مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 1592|ئىنكاس: 2

مەدىنە جۈمە خۇتبىسى 26-2-2016

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 23:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


جۈمە نامىزى ۋە خۇتبىنى ئوقۇغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمام خاتىپى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئالى شەيخ جانابلىرى، ئىمام ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتلەرگە " مۆمىنلەر دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ "دېگەن مەزمۇندا خۇتبە سۆزلىدى:

مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئىنسان ھاياتىدا ھەر خىل ھەم-قايغۇ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچكىلىدۇ، ئۇممەتكە تۈرلۈك بالا-مۇسىبەت يۈزلىنىدۇ، دۇنيا ھاياتى مۇشۇنداق راھەت، جاپا-مۇشەققەت ۋە خۇرسەنلىك ۋە خاپىلىق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمىزكى، مۇسۇلمان ھەرقانداق ھالەتتە مۇكەممەل ياخشىلىقتا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ»تەرجىمىسى:« بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان - زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن (155) ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە اﷲ نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى اﷲ نىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ (156) ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» بەقەرە سۈرىسى   155-156- ئايەت.


ئىماننىڭ ئاساسى، قۇرئان كىرىمنىڭ ھەقىقەتلىرى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق بىشارەتلىرىدە ياخشى ئاقىۋەتنىڭ ئىمان ئەھلى، تەۋھىد ئەھلى، تائەت ئەھلى ۋە ياخشى كىشىلەرگە بولىدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان. قىيىنچىلىقتىن كېيىن چوقۇم ئاسانلىق بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلغۇچى، ئۆز پەرۋەردىگارى تەرەپكە ئىنتىلگۈچى، ياراتقۇچىسىغا بويسۇنغۇچى مۆمىننىڭ تەۋرەنمەس ئەقىدىسىدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولغان، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ساھابىلار  دۇنيا ھاياتىنى مۇشۇ پرىنسىپ بىلەن ئىلىپ بارغان، قىينچىلىقنىڭ ئاسان بولىشى ۋە جاپا-مۇشەققەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە قايتىپ، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يىقىنلىشىپ، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش كېرەك، مانا بۇ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسى سەۋەبىدۇر.

ھازىرقى ۋاقىتتا ئىسلام ئۇممىتى قاتتىق قېيىنچىلىق ۋە زور بالا-مۇسىبەت ئىچىدە تۇرماقتا،  كىشىلەر قانداق قاراشتا بولسۇن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ۋە ساقلىنىشنىڭ بىردىن-بىر يولى توغرا يولغا قايتىشتۇر، ئىسلام تەلىماتى بىلەن ئۆز ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشتۇر، شۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ جەمئىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدۇ، ھايات يۆلىنىشىدە دۈچكەلگەن خاتالىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار، قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خەتەردىن قۇتۇلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى  يەنىلا ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى بويسۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« وَلَقَدْ أَخَذْنَاهُم بِالْعَذَابِ فَمَا اسْتَكَانُوا لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ » تەرجىمىسى:« ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى»مۆمىنۇن سۈرىسى 76-ئايەت.  

غەم-قايغۇنى يوق قىلىدىغان ۋە قىيىنچىلىقنى ئاسان قىلىدىغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسى دائىم ئاللاھ تائالانى ياد ئىتىش، زىكىر قىلىشتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدْرُكَ بِمَا يَقُولُون. فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَكُن مِّنَ السَّاجِدِين وَاعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّى يَأْتِيَكَ الْيَقِين» تەرجىمىسى:« بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز (97) پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن (98) سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن»ھىجىر سۈرىسى 97-99-ئايەت.

زىكىر نىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كىرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش، ئايەتنىڭ مەنەلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش ۋە ئەقىل ئىشلىتىشتىن ئىبارەتتۇر، شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىشمۇ مۇسۇلمانغا ياخشىلىقنى جەلىپ قىلىدۇ، بالا-مۇسىبەتنى يىراق قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەردىن يىراق قىلسۇن ئامىن. 28-پىۋرال مەدىنە.         




177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 23:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 21:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-16 19:43 , Processed in 0.114196 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش