايدىڭ بولىدۇ،(بۇ دىگىنىم سىزنى ئالىم بولىسىز دىگىنىم ئەمەس پەقەت توغرىنى تاللىغۇدەك ئاڭ پەيدا بولىدۇ)
پىرقە كۆپ ئەمەس،پەقەت ئىسىم كۆپ ،نۇرغۇنىنىڭ نىشانى ،مەقسىتى بىر،ئەمما تۇتقان يولى ئوخشاش ئەمەس،مەسىلەن:بىرسى ياغاچچى،تامچى،دىھقان،ئەمما ھەممىسى ئوخشاش ھالال تىپىپ يىيىش،
بەزى ئىسلام سىرتىدىكى كىشىلەر شەخسى نوپۇزىغا تايىنىپ باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئازدۇرۋاتىدۇ،


17

تېما

0

دوست

413

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  390
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 264
تۆھپە : 20
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 14:46:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ رەھمەت


0

تېما

0

دوست

95

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  810
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 33
تۆھپە : 20
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-17 05:21:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن ..پايدىلىق تېمىكەن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-16 19:42 , Processed in 0.158808 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش