مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 2474|ئىنكاس: 13

قايغۇرما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 14:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىركامىلجان قەشقەرى

قايغۇرما!
ئەگەر يۇرىكىڭ ئېچىشىۋاتقان بولسا، بىر قەلبىڭ بار، دېمەككى.
قەلبسىزلەر دەرت-ئەلەمنى بىلمەيدۇكى!
بۇ نېمە دېگەن بەختىيارلىق، سەن دەرتلىنەلىدىڭ.
قەلبىڭنى سىلاشتۇرۇۋاتقان بىرى بار دېمەككى.
يا قەلبىڭ سىپاشتۇرۇلمىغان بولسىچۇ؟
يا قەلب تۇپراقلىرىڭغا قايغۇ سىڭدۈرۈلمىگەن بولسىچۇ؟
دېمەككى، سەن نەزەردىن ساقىت قىلىنمىدىڭ...دېمەككى، ھازىرمۇ بىر ئۈمىد ئېكىنزارلىقىسەن.

قايغۇرما!
ئەگەر قايغۇرىۋاتقان بولساڭ، شۇنى بىلگىنكى،
سېنىڭ پارلاق مەۋجۇتلۇقىڭنى بىرسى پاتقاقتىن چىقىرىشنى خالىماقتا، شۇڭا قەلبىڭنى سىپاشتۇرماقتا.
قەدرىنى بىلگىنكى، دەرت چەكتۈرۈشكە لاياقەتلىك كۆرۈۋاتقان گەپ سېنى.
قايغۇلىرىڭ قەلب تۇپراقلىرىڭنى ئاستۇن-ئۈستۈن قوچۇۋاتقان بولسا ئەگەر،
سەن تېرىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىكىنزارلىق دېمەككى.
ئەگەر، دەرت-ئەلەم زەربىسىدە كۈكۈم-تالقان بولۇۋاتقان بولسا قىيا تاشتەك چۇڭايتقان ئىشەنچلىرىڭ،
يېرىلغان كۆكسۈڭگە ئۈمىد كۆچەتلىرى تىكىلمەكتە دېمەككى.

قايغۇرما!
قوللىرىڭ ئىڭىكىڭنى يۆلىگەن،
باشلىرىڭ يەرگە ساڭگىلىغان ھالدا كېتىۋاتقان بولساڭ،
ئىچىڭنى شاتلاندۇرىدىغان خەۋەرلەرنىڭ رەڭلىرى تامشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئۆمۈر دەپتىرىڭگە دېمەككى.
قار يېغىۋاتقان بولسا ئىشەنگەن تاغلىرىڭغا، ئەتىنىڭ ئويمانلىقىدا رەڭگارەڭ گۇللىرىڭ بولىدۇ، دېمەككى.
تەلۋە شىۋېرغانلار تەۋرىتىۋاتقان بولسا، شاتلىق چوقىلىرىڭنى،
بوران-چاپقۇنلار تەستەكلاۋاتقان بولسا ئۈمىد قىيالىرىڭنى،
سەن بىر ئۇلۇغ تاغسەن دېمەككى.
ئازراقلا كۈتكىن،
ئېتىكىڭدىن سۆرۈن شاماللىق ئىرىق-ئاستەڭلەر ئاقىدۇ، دېمەككى.

قايغۇرما!
دەرتلەنسەڭ، مەغرۇرلاشمايسەن... كىبىرنىڭ مەينەت ئازگىلىغا چۈشمەيسەن... مەنمەنلىكنىڭ لايلىرىدا بۇلغانماس ئاياغلىرىڭ... ئازغۇنلۇقنىڭ يوللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ ماڭىدىغان بولىسەن... ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ ئارقىغا كىرىپ، گۇناھكارلىقنىڭ قاراڭغۇ ئۆرەكلىرىگە دۈم چۈشمەيسەن.

سېنى بىرسى يېقىنلىقىغا چاقىرىۋاتىدۇ، دېمەككى.
سېنى ئۇ ئۇلۇغ زات سىغىنغان بولۇشى مۇمكىن دېمەككى.

قايغۇرما!
دەرتلىنىۋاتقان بولساڭ، بىر مۇقەددەس تەسەللىي ئىشىكى ئالدىدا ساقلىتىلىۋاتىسەن دېمەككى.
كۆزۈڭنى تارت! ۋاپاسىز دۇنيانىڭ ئىشىكلىرىدىن... قەلب ئالىمىڭدىن قۇغلاپ چىقارغىن سەۋەپلەرنىڭ قۇرۇق ئۈمىدلىرىنى... ئۈمىدىڭنى ئۈزگىن ساختا قانائەتلەردىن.... يۈرىكىڭنى نىرى قىل! بوش ھاياجانلاردىن.... ئېشىك مانا ئېچىلاي، ئېچىلاي دەيدۇ، دېمەككى.

قايغۇرما!
قايغۇرۇۋاتقان بولساڭ، قۇلۇڭدىن كېتىدىغان قىممەتلىك بىر نەرسەڭ بار، دېمەككى.
قولىدىن كېتىدىغان قىممەتلىك نەرسىسى بار كىشى، ئاللىي بۇرۇن قازانغان كىشى دېمەككى.
قولۇڭغا كەلتۈرەلمىگەنلىرىڭنى سانايمەن دەپ ئۇپراتما نەپسىڭنى... قولۇڭدىكىلەرنى ساناشقا باشلا! ھەممىنى سانىيالىساڭمۇ، نەپەسلىرىڭنى ساناشقا نەپىسىڭ يەتمەيدۇ. مانا قارا! نېمە دېگەن بايسەن. نەپەس ئېلىۋاتىسەن، دېمەككى.

قايغۇرما!
سېنى بىر تىڭشاۋاتقان زات بار... سەن ئۆزەڭنى سۆيۈشتىنمۇ ئىلگىرى ئۇ سۆيگەن سېنى... سەن ئۆزەڭمۇ بىلمەيدىغان ئۇنتۇش ھاڭلىرىدىن ئۇ تارتىپ چىقاردى سېنى.
تارتىۋاتقان ئازاپلىرىڭغا خۇددى مەشغۇل چىلىنىۋاتقان تېلېفونغا ئوخشاش گاس-قارىغۇ ئەمەستۇر ئۇ... يۈرىڭىڭنىڭ ھەر بىر ئەلەملىك ئاتەشلىرىگە سۇ سېپىشكە ئەنە ئۇ يېتىپ كېلىدۇ.
جۇدالىقىڭغا، ئازابلىرىڭغا... تۆمۈرگە ئوخشاش سوغۇق بىنالار گىبى پەرۋاسىز ئەمەستۇر ئۇ... يوقاتقانلىرىڭنىڭ ھەممىنى ساڭا قايتۇرپ بېرىشكە ئۇ ۋەدە بېرىدۇ.
سۆيگەنلىرىڭگە، سىغىنىشلىرىڭغا... خۇددى كۆپ خىل تاللاش ئۇسۇللىرى بولغان ئىمتېھان قەغىزىگە ئوخشاش تەمسىز، تۇزسىز فورمىلالارنى سونمايدۇ ئۇ...
سېنى ھەممىدىن بەك ياخشى چۈشىنىدۇ... ساڭا سېنىڭ ئۆزەڭدىنمۇ بەك كۆڭۈل بولىدۇ... ئۇ پەقەت كۆز ياشلىرىڭ بىلەن ئۇنىڭ ساداسىغا ئىمزا ئېتىشىڭنىلا خالايدۇ.
بىر ئەبەدىلىك سۈرەت رامكىسى ئىچىگە رىياسىز بەندىچىلىكىڭنىڭ رەسىمىنى قويۇشنى خالايدۇ.
سورۇلۇپ كېتىۋاتقان ئۆمۈر زەررىلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن ئىللىققىنە بىر لالە گۈلىنىڭ ئۆمىدىنى ياشارتىشنى خالايدۇ.
ھال-ئەھۋالىڭنىڭ يېرىلغان يېرىقلىرى ئارىسىدىن مەڭگۈلۈك تەسەللىي ئۆستەڭلىرىنى ئېقىتىشنى خالايدۇ.

قايغۇرما!
ھەر بىر قايغۇرۇش مەۋجۇتلۇقنىڭ جىسمىغا بىر سېزىقچىدۇر... دېمەككى قايغۇرۇشلىرىڭ مەۋجۇتلۇقىڭنىڭ خەۋەرچسىدۇر.
قېنى ئەسلەپ باققىنكى،
بىر چاغلاردا ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەكمۇ بىر نەرسە ئەمەس ئىدىڭ.
ھېچ ئىككىلەنمەستىن، ئەخلەتكە ئاتسا بولغۇدەك بىر مەينەت سۇ ئىدىڭ.
پەقەت ئەشۇ بىرلا زات يۈزۈڭگە باقتى....
ھېچ كىشى سېنى ئىزدەپ سوراپمۇ قويمايدىغان... ساڭا ئەھمىيەت بېرىپ ئىسمىڭنى بىر بۇلۇڭغا يازمايدىغان... يېزىشقا لايىق ئىسمىڭمۇ بولمىغان شۇ كۈنلەردە، پەقەت ئەشۇ بىرلا زات سېنى ئەسلىدى.
ساڭا يۈز خاتىرە قىلدى... سېنى يېنىغا ئالدى ۋە ھەر دائىم سەن بىلەن بىرگە بولدى. سەن ئۆزەڭنى ئۇنتۇپ ئۇيقۇ ياستۇقىغا باش قويغىنىڭدىمۇ، ئۇ سېنى ھەر قېتىم يەنە سەھەرگە يەتكۈزدى. شۇنداقتىمۇ سەن ئۇنى قانچىلىغان قېتىم ئۇنۇتتۇڭ، ئەمما ئۇ سىنى ھەرگىز ئۇنۇتمىدى.

قايغۇرما!
ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىسىمۇ يالغۇز قالغان... چالما كېسەك قىلىنغان... پالانغان... يارىلانغان... قوغلاپ چىقىرىلغان... ئاچ، سۇسىسز قالغان... ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئۇزاقتىن ھەسرەت بىلەن، كۆز ياشلىرى ئىچىدە چارىسىزچە نەزەر سالغان....
ئەنە غاردىمۇ يالغۇز مۇداپىئەسىز قالغان... شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ساڭا ئوخشاشلا قايغۇرغان يىگانە ھەمراھىغا، مەڭگۈلۈك بىشارەت بەرگۈچى تەبەسسۇمى بىلەن: «لا تەھزەن ئىننەللاھە مەئانا» «قايغۇرما ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە» دەپ بىشارەت بەرگەن.
ئەمدى سەنمۇ قايغۇرما!
كۆتۈر بېشىڭنى يەردىن،
ئۇ سۆيۈملۈك زات سېنى مۇرەڭدىن سىلكىپ ئەسلىڭگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
چۈنكى ئۇ رەببىڭ، ئۇ پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رەنجىمەيدۇ دېمەككى.
سۆيۈملۈك كىشلىرىڭنىڭ كۆزلىرىگە ئىچىكىرىلەپ بىر

مەرىپەت ژورنىلى 4-سان 66-بەت


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 23:38:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.



177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:19:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:20:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
غەم قىلما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-17 01:35 , Processed in 0.164432 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش