مەرھۇم ئۇستازىم شەمسىدىن قارىھاجىمنى ئەسلەيمەن - مەرىپەت ژورنىلى - مەرىپەت تور بېكىتى - Powered by Discuz!

مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 2956|ئىنكاس: 1

مەرھۇم ئۇستازىم شەمسىدىن قارىھاجىمنى ئەسلەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 14:59:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇجىلىل تۇران

مەرھۇم ئۇستازىم شەمسىدىن قارىھاجىم تەخمىنەن 1928-يىللىرى بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەندىجان ۋىلايىتىدە ئەندىجان قازىسى ئابدۇلئەزىز قازى داموللام (ئورۇسلار يەپكەتكەن) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1930-يىللىرى ئاكىسى مەشھۇر شائىر بىلال ئەزىرى بىلەن ئانىسى سائادەتخان ئايىم (تەخەللۇسى بىۋاپا ئايىم بولۇپ، ئۇقۇمۇشلۇق شائىرە ئايال ئىدى) نىڭ ھەمرالىقىدا دىيارىمىزنىڭ مەشھۇر تارىخچى موللا مۇسا سايرامى ھەزرەتلىرى ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى تارىخى ھەمىدىدە: «خوتەن ناھايىتى كونا ۋە قەدىمىي شەھەردۇر، ئادەملىرىنىڭ خۇلقى-مىجەزىگە قارىغاندا، بىر سۆزلۈك، بىر قوللۇق، بىر نىيەتلىك ۋە ئىتتىپاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ... تەقۋا پەرھىزكارلىرى تولا... تەبىئەت ئىدرىكى پاكىز، زېھنى يۈگرۈك... مېۋە-يىمىشلىرى بولسا ناھايىتى كۆپ ۋە مول، يايلاق-باياۋانلىرى بىپايان، چارۋا ماللىرىمۇ ناھايىتى كۆپ» دەپ ئالاھىدە ماختىغان خوتەنگە كېلىپ، خوتەن شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. ئاكىسى مەشھۇر شائىر بىلال ئەزىزى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاقسۇ تۈرمىسىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

مەرھۇم شۇيىللاردا ئۆزبېكىستاندىن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ، قارىيلىقتا داڭق چىقىرىپ، خوتەندە مىڭلىغان قارىي يېتىشتۈرگەن مەرھۇم ئابدۇنەبى قارىھاجىم يېنىدا ئوقۇپ، قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادقا ئېلىپ، ئابدۇنەبى قارىھاجىمنىڭ بىرىنچى قول تالىپى بولۇپ، ئابدۇنەبى قارىھاجىمنىڭ مەدرىسىسىدە خەلپەت (ئورۇنباسار ئۇستاز)لىق قىلىپ، قارى تەربىيىلەشكە باشلايدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان قارىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. كېيىن خوتەننىڭ 10 كىلومىتىر غەربىگە جايلاشقان سەيشەنبە بازار يېزىسىدا قادىر ھاجىم مەدرىسىسىدە مەخسۇس ئۇستاز بولۇپ قارىيلارنى تەربىيىلەيدۇ.

1953-1955-يىللىرى قاغىلىقتا ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمدا دەرس ئوقۇيدۇ. شۇ يىلى يازدا ئۇستاز ئوقۇۋاتقان مەدرىسىگە پۇقراچە كېيىنگەن ساقچىلار باستۇرۇپ كىرگەندە شەمسىدىن قارىھاجىم ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇمىغانلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مەسچىتكە باشلاپ قويۇپ قېچىپ كېتىدۇ ۋە كىچىدە توختىماي پىيادە يول يۈرۈپ گۇمىغا كېلىۋالىدۇ ۋە ئۇ يەردە بىر قانچە كۈن تۇرۇپلا خوتەنگە كېلىپ، ئۆيىگىمۇ بارالماي كېرىيەگە بېرىپ يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. ئارىدىن يەتتە، سەككىز ئايدىن كېيىن تۇتۇلۇپ قالىدۇ. خوتەن تۈرمىسىدە بىر يېرىم يىل يېتىپ، ئابلىمىت داموللام ۋەقەسى دەپ تۇنۇلغان ئاتچۇي ئىنقىلابىدا ھېچقانداق رولى يوقلىقىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ 1957-يىلى قالپاق كېيگۈزۈپ قويۇپ بېرىلىدۇ.

1958-يىلى پۈتۈن مەدرىسىلەر پىچەتلەنگەندىن كېيىن، شەمسىدىن قارىھاجىم كوپراتسىيەنىڭ سەيپۇڭچىلىقىنى قىلىدۇ. 1974-يىلى خوتەندە باشلانغان ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتىدە قايتا تۇتۇلۇپ، ئۆيىدىن تېپىلغان قۇرئان-كىتابلار بوينىغا ئېسلىپ، قولى باغلىنىپ خوتەن ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىش لاگىرىغا سەككىز ئايلىق قامىلىدۇ. ئۇستازنىڭ 1977-يىللىرىغىچە سىياسىي تەقىب، قاچقۇنلۇق، سەرگەردانلىقتىن ئىبارەت كۆرمىگەن كۈنى قالمايدۇ. ئەترەتتە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدۇ، چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر دەپ كۈرەش قىلىنىدۇ، كوچىلاردا سازايى قىلىنىدۇ، قامىلىدۇ.

1978-يىللىرىدىن كېيىن ئۆز ئۆيىدە قارى تەربىيىلەشكە باشلايدۇ. تەدرىجى ھالدا تالىپلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كېتىدۇ. نەچچە ئونلىغان قارىي بالىلار يېتىشىپ چىقىدۇ. مەرھۇم قارىھاجىم پەقەت 1978-يىلىدىن كېيىن ئەمەس، 60-70-يىللاردىكى ئېغىر كۈنلەردىمۇ بىردىن، ئىككىدىن بولسىمۇ بالا ئوقۇتۇپ، بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ، قۇرئان كەرىم ئۆگىتىپ تۇرغان. مېنىڭ ئېغزىمغىمۇ تۇنجى ئىلىمنى رەھمەتلىك شەمسىدىن قارىھاجىم سالغان ئىدى. مەن رەھمەتلىك ئۇستازىمدا قۇرئان ساۋادىمنى چىقىرىپ، قىرائەت ئۆگەنگەننىڭ سىرتىدا سابىت داموللامنىڭ «ئەقائىد جەۋھەرى»، «شىرىن كالام»، زىرىف قارىھاجىمنىڭ «ئەممە پارە تەپسىرى» قاتارلىق كىتابلارنى دەرس قىلىپ ئوقۇغان.

رەھمەتلىك شەمسىدىن قارىھاجىم شۇنداق قاتتىق كۈنلەردە رامىزان كەلسە ئۆي-ئۆيلەردە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇپ، بىر ئاي رامىزاندا ئەڭ ئاز تۆت-بەش قېتىم قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىپ ئۆتكۈزەتتى. بۇلبۇلدەك جاراڭلىق ئاۋازىغا مەپتۇن جامائەتلەر يېراق جايلاردىن كېلىپ يېرىم كېچىگىچە ناماز ئوقۇيتتى. 5-6 سائەتلەپ مەرھۇمغا ئېقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان جامائەت ھېچ ھارغىنلىق ياكى زىرىكىش ھېس قىلمايتتى.
80-يىللاردىن كېيىن ھەممە ئىشىنى تاشلاپ مەخسۇس قارى تەربىيلەشكە كىرىشىدۇ. تالىپلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

1984-يىلى ئائىلىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە كېلىدۇ ۋە 35 يىل بۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن تۇنجى ئوغلى مۇھەممەد نۇر ھاجىم بىلەن مەككىدە يۈز كۆرۈشىدۇ. شەمسىدىن قارىھاجىمنىڭ مەككىدىكى تۇنجى ئوغلى مۇھەممەد نۇر ھاجىم بوۋاق ۋاقتىدا ئانىسى ۋە چوڭ دادىسى بىلەن 1949-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئون مىڭلارچە سەرگەردان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە قېچىپ چىقىپ سەئۇدىي ئەرەبىستانغا كېلىپ، مەككىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مۇھەممەد نۇر ھاجىم مەككىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئوقۇپ يېتىشىپ، ئەرەبىستاندىكى ئەرەبلەرنىڭ ئېغزىغا ئىلىم سالىدىغان ئەربابلارغا ئايلانغان كىشىدۇر. مەرھۇم قارىھاجىم ھەجدىن قايتىشىدا كىچىك ئوغلى سىراجىدىن ئەزىزىنى پاكىستاندا ئوقۇشقا قويۇپ، ئۆزى خوتەنگە قايتىدۇ ۋە يەنە قارىي تەربىيلەشكە باشلايدۇ.

سىراجىدىن ئەزىزى ئالدى بىلەن پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىدە «ئىمام مەۋدۇدى ئىسلام ئىنىستىتۇتى»دا تىل ئۆگىنىدۇ، كېيىن پاكىستان ئىسلام ئابادتىكى «خەلقئارا ئىسلام ئونىۋېرسىتېتى»غا قوبۇل قىلىنىپ، 1992-يىلى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەرەب تىلى ساھەسى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئالىي مەكتەپ دىپلومىنى ئېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ، بىر تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئاڭلىتىش بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  سىراجىدىن ئەزىزى ئەرەبىستاندا يۇقىرى ئىززەت-ئابرويغا، بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ۋاقتىنىڭ قىسلىقىغا قارىماي ھەج ۋە ئۆمرىگە كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە باشقا ھەر قانداق ھاجەتمەننىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ، دەردىنى ئاڭلايدۇ.

مەرھۇم شەمسىدىن قارىھاجىم 80-يىللىرى خوتەندە باشلانغان ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، خوتەندىكى ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللام، ئابدۇللاھ قارى داموللام، ئابدۇل ئەزىز قارىھاجىم، ئابدۇلۋەلى ھاجىم، مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.  مەرھۇم قارىھاجىم تولىمۇ تەقۋادار ۋە پەرھىزكار كىشى بولۇپ، ھاياتى ئۇزاق يىل مۇدەررىسلىك بىلەن ئۆتكەن بولسىمۇ، تۇرمۇشىنى ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن قامدايتتى، بالىلاردىن ھېچ قانداق ھەق ئالمايتتى. مەرھۇم قارىھاجىم تالىپلارغا «قۇرئان كەرىم» ئۆگەتكەننىڭ سىرتىدا «سوفى ئاللاھ يار»، «مۇبەييىنى ئىسلام»، «مىزان شەرىئەت»، «پەرزۇل ئەين» قاتارلىق كىتابلارنى، سابىت داموللام، ئابدۇلقادىر داموللام ئەسەرلىرىنى ئوقۇتاتتى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا كوممۇنزىمنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى، 1955-يىلقى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى پەتھۇددىن مەخسۇمنىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيىسنى سۆزلەپ بېرەتتى. رەھمەتلىك شەمسىدىن قارىھاجىمنىڭ ئۇزاق يىل قارى تەربىيىلىشىنىڭ بەرىكىتى بىلەن خوتەندە نەچچە يۈزلىگەن قارى يېتىشىپ چىققان.

مەرھۇم شەمسىدىن قارىھاجىم داڭلىق قارى بولغاننىڭ سىرتىدا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشكە بېغىشلاپ يېزىلغان «مەۋلۇدى بەرزەنجى» دېگەن ئەرەبچە نەسرى ئەسەرنى يادقا ئوقۇيالايدىغان بىردىنبىر كىشى ئىدى. مەرھۇم قارىھاجىم ئوقۇغان قۇرئان كەرىم ۋە مەۋلۇدنىڭ ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرى ھازىر خوتەندە خەلقنىڭ ئارىسىدا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەرھۇم شەمسىدىن قارىھاجىم ھەجدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، مەخسۇس بالا ئوقۇتۇپ، قارىي تەربىيلەۋاتقان كۈنلەردە، سالامەتلىكى ياخشى بولماي، كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ، 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى (رامىزاننىڭ 27-تاڭ ئاتار كېچىسى) باقىي ئالەمگە سەپەر قىلىدۇ. مەرھۇمنىڭ نامىزى ئوقۇلۇپ، خوتەن خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇزۇن يىل ئۆزى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن يۈزلەرچە تالىپلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ كۆز يىشى ۋە نالە-پەريادى بىلەن خوتەن شەھىرىكى تەۋرىزىم قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ. مەرھۇمغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمەن.

مەرىپەت ژورنىلى 4-سان 69-بەت


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-8-21 06:57 , Processed in 0.079370 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش