مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 2331|ئىنكاس: 1

مەدىنە جۈمە خۇتبىسى 29-1-2016

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 23:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈمە نامىزى ۋە خۇتبىنى ئوقۇغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمام خاتىپى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل مۇھسىن قاسىم جانابلىرى، ئىمام ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتلەرگە " ئىلىم ئۈگۈنۈشكە تېرىشىش "دېگەن مەزمۇندا خۇتبە سۆزلىدى:

ئىلىم تەلەپ قېلىش بولسا ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن يولغا قويغان كاتتا ئىبادەتلىرىدىن بىرىدۇر.
يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بولسا، بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارىتىش ۋە پەيدا قىلىشتىكى ھىكمەت بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى نازىل قىلدى، ئىلىم-مەرىپەت، تەقۋادارلىق بىلەن كىشىلەر شان-شەرەپ قازاندى، بەختكە ئېرىشتى، ئۇتۇق قازاندى، بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى مەرتىۋىسى، ئورنى ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا قىلغان ھەقىقى تەقۋادارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.بۇ توغىردا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّـهِ أَتْقَاكُمْ »تەرجىمىسى : « ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، » ھۇجرات سۈرىسى 13-ئايەت.


ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مەرھەمەت قىلىپ ئۇلارنىڭ تائەت-ئىبادەتتىن ھۇزۇرلىنىشى، مەرتىۋىلىرىنىڭ ئۈستۈن بولىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى يولغا قويدى، بۇ ئىبادەتلەردىن دىندا ئورنى يۇقىرى، ھەممىدىن ئىلگىرى، بارلىق ئىبادەتلەرنى توغرا بولۇشقا يېتەكلەيدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ ئۇ ئىلىمدۇر، بۇ ئىبادەت بىلەن ئۇتۇق قازانغان كىشى دۇنيا-ئاخىرەتتە شان-شەرەپ قازىنىدۇ، سەل قارىغان كىشى ئۆمۈرلۈك پۇشايمان قىلىدۇ، ئىلىم ئەھلىنى ئاللاھ تائالا كۆپ ئورۇنلاردا ماختىغان، ئىلىم ئۆز ساھىبنى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېتەكلەيدۇ، ھايات يۆلىنىشىنى نۇرلاندۇرىدۇ، ئىنساننىڭ مۇكەممەل بولىشى، ئۇتۇق قازىنىشى ئىلىمگە مۇناسىۋەتلىك، ئىلىم بىلەن ئىبادەت قىلغان كىشى ئېزىپ كەتمەيدۇ، ئىلىم بىلەن ئاللاھ تائالانى ھەقىقى تونۇيدۇ، توغرا ئىبادەت قىلىدۇ، ياد ئېتىدۇ، ئۇلۇغلايدۇ، ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بىلىدۇ، ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ.


ئىلىم ئۈگۈنۈش، بۇ يولدا تىرىشچانلىق قىلىش بولسا تائەت-ئىبادەتتۇر، باشقىلارغا ئۆگىتىش بولسا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشتۇر، ئىلىم بىلەن قەلب نۇرلىنىدۇ، كۆز روشەنلىشىدۇ، زېھنىي ئۆتكۈر بولىدۇ، ئىلىم يالغۇزلۇقتا ساھىبىغا ھەمراھ بولىدۇ، غەپلەتتە قالغاندا ئەسلىتىدۇ، گۈزەللەشتۈرىدۇ، تىنچ-خاتىرجەم قىلىدۇ، ئىلىم ئەھلى زېمىندا ئاسماندىكى يۇلتۇزغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىلەن كىشىلەر توغرا يول تاپىدۇ، ئىلىم ئىگىلىرى زېمىننىڭ گۈزەللىكى، جامالى، ئۇممەتننىڭ قورغىنى ۋە قالقىنىدۇر، ئىلىم ئەھلى بولمىغان بولسا دىننىڭ بەلگىلىرى ئۆچۈپ كەتكەن بولاتتى، ئىلىم بىلەن ئۇممەت ئىسلاھ بولىدۇ، شان-شەرەپ قازىنىدۇ، توغرا يولدا بولىدۇ، ئىلىم كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەش بىلەن تازىلىنىپ، تەرەققى قىلىدۇ، ئەۋلادلارنى خاتالىقتىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئىلىمغا بولغان ھاجەت باشقا بارلىق ھاجەتلەردىن ئۈستۈن بولىدۇ، ئىلىمسىزلىك بىلەن ئالەم بۇزۇلۇپ. خاراپ بولىدۇ.


ئىسلام ئۇممىتى ئىلىم-مەرىپەتلىك مىللەتتۇر، قۇرئان كىرىمدىن ئەۋۋەلدە نازىل بولغان ئايەتتە ئىلىم تەلەپ قىلىش، ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە بۇيرۇلغان، بۇ توغىردا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ»تەرجىمىسى:«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن» ئەلەق سۈرىسى 1-ئايەت.
پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىلىم-ئەمەلدۇر، ئىلىم پەيغەمبەرلىك نەسىۋىسىنىڭ يىرىمىدۇر، بۇ توغىردا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى» تەرجىمىسى:« اﷲ ھەق دىن (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، »يەنى مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەۋەتتى. تەۋبە سۈرىسى 33-ئايەت.


ئىنساننىڭ قەلبىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئەمىلىنى ياخشىلايدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتۇرىدىغان بىردىن-بىر يول ئىلىمدۇر، ئاللاھ تائالا ئىلىم-ھىكمەتنى ئۆزى خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ، بۇ توغىردا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَن يَشَاءُ وَمَن يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا.» تەرجىمىسى:« ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. » بەقەرە سۈرىسى 269-ئايەت.


ئاللاھ تائالا ئىلىم بىلەن ئادەم ئە؛ەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلدى، پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا تەزىم قىلدۇردى، بۇ توغىردا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«وَعَلَّمَ آدَمَ الْأَسْمَاءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلَائِكَةِ فَقَالَ أَنبِئُونِي بِأَسْمَاءِ هَؤُلَاءِ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ» تەرجىمىسى:« اﷲ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى » بەقەرە سۈرىسى 30-ئايەت.


ئاللاھ تائالا داۋۇد ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالام توغىرسىدا مۇنداق دەيدۇ:« وَكُلًّا آتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا» تەرجىمىسى:« قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، تەسبىھ ئېيتىشقا مۇسەخخەر قىلدۇق، (شۇنداق قىلىشقا) بىز قادىر ئىدۇق »ئەنبىيا سۈرىسى 79-ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ساناپ، ئۇ نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى ئىلىم قىلدى، بۇ توغىردا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« وَأَنْزَلَ اللَّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُنْ تَعْلَمُ » تەرجىمىسى:« اﷲ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. اﷲ نىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر »نىسا سۈرىسى 113-ئايەت.


ئىلىم پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسىدۇر،ئىلمىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار پەيغەمبەرلەردىن كىيىنكى ئەڭ ياخشى  كىشىلەردۇر، ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە ھەممىدىن بەك يىقىندۇر، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئىلىم ئىگىلىرىدۇر، ئەمەللەرنىڭ پەرقلىق بولىشى، مەرتىۋىلەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولىشى ئىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ئىلىم بىلەن ئەمەللەر ئىسلاھ بولىدۇ، پاكىزلىنىدۇ، ئىنساننىڭ ئەقىدىسى ۋە ئىخلاسى پەقەت ئىلىم بىلەن روياپقا چېقىدۇ.


شەرئى ئىلىملەر ئۇممەتنى تۈرلۈك پىتنىلەردىن ساقلايدۇ، زېمىندا ئىلىم بولىدىكەن كىشىلەر توغرا يولدا بولىدۇ، كىشىلەر ئىلىم بىلەن ياشنايدۇ، نۇرلىنىدۇ، ئاللاھ تائالاغا بىلمەي ئىبادەت قىلغان كىشىنىڭ توغرا قىلغىنىدىن خاتا قىلغىنى كۆپ بولىدۇ، ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلى بولمىغان يۇرتتا شېرىك-خۇراپات كەڭ تارقىلىدۇ.
دىننى توغرا-ياخشى چۈشنىش مۆمىنلەرنىڭ خاس سۈپەتلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ قەلبى ئىلىم بىلەن نۇرلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىنى قۇرئان كىرىمدە بايان قىلىنغان مىساللار توغىرسىدا ئەقىل ئىشلىتىش، مەنىلىرىنى چۈشىنىشكە خاس قىلدى. ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئورايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھ تەرەپتىن تىنچ-ئاراملىق چۈشىدۇ.


ئىمام ھەزرەتلىرى خۇتبىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى: ئىلىم ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ يېقىن يولىدۇر، ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلىشىدۇ، ئىلىم جەننەتكە كېرىدىغان ئەڭ يېقىن ۋە ئاسان يولىدۇر، بۇ توغىردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا ماڭغان كىشىگە ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ».


جانابى ئاللاھ ھەممەيلەننى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن، ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا جەننەتنىڭ يوللىرىنى ئاسان قىلىپ بەرگەي، قەلبىمىزنى ساغلام قىلغاي، ئەمەللىرىمىزنى ئىخلاس بىلەن قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي ئامىن. 29-يانۋار مەدىنە.



177

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 8
تىللا: 1026
تۆھپە : 0
توردا: 195
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 23:47:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-1-17 01:39 , Processed in 0.149583 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش