مەرىپەت تور بېكىتى

ئىزدەش
كۆرۈش: 2697|ئىنكاس: 1

ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئالپ ئارسلان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  890
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 40
تۆھپە : 20
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-14 01:48:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇجەيم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-17 23:09  

ئىلاۋە: ئۇشبۇ يازما جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء امة الاسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى-ئالپ ئارسلان

«ئىككى قوشۇن مالازگىرتتا ئۇچراشقاندا، سۇلتان ئالپ ئارسلان ئېتىدىن چۈشۈپ، ئاللاھقا سەجدە قىلدى ۋە يۈزىنى توپىغا مىلىدى. ئاندىن ئاللاھقا دۇئا قىلىپ نۇسرەت تىلىدى».
__ھافىز ئىبنى كەسىر: «بىدايە ۋە نىھايە»     

ئىسلامدىن ئەندىشە قىلماڭ...
ئىسلامنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ئىسلام تارىخىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن كىشى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىختا تالاي قېتىملاپ مۈشكۈل پەيتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايقايدۇ، ھەتتا بەزىلەر بۇ ھالقىلىق پەيتتىن كېيىن ئەمدى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىن ئۈمىد يوق دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بولسا ئىسلام مەدەنىيىتى يوقۇلۇش گېردابىغا كېلىپ قالدى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىخ سەھنىسىدە ئۇنتۇلۇپ پەقەت قۇرۇق نامىلا قالغان، مۇنقەرز بولغان ئىلگىرىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ساھىبى بولمىش فىرئەۋن، گېرىك ۋە رۇم خەلقلىرى قاتارىغا قوشۇلىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى دەپ قارىغان. دەرۋەقە بۇ ئۈممەت گاھىدا ئەنە شۇنداق ھەل قىلغۇچ تارىخى پەيتلەرگىمۇ كېلىپ قالغان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئىسلام ئۈممىتىدىن سەكراتتىكىدەك خىرقىرىغان ئاۋازنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ۋە ئۈممەتنىڭ بوغۇملىرىنىڭ ئۇيۇشۇپ، ھەرىكەتتىن توختىغانلىقىنى ۋە ئىنسانى ھاياتلىقنىڭ بارلىق كۆرۈنۈشلىرىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسلام ئەمدى تۈگەشتى دەپ ئويلاپ قالغان.

دەل شۇ ھالقىلىق پەيتتە...
ئىسلام ئۈممىتى قايتىدىن دەس تۇرۇپ ئۆزىدىكى چاڭ-توزانلارنى قاقىدۇ ۋە خۇددى ئاللاھتائالا روھ بېغىشلاپ يېڭىدىن تىرىلدۈرگەندەك چاقماق تىزلىكىدە ھەرىكەتلىنىدۇ. پەقەت ئىلگىرىكى شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تارىخچىلارغا قەدەر ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ئاجايىپ ھادىسىلەرنى يارىتىپ، ئىلگىرىكى بارلىق شان-شەرەپلىرىدىنمۇ كاتتا يېڭى بىر شان-شەرەپ قازانماق ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئەنە شۇ ئاجايىپ ھادىسىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدا تالاي قېتىم ئەينەن شەكىلدە تەكرارلانغان بولۇپ، بۇ مىسلىسىز ھادىسىلەر يەر يۈزىدىكى ئۈممەتلەردىن پەقەت «ئىسلام ئۈممىتى» ئىسىملىك ئۇلۇغ، زاۋال تاپماس بىرلا ئۈممەتكە خاس بولغان ئىنسانىي ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلامنىڭ بۈيۈك ئارسلانى- ئالپ ئارسلاننىڭ قىسسىسىدە بۇ ئاجايىپ ئىسلامىي ھادىسە ئەكس ئەتكەن بولۇپ، قىسسىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ باتۇر تۈرك قوماندان دۇنياغا كېلىشتىن يۈز يىل ئىلگىرىكى تارىخقا مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
سۆزلىمەكچى بولغان قىسسىمىز ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىر، مىلادىيە 10-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى خەزەر-قەزۋىن دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن باشلىنىدۇ. شۇ يەردە "ئەبۇ شۇجائ بۇۋەيھ" ئىسىملىك بىر كەمبەغەل بېلىقچى ياشايتتى. بۇ بېلىقچى قەزۋىن دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان، ئىران خەلقلىرىنىڭ بىرى بولغان دەيلەم خەلقىگە مەنسۇپ كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئەلى، ھەسەن ۋە ئەھمەد ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. كېيىن بۇ ئۈچ قېرىنداش ئەسكەرلىككە كىرىدۇ ۋە دەيلەم قوماندانلىرىنىڭ بىرى بولغان ماكان بىن كاكى ئىسىملىك چوڭ بىر قومانداننىڭ قوشۇنى ئىچىدە ئەسكەر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېرىنداش ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلىقىنى نامايەن قىلىپ، قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا، ئۇلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پۈتۈن پارس ئەللىرىنى ۋە باشقا كەڭ رايۇنلارنى ئىستېلا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭى ئەلى كەرەج ئەللىرى (ھازىرقى قىرغىزىستان) نى ئېگىلەيدۇ. ئاندىن پارىس ئەللىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، ھ322-يىلى شىراز شەھىرىگە كىرىدۇ ۋە شىرازنى ئۆز دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلىدۇ. ئوتتۇرانچىسى ھەسەن بولسا پارىس ئېلىنىڭ شىمالىنى بويسۇندۇرۇپ ئىسفاھان، ھەمەدان ۋە رەي قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ، ھ331-يىلى رەي شەھىرىنى پايتەخت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كىچىكى ئەھمەد پارس ئېلىنىڭ جەنۇبىنى بويسۇندۇرۇپ، ھ326-يىلى كىرمان، ئاندىن ئەھۋاز قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ ئىراققا يېقىن جايلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ دەيلەملىك ھېلىقى بېلىقچى "بۇۋەيھ"نىڭ ئوغۇللىرى كەرەج ئەللىرىدىن ئەھۋازغىچە ۋە قەزۋىن دېڭىزىدىن ئەرەب دېڭىز قولتۇقىغىچە سوزۇلغان بىپايان ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

دەل شۇ ۋاقىتتا...
ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغداد قالايمىقانچىلىق ۋە پىتنىلەر بىلەن تولغان ئىدى. ئابباسىيلار خەلىپىسى خەلىپە دېگەن سىمىۋوللۇق نامدىن باشقا ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇققا ئىگە ئەمەس ئىدى. ئەكسچە ھەقىقىي ھوقۇق ئەمىرلەر ۋە ھەربى قوماندانلارنىڭ قولىدا ئىدى. ئىش چوڭىيىپ ئۇلار ھەتتا ئابباسىيلار خەلىپىسى "مۇتتەقىي بىللا"ھنى خەلىپىلىك تەختىدىن قالدۇرۇۋېتەلەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا ئەھمەد بىن بۇۋەيھ ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ئۇچرىغان بۇ داۋالغۇچ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ھ334 م945-يىلى قوشۇنىنى باشلاپ خەلىپىلىكنىڭ پايتەختى باغدادنى ئېگىلەيدۇ. نەتىجىدە ئابباسىيلار خەلىپىسى "مۇستەكفى بىللاھ" ئەھمەد بىن بۇۋەيھنى قارشى ئېلىپ ئۇنى ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭغا "مۇئىززۇد دەۋلە" (دۆلەتنى ئەزىز قىلغۇچى)، چوڭ ئاكىسىغا "ئىمادۇد دەۋلە" (دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى)، ئوتتۇرانچىسى ھەسەنگە بولسا "رۇكنۇد دەۋلە" (دۆلەتنىڭ يۆلەنچۈكى) دېگەن نامنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىراق ۋە ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغداد بۇۋەيھىيلار ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىدۇ. ئابباسىيلار خەلىپىسى ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشقا سەل قاراپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ياردەم بەرگىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالغانىدى. بۇۋەيھىيلار ئەسلىدە ئون ئىككى ئىمام شىئەلىرىدىن ئىدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەرەبلەرنى ئۆچ كۆرىدىغان ئاشقۇن رافىزىيلاردىن ئىدى. باغدادقا كىرگىنىگە بىر يىل ئۆتەر-ئۆتمەيلا ئەھمەد بىن بۇۋەيھ مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنى قاراڭغۇ زىندانغا تاشلىدى، خەلىپە ئاخىرىدا زىنداندا ئۆلدى. ئۇلار خەلىپىلىك ھوقۇقىنى تۇتىدىغان ئادەمنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دەۋرىدە قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان بىر تۈركۈم ئابباسىيلار خەلىپىلىرى چىققان ئىدى. ئاندىن بۇۋەيھىيلار سۈننىي مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلاپ ناشايان ئىشلار ۋە قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى. ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختىدە رافىزىيلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويدى. باغداد مەسچىتلىرىنىڭ ئىشىكلىرىگە رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيانغا قارىتىپ لەنەتلەرنى يېزىشتى. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى مۇئاۋىيەدىن كېيىن ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان-رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم-لارغا لەنەت ئېيتىشتى. نامى "مۇئىززۇد دەۋلە" گە ئايلانغان ئەھمەد بىن بۇۋەيھ ئاشۇرا كۈنىنى كاچاتلاش ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاش كۈنىگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ھەر يىلى شۇ كۈن بولغاندا كىشىلەرنى بازارنى تاقاشقا بۇيرۇپ ئاشپەزلەرنى تاماق سېتىشتىن چەكلىدى، كوچىلارغا گۈمبەزلەرنى قۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە جەندىلەرنى ئاستى، چاچلىرى پاخپايغان ئاياللارنى كوچىلاردا ئۆزلىرىنى كاچاتلاشقا چىقاردى ۋە ھۈسەينگە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇشۇ بۇۋەيھىي ھۆكۈمدار تارىختا ئۈن سېلىپ يىغلاش ۋە كاچاتلاشنى تۇنجى قېتىم باغدادقا ئەكىرگەن كىشى ئىدى. بۇۋەيھىيلارنىڭ دەۋرى ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە تەلىماتلىرىدىن يىراق، زۇلمەتلىك دەۋر ئىدى. بۇۋەيھىيلار ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى مىسىر ۋە شىمالى ئافرىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان فاتىمىيلار سۇلالىسىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. چۈنكى فاتىمىيلار ئىسمائىلىيە شىئەلىرىدىن ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بەزى مۇشاۋىرلىرى بۇ پىلاننى يۈرگۈزمەسلىكنى، كۈچسىز ئابباسىيلار خەلىپىلىرىنىڭ تەختلىرىگە بۇلاردىن كۈچلۈكرەك باشقا خەلىپىلەرنى ئولتۇرغۇزمىسىلا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. ئېيتىلىشچە، ئابباسىيلار پايتەختى باغداد بۇۋەيھىيلار ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ئاچارچىلىققا شاھىت بولغان. ئاچارچىلىق دەستىدىن مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، كىشىلەر ئۆلۈك ھايۋانلارنى، مۈشۈكلەرنى ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يىگەن. بۇ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەتتا كىشىلەر مېيىتلىرىنى دەپنە قىلىشقمۇ قادىر بولالمىغان.
بۇۋەيھىيلەر دەۋرىدە رۇم ئېمپىرىيەسى ئىسلام ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كۆپلىگەن شەھەر، قورغانلارنى بېسىۋالدى. رۇملار شىئەلەرنىڭ تىغ ئۇچىنى سۈننىي مۇسۇلمانلاردىن باشقىلارغا قاراتمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. تارىخ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، فاتىمىيلار، سەفەۋىيلەر، بۇۋەيھىيلەر ۋە يەنە باشقا شىئە دۆلەتلىرى بولسۇن، ئومۇمەن شىئە دۆلەتلىرىنىڭ ئەھلىسەلىپ ۋە مۇڭغۇللاردىن ئىبارەت ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ھەقىقىي كۆرەش قىلغان بىرەرمۇ تارىخى يوق. بەلكى ئۇلار پۈتۈن تارىخ بويى پەقەت سۈننىي مۇسۇلمانلار بىلەنلا ئۇرۇشقان ئىدى. شىئەلەر كۆپىنچە چاغلاردا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشاتتى. شۇ ۋەجىدىن شىئەلەرنىڭ تارىخىدا سەيفىددىن قۇتۇز، سالاھىددىن ئەييۇبىي، خەتتابىي، ئابدۇقادىر جەزائىرىي، سۇلايمان قانۇنىي...لەردەك، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان ئىسلام قەھرىمانلىرى تېپىلمايدۇ. قىسقىسى شىئە تارىخى قانداقتۇر ھەقىقى قەھرىماندىن خالىيدۇر. ھەتتا سۈننىي مۇسۇلمانلار ئىسلامدىكى ئۇلۇغ قەھرىمان ۋە ئىسلام-ئەرەب چەۋاندازلىرىنىڭ بىرى ھېسابلايدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىسى بولغان ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب شىئەلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئايالىنى باشقىلار ئۇرسىمۇ، بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ، ئۆيىگە ئوت قويىۋەتسىمۇ ۋە ھەققىنى تارتىۋالسىمۇ ھېچنەرسە قىلماي قاراپ تۇرغان بىر كىشىدۇر.
بۇۋەيھىيلار باغداد ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىمىغا 100 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا باغداد قالايمىقانچىلىققا تولغان بىر شەھەرگە ئايلىنىپ قالغان. بۇۋەيھىيلار سۈننىي ئالىملارنى ئۆلتۈرگەن ياكى چەت-ياقىلارغا پالىۋەتكەندىن كېيىن شىئەلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرى كەڭ تارالغان. ھ351-يىلى رۇملار ئىسلامنىڭ مۇھىم چىگرالىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەين زەربە (تۈركچە ئاتېلىشى ئاناۋارزا، تۈركىيەدىكى قەدىمىي شەھەر) گە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى ۋە تالان-تارانج قىلدى، شۇ يىلى يەنە ئىسلام مەركىزى بولغان ھەلەبنىمۇ بېسىۋالدى. ھ354-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىسىس شەھىرىنىمۇ بېسىۋالدى. مىسىس نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئۇمەۋىيلەر خەلىپىسى ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋاننىڭ زامانىدا مۇسۇلمانلار پەتھى قىلغان شەھەر ئىدى. شىئەلەر ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقىپ بىر يىل ئۆتمەيلا، مۇسۇلمان ئەللەرگە ئارقىمۇ-ئارقىدىن مەغلۇبىيەتلەر كەلدى، ھالبۇكى بۇ چاغدا بۇۋەيھىي شىئەلىرى ئىسلام دىيارىنىڭ شەرقىنى، فاتىمىي شىئەلىرى بولسا غەربىنى كونترول قىلىپ تۇرغانىدى.
ھىجرىيە بەشىنجى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، مىلادىيە 11-ئەسىردە ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى خەتەرلىك بىر ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى. بۇۋەيھىيلار ئاجىزلاش ۋە پارچىلىنىش ھالىتىگە بېرىپ يېتىپ، باساسىيرى ئىسىملىك ئۆزلىرىنىڭ تۈرك قوماندانلىرىنىڭ بىرى سەۋەبلىك ئۆز نوپۇزىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. بۇ تۈرك قوماندانمۇ ئاشقۇن شىئەلەردىن بولۇپ ھاكىمىيەتنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇۋەيھىيلارنىڭ ئەمىرلىرىنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن خالىغان ئادەمنى مەنسەپكە قويۇپ خالىغان ئادەمنى مەنسەپتىن قالدۇرىدىغان كىشىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مىسىردا ئۆزلىرىنى شىئە خەلىپىلىكى دەپ ئېلان قىلغان فاتىمىي شىئەلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى "مۇستەنسىر بىللاھ" بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ. ئاندىن ئىككىسى ئابباسىيلار دۆلىتىدىن ئىبارەت ئىسلام دۆلىتىنى يىلتىزىدىن  يوقۇتۇپ، ئۇنى شىئە مەزھەپلىرىنىڭ ئەڭ خەتەرلىكلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان فاتىمىي شىئەلىرى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇرۇشقا كېلىشىدۇ. شىئە خەلىپىسى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان باساسىيرىنى پۇل-مال ۋە قورال-ياراقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىسمائىلىيە شىئەلىرى ئىسلامغا زىت ۋە بۇزۇق باتىنىي ئەقىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلىتىنى مەغرىب (ماراكەش) تىن تارتىپ ئىراق چىگرالىرىغىچە كېڭەيتىش ئۈچۈن، شام ۋە ھىجاز ئەللىرىنى بويسۇندۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغداد ئىسمائىلىيە شىئەلىرىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈشكە ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇملار ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان شەھەرلەرنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن شىمال تەرەپتىن تەييارلىنىدۇ. چۈنكى رۇملار شۇ تاپتا مۇسۇلمان ئەللىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ساھابىلەردەك باتۇر ۋە چەۋەنداز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ يەرمۇك ۋە ئەجنادىندا ئۆزلىرىنى مەغلۇب قىلغان ئىلگىرىكى فاتىھلارنىڭ دىنىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئۇلارغا ئىسلامنى يىمىرىپ تاشلاشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنىدى. نەتىجىدە ئىسلام ئۈممىتى ھەر تەرەپتىن قورشاپ كەلگەن مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.

ئىسلامنىڭ ئەنە شۇ جىددىي پەيتلىرىدە...
ئابباسىيلار خەلىپىسى "قائىم بىئەمرىللاھ" ئەمدىلەتىن يېتىلگەن بىر ئىسلامىي كۈچتىن مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا بىر مەكتۇپ يوللايدۇ. بۇ كۈچكە تەۋە جىددى مۇداخىلە قىسمى ئاز كۈن ئىچىدىلا ئىسلامنىڭ پايتەختى باغدادتىن 113 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شىئە بۇۋەيھىيلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ.
ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىدا پەيدا بولۇپ تارىخنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتكەن بۇ كۈچنىڭ قانداق ھېكايىلىرى باردۇ؟
تارىخنىڭ گاھى چاغلىرىدا، زېمىن ئۈستىدىكى مەلۇم ماكانلاردا زۇلۇم ۋە ۋەيرانچىلىق تارقىلىپ، شۇ ماكانلاردا ياشىغانلارنىڭ بەزىسى بۇ زۇلۇم-ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلۇش يولى قالمىدى، ئەمدى جەزمەن تۈگەشتۇق، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن خۇسۇسەن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تارىخىدا تەكرارلانغان ئاجايىپ بىر ئىش شۇكى، مەلۇم ماكاندا مۇستەبىت كۈچلەر ئىسلام ئۈممىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقان دەل شۇ پەيتتە، ئاللاھ تائالا يەنە بىر ماكاندا ئاشۇ مۇستەبىت كۈچلەرنى پات پۇرسەتتە ۋەيران قىلىدىغان بۈيۈك بىر ئىسلامىي كۈچنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. ئەنە شۇ كۈچنى ئاللاھ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالماس پىلانلار بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. كۆپىنچە ھالدا بۇ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ مەزگىلى ئۇزۇن، گاھىدا مەلۇم دەرىجىدە ئاستا بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەييارلاشتىن كېيىن شۇنداق بىر قەھرلىك ئىسلامىي كۈچ يېتىشىپ چىقىدۇكى، بۇ كۈچ ئۆزلىرىنى كەلگۈسىدە مەيدانغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ھەر قانداق تەھدىدتىن خالاس بولدۇق دەپ چاغلىغان مۇستەبىتلەرنى يانجىپ تاشلايدۇ. باتۇر سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ مەيدانغا كېلىش قىسسىسى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولۇشى مۇمكىن.
بۇۋەيھىيلار ئىسلام پايتەختى باغدادتا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان پەيتتە ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن، ئارال دېڭىزى بىلەن قەزۋىن-خەزەر دېڭىزى ئارىسىدىن، ھازىرقى قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىن دوقاق ئوغلى سەلجۇق ئىسىملىك بىر تۈرك چەۋانداز مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ چەۋانداز قىنىق قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ قەبىلە تۈرك مىللىتىنىڭ چوڭ بىر تارمىقىنى تەشكىل قىلغۇچى 23 ئوغۇز قەبىلىلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئۇرۇقلارنىڭ بىرى ئىدى. سەلجۇقنىڭ مىيكائىل، ئىسرائىل، مۇسا ۋە يۇنۇس ئىسىملىك تۆت بالىسىنىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇ تۈرك خەزەر يەھۇدىيلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن دىن جەھەتتىن يەھۇدىي ئىدى. بەزى تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي ھاياتىنى شۇلارنىڭ يېنىدا باشلىغان، ياكى ئۇ شەرقى نىستورىي خىرىستىيانلىرىغا مەنسۇپ ئىدى.
تۈرك سەركەردە دوقاق ئوغلى سەلجۇق يابغۇ دېيىلىدىغان بىر تۈرك پادىشاھنىڭ ئىلكىدە ھەربى سەركەردە بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. سۇباشى ۋە  قوشۇن سەركەردىسى ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈرك پادىشاھقا ئۆزىنىڭ شىجائىتى ۋە ساداقىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. لېكىن سەلجۇقنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئۇنىڭ چوڭ قەبىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆپلەپ ئەگىشىپ ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشى سەۋەبلىك، پادىشاھ ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى ۋە كەمتەرلىكى بىلەن سەركەردىلىرى ئارىسىدا يۇلتۇزدەك پارلىغان بۇ قومانداندىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، ھەمدە سەركەردە سەلجۇقنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلايدۇ. سۇبھانەللاھ! سەلجۇق پادىشاھنىڭ پىلانىنى بىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۆز قەبىلىسى بىلەن بىرگە ئاسىيانىڭ باشقا بىر يېرىگە-تۈركىستانغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ياخشى يېرى شۇكى، بۇ زېمىننىڭ تۈركى خەلقلىرى كاتتا ئىسلامى قوماندان قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم (ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغاي) نىڭ دەۋرى (ھىجرىيە 88-يىلى)دىن تارتىپ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلاتتى. سەركەردە سەلجۇق مۇسۇلمانلار بىلەن يېقىندىن ئارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى كۆرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىسلامنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ، شۇنداقلا ھ374/م985-يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلىدۇ. سەلجۇق ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغاندىن كېيىن، بىپايان ئاسىيا زېمىنلىرىدىكى باشقا بۇتپەرەس تۈرك قېرىنداشلىرىغا ئىسلامنى يەتكۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. لېكىن بۇتپەرەس تۈرك پادىشاھلىرى ئىسلامنىڭ ئىنسانلار ئارا باراۋەرلىككە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىچارە خەلقلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىنىپىي ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئىسلامنىڭ ئۆز خەلقلىرىگە تارقىلىشىنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ بۇتپەرەس پادىشاھلار سەلجۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىدۇ. تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ قارشىلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا ئسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن  بۇ مۇسۇلمان تۈرك سەركەردە ئۆزىنىڭ ئۇرۇقداش قوشۇنى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جەڭلەردە كەينى-كەينىدىن زەپەر قۇچىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۈركلەر ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىپ يېتىپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىرىدۇ ۋە سەلجۇق قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا سەلجۇق كۈچلۈك تۈرك چەۋاندازلاردىن تەشكىل تاپقان زور بىر قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئاسىيا تۇپراقلىرىدا ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مۇستەبىت پادىشاھلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. نەتىجىدە دوقاق ئوغلى سەلجۇق ھ390/م1000-يىلى ئەتراپىدا يېڭى بىر تۈرك دۆلىتىگە ئۇل سالىدۇ. شۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل كېيىن دوقاق ئوغلى سەلجۇقنىڭ بىر نەۋرىسى ئۇ دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!
سەلجۇقنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ جىھاد يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. قەبىلىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئىسرائىل ئىگە بولىدۇ. مىيكائىل بۇتپەرەس پادىشاھلارغا قارشى جىھادتا ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىسرائىلدىن كېيىن سەلجۇقنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىدىن ئىبارەت سەلجۇقىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى مىيكائىلنىڭ ئوغلى ۋە سەركەردە سەلجۇقنىڭ نەۋرىسى بولغان بىر ياشنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا ئۇيۇشۇشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ياش كىچىكىدە بۇۋىسى سەلجۇققا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ ۋە ئاللاھ يولىدىكى جىھادنىڭ مۇھەببىتىنى ئۈگەنگەنىدى. بۇ ياشنىڭ ئىسمى تۇغرۇلبەگ بولۇپ، تارىختا «سەلجۇقىيلار دۆلىتى» نامى بىلەن تونۇلغان دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. بۇ سەلجۇقىي يىگىت ئۆز قەبىلىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قولغا ئېلىپلا بۇتپەرەس پادىشاھلارغا ۋە پارس ئېلىدىكى بۇۋەيھىي شىئەلىرى ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى زور جىھادىي سەپىرىنى باشلايدۇ. ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پارس ئېلىدىكى كەڭ رايۇنلارنى ئۆز دۆلىتىگە قوشۇش ئۈچۈن، دۆلىتىنىڭ چىگرالىرىنى كېڭەيتىپ جۇرجان (تەبەرىستانغا تەۋە)،  تەبەرىستاننىڭ باشقا تەرەپلىرى، خارەزىم، تەبەس، رەي قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلەيدۇ، كېيىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ھەمەدان، ئەزەربەيجان، دىھىستان ھەمدە تاغ ئەللىرى (ھازىرقى ئىران ۋە ئىراقنىڭ غەربى) نى پەتھى قىلىدۇ. ئاندىن كېيىنچە تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئايلانغان ئاناتولىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى پەتھى قىلىدۇ. (ئېيتىلىشچە، تۇغرۇلبەگ ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرگەنلەرنىڭ تۇنجىسى ئىدى، كېيىنچە بۇ بايراق ئوسمانىيلارنىڭ بايرىقىغا، ئاندىن كېيىن ھازىرقى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بايرىقىغا ئايلانغان). شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تۈرك سەلجۇقىي يىگىت ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن ئىراق چىگرالىرىغىچە سوزۇلغان كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ سۇلتانىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا تۈرك شىئە سەركەردىسى بەساسىيرى باغدادتىكى ھاكىمىيەتنى تىزگىنلىۋېلىپ، ئىراق ۋە ئىسلام پايتەختىنى بېسىۋىلىش ئۈچۈن فاتىمىيلار بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، ئابباسىيلار خەلىپىلىكى يىمىرىلىش ئالدىدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلىپە "قائىم بىئەمرىللاھ" مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلام خەلىپىلىكىنى قۇتقۇزىۋىلىشنى ئۆتۈنۈپ سەركەردە تۇغرۇلبەگكە خەت ئەۋەتىدۇ. شۇ چاغدا سەلجۇقنىڭ چوڭ نەۋرىسى، مۇجاھىد سەركەردە تۇغرۇلبەگ زەربىدار بىر قوشۇننى باشلاپ ئابباسىيلارنىڭ پايتەختى باغدادقا ئاتلىنىدۇ. غەلبە-نۇسرەت ۋە پەتھ ئېيى بولغان رامىزاندا نەچچە ئون يىل مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرگەن، زىندانغا تاشلىغان ۋە ئازابلىغان بۇۋەيھىي شىئەلەرنىڭ مەينىتىدىن ئىراقنى ئازاد قىلىدۇ. ھ447-يىلى رامىزاننىڭ 25-كۈنى، م1055-يىلى 23-دىكابىر تۈرك قەھرىمانى تۇغرۇلبەگ باغدادقا كىرىدۇ ۋە ئىسلام پايتەختى باغدادقا 113 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن بۇۋەيھىي شىئەلەرنىڭ زۇلمەتلىك دەۋرىگە خاتىمە بېرىدۇ. ئاندىن تۇغرۇلبەگ ئۆزىنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دۆلىتىنىڭ ھىمايىچىسى ۋە پەيغەمبەر سۈننىتىنىڭ ياردەمچىسى دەپ جاكارلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سەلجۇقىيلار كىرگەندىن كېيىن باغدادتىن قېچىپ كەتكەن خائىن شىئە ۋەزىرى بەساسىيرى قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن كاللىسى ئېلىنىدۇ. دېمەك سەلجۇقىي تۇغرۇلبەگ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى يىمىرىلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە ئابباسىيلار خەلىپىسى قائىم بىئەمرىللاھنىڭ ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە ئابباسىيلار خەلىپىسى ئۇنى سۇلتانلىققا تەيىنلەيدۇ ۋە "رۇكنۇددىن" (دىننىڭ تۈۋرۈكى) دىگەن نامنى بېرىدۇ، شۇنداقلا پۇلغا سۇلتان تۇغرۇلبەگنىڭ ئىسمىنىڭ ئويۇلۇشىغا، باغداد ۋە باشقا جايلارنىڭ مەسچىتلىرىدە ۋە خۇتبىدە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا يارلىق چۈشۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باتۇر مۇجاھىد تۇغرۇلبەگ بۇۋەيھىيلار تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنىغا ئۇزاق يىللار بولغان ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە پەيغەمبەر سۈننىتىنى ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۇغرۇلبەگ يەنە باغداد مەسچىتلىرىنىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىدىن شىئەلەر ساھابىلەرنى تىللاش ئۈچۈن ئويغان نەقىشلەرنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىراقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئادالەتنى ۋە توغرا ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى تارقىتىدۇ. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار سۇلتان تۇغرۇلبەگنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. كىشىلەر ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ھەق دىنىغا توپ-توپ بولۇپ قايتىدۇ. سۇلتان تۇغرۇلبەگ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ئىشلىرىنى سەككىز يىلغا يېقىن ئىدارە قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ھەقىقى ھاكىمى تۇغرۇلبەگ بولغانىدى. بۇ كاتتا تۈرك مۇجاھىد م1062/ھ455-يىلى رامىزاننىڭ 8-كۈنى جۈمە كېچىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ 70 ياشتا ئىدى. ئۇ ئۆمرىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە پەيغەمبەر سۈننىتىگە ياردەم بېرىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكلىرىدىن تارتىپ شام ئەللىرىگىچە سوزۇلغان، سەلجۇقىيلار دۆلىتى نامىدىكى بىپايان بىر دۆلەتنى قالدۇرغان ئىدى. زېمىننىڭ شەرقى ۋە غەربىدە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلىدى، ئۇنىڭغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلدى. ئاتا-ئانىلار بەزىلەر بۇنىڭدىن ئازراق يىللار بۇرۇن ئۆچۈشكە ئاز قالدى دەپ قارىغان ئىسلام مەشئىلىنىڭ دۇنيا قاراڭغۇلىقىنى قايتىدىن يورۇتۇشى ئۈچۈن، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بۇ بۈيۈك سەلجۇقىي قومانداننىڭ قىسسىسىنى بالىلىرىغا سۆزلەپ بەرمەكتە ئىدى.
تۇغرۇلبەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن باتۇر سەلجۇقىيلار بىردەك 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياشنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. بۇ ياش تۇغرۇلبەگنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ ياشنىڭ ئىسمى دوقاق ئوغلى سەلجۇق ئوغلى مىيكائىل ئوغلى داۋۇد ئوغلى چاغرىبەگ ئوغلى مۇھەممەد ئىدى. بۇ سەلجۇقىي ياش تۈركچە مەنىسى باتۇر ئارسلان دېگەن بىر نام بىلەن داڭق قازانغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ بۈيۈك ئىسلام قەھرىمانى، تارىختىكى مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى، ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى-ئالپ ئارسلاندۇر. سىز مالازگىرت توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلىسىز؟
قوماندان ئالپ ئارسلان سەلجۇقىيلار سەلتەنىتىگە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن ماۋارائۇننەھر ئەللىرى بىلەن بىرگە خۇراسان ئەللىرىگىمۇ ۋالىي بولغان ئىدى (خۇراسان ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالى، تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماۋارائۇننەھر بولسا ھازىرقى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربى جەنۇبىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بەزىلەر 30 ياشلىق بۇ يىگىتنى سەلجۇقىيلار دۆلىتىدەك ئەتراپلىرى بىپايان، كەڭ بىر دۆلەتنى ھەرگىزمۇ تىزگىنلىيەلمەيدۇ دەپ قارىغانلىقتىن، ئالپ ئارسلان سەلجۇقىيلار ھاكىمىيىتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغىلا قوزغىلاڭ ۋە پىتنىلەر تارقالدى. لېكىن ئالپ ئارسلان ئۆز ھاكىمىتىنىڭ دەسلىپىدىلا يۇلۇققان بارلىق ئىسيانچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئالپ ئارسلان تاغىسى تۇغرۇلبەگكە ئوخشاش باتۇر ۋە ماھىر سەركەردە ئىدى. ئۇ يېڭى رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز دۆلىتىگە قوشۇش ئارزۇسىدىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى ئەللەردە ھاكىمىيىتىنىڭ ئەركانلىرىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساس قىلغان دانا بىر سىياسەت قوللاندى. ھەر قانداق بىر تاشقى ئىشلارنى قىلىشتىن ئىلگىرى، يەتتە يىل بىپايان دۆلىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇردى. ئۇ ئەلنىڭ تىنچلىنىپ، ئۆزىگە تەۋە رايۇن ۋە شەھەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىزگىنىگە تولۇق ئۆتكەنلىكىگە كۆڭلى تىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىنى سۈننىي ئابباسىيلار خەلىپىلىكى بايرىقى ئاستىغا بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن شىئە باتىنىي پىرقىسىگە مەنسۇپ فاتىمىيلار دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھۇجۇم باشلىدى. ئالدى بىلەن شامنىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قوزغىدى ۋە ھەلەبتىكى مىرداسىيە دۆلىتىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ دۆلەتنى ھ414/م1023-يىلى شىئە مەزھىپىدىكى سالىھ بىن مىرداس قۇرغان بولۇپ، ئالپ ئارسلان ئۇ دۆلەتنىڭ ئەمىرى مەھمۇد بىن سالىھ بىن مىرداسنى فاتىمىي شىئە خەلىپىسى نامىغا خۇتبە ئوقۇش ئورنىغا ئابباسىيلار خەلىپىسى نامىغا خۇتبە ئوقۇشقا مەجبۇر قىلدى (يەنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە تەۋە قىلدى). ئالپ ئارسلان يەنە دەمەشىق، جىبەيل (لىۋاندىكى بىر شەھەر بولۇپ، باشقا تىللاردىكى ئىسمى بىبلوس)، تىبەرىييە، رەملە ۋە قۇدۇس (پەلەستىندىكى قەدىمىي شەھەرلەر) قاتارلىق جايلارنى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئۇ يەرلەرنى بېسىپ كېلىۋاتقان فاتمىي شىئەلىرىدىن تازلىدى. فاتىمىي شىئەلىرىنىڭ سۇلتانى قۇدۇسقا ھۆكۈم سۈرگەن جەرياندا م1009-يىلى خىرىستىيانلارنىڭ قۇدۇستىكى مۇقەددەس قىيامەت چىركاۋىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى. ۋاھالەنكى خىرىستىيانلار ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. قىيامەت چىركاۋىنىڭ ۋەيران قىلىۋىتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان رىم پاپالىرى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كېيىنچە يۈز بەرگەن ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرىغا چاقىرىق قىلغان ئىدى.
باتۇر تۈرك قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ دەۋرىدە ھىجازدىكى مۇقەددەس جايلار سۈننىي ئابباسىيلار دۆلىتى قوينىغا قايتىپ كەلدى. مەككە ۋە مەدىنىدە ئىلگىرى شىئە فاتمىيلار سۇلتانىغا خۇتبە ئوقۇلغان بولسا، ئەمدى ئابباسىيلار خەلىپىسى قائىم بىئەمرىللاھ ۋە سۇلتان ئالپ ئارسلان نامىغا خۇتبە ئوقۇلدى. ھەم مەككە مەدىنىدە «ھەييە ئەلەل ئەمەل» دەپ ئەزان تولاش تۈگىتىلدى.
ئالپ ئارسلان دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىشقا خۇشتار ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەزلۇم خەلقلەرگە يېتىپ بېرىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان رىم پادىشاھلىرىغا قارشى جەڭ قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بۇ بۈيۈك ئىسلام سەركەردىسى بىر قانچە جەڭلەردە ۋىزانتىيە ئېمپىرىيىسى قوشۇنلىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. ھ459/م1067-يىلى ئەرمىنىيە ۋە قەيسەرىيەنى ئىسلام دۆلىتىگە قوشتى. ئۇزۇن يىللار بويى مەغلۇبىيەت ۋە چېكىنىشكە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار رىم ئەللىرىنى يېڭىدىن پەتھى قىلىۋاتاتتى. شۇ چاغدا رىملىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇن رىم ئىمپېرىيىسىنى خارلىققا مۇپتىلا قىلغان ئىلگىرىكى ساھابىلەرنىڭ خىلىدىن بولغان بىر قومانداننىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نەچچە يۈز يىل داۋاملاشقان ئىمپېرىيىسىنىڭ م395-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە تەھدىدكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى. ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) ئايال ئىمپېراتورى "ئىيۇدوكىيا ماكرىمبولىتىسسا" مۇسۇلمانلارغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن مەشھۇر بولغان ۋىزانتىيە قوماندانلىرى ئىچىدىكى چوڭ بىر ھەربى قوماندانغا ياتلىق بولدى. بۇ ۋىزانتىيە قوماندانىنىڭ ئىسمى روماننۇس دىئوگىنىس بولۇپ، رۇمغا ئېمپىراتور بولۇپ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىسمى روماننۇسIV غا ئۆزگەرگەن. بۇ ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى كونىستانتىنوپول (ئىستانبۇل)دا ھوقوقنى قولغا ئېلىپلا، م1069-يىلى دەرھال ئالپ ئارسلان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزدى. ئالپ ئارسلان ئۆزىنىڭ سىياسىي تەجرىبىسى ئارقىلىق، بۇ كېلىشىم شىئەلەر بىلەن ئەھلىسەلىپ ئارىسىدا كۈچنى پارچىلىۋەتكەننىڭ ئورنىغا، پۈتۈن كۈچنى ئىسلامنىڭ بېقىنىغا خەنجەر بولۇپ سانجىلىۋاتقان شىئە فاتىمىي دۆلىتىنى يوقىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. م1071-يىلى ئىمپېراتور روماننۇسIV كېلىشىمنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلىپ ئالىپ ئارىسلانغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئالپ ئارسلان كېلىشىمنى يېڭىلاشقا قوشۇلدى. لېكىن بۇ كېلىشىم ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى تۈزگەن خەتەرلىك پىلاننىڭ بىر قىسىمى ئىدى. بۇ ئىمپېراتور ئەمەلىيەتتە ئالپ ئارسلاننىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى ئىدى. ھالبۇكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋىزانتىيەلىكلەر ئۆز تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ زور قوشۇننى تۈزەش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ تۈزگەن ئىستىراتىگىيىلىك پىلانى ناھايىتى خەتەرلىك بىر پىلان بولۇپ، ئىلگىرى رۇم ئىمپېراتورلىرىدىن ھېچكىم ئۇنداق بىر پىلاننى تۈزۈشكە جۈرئەت قىلالماس ئىدى. بۇ پىلان بولسىمۇ ئىلگىرى تاتقۇزۇپ قويغان بىرەر شەھەرنى قايتۇرۇۋىلىش، ياكى مۇسۇلمانلار قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيتتى. روماننۇسIV نىڭ تۈزگەن ئىستىراتىگىيىلىك پىلانى بولسا غايەت زور قوشۇنلىرى بىلەن ئىسلامنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش، ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقىچە بېسىپ بېرىپ ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش ئىدى. خىيانەتكار ۋىزانتىيە ئېمپىراتورى روماننۇسIV تېخى ئازغىنە كۈنلەر بۇرۇن تۈزگەن كېلىشىمنى بۇزدى. ھەر خىل ئىرق، ھەر خىل مەزھەپلەرگە تەۋە، دۇنيانىڭ ھەر خىل جايلىرىدىن كەلگەن غايەت زور خىرىستىيان قوشۇنلىرى ئىتتىپاقىغا ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلدى. بۇ قوشۇنلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن: شەرقى رۇملۇقلار (ئۇلار كۆپ خەلقلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھىمراقى يۇنان خەلقلىرى)، فرانكلار (ھازىرقى فرانسىيە ۋە ئوتتۇرا ياۋرۇپا خەلقلىرى)، ئېنگىلىزلار (بىرىتانىيە ئارىلىدىن)، روسلار (ياۋرۇپانىڭ شەرقىدىكى سىلاۋيان خەلقلىرى)، بوشناقلار (بوسنىيەلىكلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇ چاغدا خىرىستىيان ئىدى)، كۇرج (ھازىرقى گرۇزىيە)، نورمانلار (ئىسكەندىناۋىيە خەلقلىرى بولۇپ شىۋىتسىيە، نۇرۋىگىيە ۋە دانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تۈركلەر (شەرقىي نېستورىي خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر قىسىم تۈرك قەبىلىلىرى)، ئۇنىڭدىن سىرت بۇلغار ياللانما قىسىمى (ھازىرقى بۇلغارىيەدىن) ۋە ئەرمەن قىسىملىرى (ھازىرقى ئەرمىنىيە دۆلىتىدىن) قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ قىسىملارغا نۇرغۇن ۋارياغ قاراۋۇللىرى باشچىلىق قىلاتتى (بۇلار مەخسۇس رىم ئېمپىراتورلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى قىلىدىغان سەرخىل كۈچلەر ئىدى). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قوشۇننىڭ ئالدىدا يوغان كرىستلارنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان نەچچە مىڭ پوپلار، ئۇلارنىڭ كەينىدە ياۋرۇپانىڭ ھەر جايلىرىدىن ئىسلامنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن كەلگەن نەچچە مىڭ كىشىلىك خىرىستىيان ياللانما ئەسكەرلەر بار ئىدى. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، بۇ خىرىستىيان ئىتتىپاقى بىر-بىرىنى كاپىرغا چىقىرىدىغان بىر نەچچە خىرىستىيان مەزھەپلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىدى. مەسىلەن: ۋىزانتىيە، روس ۋە شەرقىي ياۋرۇپانىڭ مەزھىپى پراۋۇسلاۋىيە ئىدى. فرانك ۋە ئوتتۇرا غەربىي ياۋرۇپانىڭ مەزھىپى كاتولىك ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ۋە خىرىستىيان تۈركمەنلەرنىڭ مەزھىپى شەرقىي نېستورىي ئىدى. ۋىزانتىيەلىكلەر بۇ غايەت زور قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا شۇ ۋاقىتتا ھەربىيلىكتە كامالەتكە يەتكەن ئەڭ كاتتا قوماندانلارنى تاللىدى. ئوڭ قانات قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا قوماندان تىئودۇر ئالياتىس، سول قانات قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا قوماندان نىكفۇر برىينىيۇس، ئاخىرقى سەپ قوشۇنغا ئاندرونىيكوس دوكاس قوماندانلىققا تەيىنلەندى. ئوتتۇرا سەپ قوشۇن بولسا ئىمپېراتور روماننۇسIVنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بولدى.
بۇ ھاكاۋۇر ئىمپېراتورنىڭ غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىسى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ھەتتا ئۇ جەڭ باشلىنىشتىن بۇرۇنلا مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز ئەمىرلىرىگە بۆلۈپ بولغان ئىدى. بۇ قوشۇن ئۆزلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كەيگەنىدى.
بۈيۈك ئىسلام تارىخچىسى ئىبنۇلئەسىر بۇ قوشۇننى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كېيىپ، ناھايىتى ياسىداق ھالدا كەلگەن».
بىز ئەڭ بۈيۈك ئىسلام تارىخچىسى ئىبنى كەسىرنىڭ ئۆزىنىڭ «بىدايە ۋە نىھايە» ناملىق كاتتا تارىخى ئېنسىكلوپىدىيەسىدە بۇ زور ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنى قانداق سۈپەتلىگەنلىكىگە قۇلاق سالايلى!
«بۇ قوشۇن رۇملۇقلار، گرۇزىيەلىكلەر، فرانكلار، ۋە روسلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 35 مىڭ ئېپىسكوپ، ھەر بىر ئېپىسكوپ بىلەن 2000دىن 500گىچە چەۋانداز بىللە ئىدى. ئۇلاردىن باشقا يەنە 35 مىڭ فرانكمۇ بار ئىدى. تۈركلەرنىڭ بىر ئىرقى بولغان ئوغۇزلاردىن بولسا 15 مىڭ كىشى بار ئىدى. بۇلاردىن سىرت 100 مىڭ ئويمىكار ۋە نەققاش بار ئىدى. لازىمەتلىكلەر ۋە مىخلار بېسىلغان 400 مىڭ ھارۋا، قورال-ياراغ، ئىگەر ۋە مانچاناقلار بېسىلغان ئىككى مىڭ ھارۋا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 1200 كىشى تەييارلىغان شۇ دەۋردىكى ئەڭ چوڭ بىر مانچاناقمۇ بار ئىدى. ئاللاھ روماننۇسقا لەنەت قىلسۇنكى، مەقسىتى ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئىدى. ئۇ ھەتتا باغدادقىچە بولغان زېمىنلارنى قوشۇن قوماندانلىرىغا بۆلۈپ بولغان ئىدى».


ئىسلام تەرەپتە بولسا...
سۇلتان ئالپ ئارسلان رۇملۇقلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن رۇملۇقلارنىڭ يامانلىقدىن خاتىرجەم بولدۇم دەپ قارىغانىدى. ۋىزانتىيە ئېمپىرىيىسىدەك زور بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئېمپىراتورى بولغان كىشىنىڭ ئۆزىگە يالغان سۆزلىشىنى، ئۆزى تۈزگەن ئەھدىنامىگە خىيانەت قىلىشىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ رۇم ۋە فاتىمىي شىئەلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، زور قوشۇنلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، يېنىدا پەقەتلا يېقىن تۈرك چەۋاندازلىرى قالغان ئىدى. قوماندان ئالپ ئارسلان رۇمنىڭ ئەھدىگە خىيانەت قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپلا چاقماق سوققاندەك بىھۇش بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىدا نەق بار 15 مىڭ ئەتراپىدىكى ناھايىتى ئاز ئەسكەرلەرنى تەييارلىدى. يەنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئەسكەر خىرىستىيان  ئىتتىپاقداش قىسىملىرىدىن 13تىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك ئىدى. ئالپ ئارسلان دەم ئېلىشتىكى ئەسكەرلەرنى مۇسۇلمان قوشۇننىڭ سەپلىرىگە چاقىرىشنى ئويلاپمۇ باقتى، لېكىن بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى، ئۇنداق بولغاندا رۇملۇقلار ئاللىقاچان باغدادنى ۋەيران قىلىپ بولاتتى. شۇڭا ئۇ «قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، تاجاۋۇزچىلارنى توسۇش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» تىن ئىبارەت كەسكىن قارارغا كەلدى.
ۋىزانتىيەلىكلەر بۇ ئەسنادا ئىتتىپاقداش قوشۇنلار بىلەن ئىپمپېرىيەنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپول (ئىستانبۇل) دىكى توپلاشقان ئورۇندىن ئاتلىنىپ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن تېزلىكتە ئاناتولىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنى كېسىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇلار مېڭىپ، مالازگىرت دېيىلىدىغان كىچىك بىر شەھەرگە كېلىپ قالغانىدى. مالازگىرت ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىگە، ۋان كۆلىنىڭ شىمالىغا، مۇراد دەرياسى بويىغا جايلاشقان كىچىك بىر شەھەردۇر. قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ بارگاھى شۇ شەھەرگە يېقىن ئىدى. ئەھلىسەلىپ ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولغان  ئون مىڭ كىشىلىك روس باتالىيونى ئۇشتۇمتۇت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە ئالپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىقى بىلەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى بۇ قىسىمنى پۈتۈنلەي تارمار قىلدى ۋە ئۇنىڭ روس قوماندانىنى ئەسىرگە ئالدى. شۇنداقتىمۇ بۇ بۈيۈك زەپەر قابىل قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ غايەت زور دۈشمەن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۆزىنىڭ كىچىك قوشۇنى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن سوقۇشۇش ئىستىكىنى قوزغىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالپ ئارسلان بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تۈزگەن تىنچلىق كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىمپېراتور روماننۇسقا بىر ئەلچى ئەۋەتتى. بىراق مەغرۇرلانغان ئىمپېراتور روماننۇس تۈزۈشكەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى ۋە ناھايىتى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن: «رەي شەھىرىگە بارمىغىچە تىنچلىق يوق» دېدى. رەي شەھىرى بولسا سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى.

داۋامى بار!





1

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  890
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 40
تۆھپە : 20
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-14 01:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇجەيم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-14 02:53  

داۋامى....

ئالپ ئارسلانغا ئىمپېراتورنىڭ جاۋابى كەلگەندە...
ئىسلام كۆرەشچى قىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى ئالپ ئارسلان بارگاھىغا باردى-دە، دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتلىرىنى كىيدى ۋە قوشۇننى توپلىنىشقا بۇيرىدى. ئاندىن ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قىلىچىنى شۇنداق ئېگىز كۆتۈردىكى، گويا قىلىچنىڭ ئۇچى بۇ ئىسلام قوماندانىنىڭ قولىدا كۆتۈرۈلگەن بىر پارچە چاقماق كەبى كۆكتە چاقناۋاتاتتى. باتۇر ئالپ ئارسلان ئۆز ئەسكەرلىرىگە قاراپ خۇددى ئارسلاننىڭ ھۆركىرەشلىرىگە ئوخشاش ئاۋازى بىلەن مۇنداق دېدى:
-«ئەي ئەسكەرلەر! ئاللاھ چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك بىر ئىشنى ئىشقا ئاشۇرغانغا قەدەر، مەن چوقۇم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بەل باغلىدىم. ئاراڭلاردىن كىمكى قايتىپ كېتىشنى خالىسا كېتىۋەرسۇن، بۈگۈن بۇ يەردە بۇيرۇيدىغان ياكى توسىدىغان ھېچبىر سۇلتان يوق! ».
ئۆزلىرىنىڭ جەسۇر قوماندانىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان 15مىڭ ئەسكەرنىڭ ئېغىزىدىن تەڭلا مۇنداق بىر سادا كۆككە كۆتۈرۈلدى:
-ھەممىمىز سەن بىلەن بىرگە!  ھەممىمىز سەن بىلەن بىرگە!  ھەممىمىز سەن بىلەن بىرگە!


شۇئاندا ئىسلامنىڭ بۇ ئۇلۇغ قوماندانى ئۆزىنىڭ باتۇر ئەسكەرلىرىگە قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق كۆز ياشلىرى تاراملاۋاتاتتى. ئۇستازى ۋە يېتەكچىسى ئەبۇنەسر مۇھەممەد بىن ئابدۇلمەلىك بۇخارىي ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قارىدى-دە، قولىنى شاگىرتىنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ، ئىشەنچ بىلەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
-«ئى ئوغلۇم! سەن ھەقىقەتەن شۇنداق بىر دىن ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىسەنكى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ۋە بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. مەن ئاللاھنىڭ بۇ شانلىق غەلىبىگە سېنىڭ ئىسمىڭنى يازغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سەن ئۇلار بىلەن جۈمە كۈنى كۈن قايرىلغاندىن كېيىن خاتىپلار مۇنبەر ئۈستىدە بولىدىغان ۋاقىتتا ئۇچراشقىن. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا خاتىپلار مۇجاھىدلار ئۈچۈن ئاللاھتىن نۇسرەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇنداق دۇئا ئىجابەت بولۇشقا يېقىندۇر».

ھەقىقەت ۋاقتى كەلدى...
مىلادىيە 1071-يىلى 26-ئاۋغۇست، ھىجرىيە 463-يىلى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 27-كۈنى جۈمە ئەتىگەندە سۇلتان ئالپ ئارسلان غۇسلى تاھارەت ئالدى، ئاندىن خۇش پۇراق ئىشلەتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ لىباسىغا ئەجەپلىنىپ قارايتتى. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا ئەبۇ نەسر بۇخارىي جۈمە نامىزى ئوقۇپ بەردى ۋە ئاللاھتىن مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت تىلىدى. سۇلتان بولسا ئامىن دەپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۇلتانىنىڭ يىغىسىغا قوشۇلۇپ تەڭ يىغلاپ ئامىن دەۋاتاتتى. نامازدىن كېيىن ئۈستىگە ئاق لىباس كەيگەن قوماندان ئالپ ئارسلان ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
-ئى ئەسكەرلىرىم! مەن ھەقىقەتەن ساۋاب ئىزدەپ سەۋرچانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن. سالامەت قالسام، بۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىدۇر. ئەگەر شېھىت بولسام، بۇ ماڭا كۇپايىدۇر!
ئەسكەرلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى، ھۆڭرەپ يىغلىغانلىقتىن ئاۋازلىرى كۆككە يەتكەن ئىدى. بىر پەستىن كېيىن ئالپ ئارسلان ئۇلاردىن تىنچلىنىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:
-ئى ئەسكەرلەر! ئەگەر مەن يىقىلار بولسام، شۇ يىقىلغان يەر مېنىڭ قەبرەم بولسۇن! مەندىن كېيىنمۇ يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار! ئوغلۇم مەلكشاھنىڭ قوماندانلىقىدا داۋاملىق ئۇرۇش قىلىڭلار!
ئاندىن كېيىن ئەمىر ئالپ ئارسلان جەڭگە تەييارلاندى. ئۆزىنىڭ يا ۋە ئوقلىرىنى تاشلىۋېتىپ قولىغا پەقەت قېلىچنىلا ئالدى. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۈشمەن بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئېلىشىشنى قارار قىلغانلىقىغا ئىشارە قىلماقتا ئىدى. قوماندانىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ئەسكەرلەرمۇ بىرلىكتە يا ۋە ئوقلىرىنى تاشلىۋېتىپ قوللىرىغا پەقەت قېلىچلا ئالدى. ئاندىن ئالپ ئارسلان ئېتىغا مېندى-دە، ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئارقىغا چىكىنمەسلىكنى نىيەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۆز قولى بىلەن ئېتىنىڭ قۇيرۇقىنى چىگىپ قويدى. ئەسكەرلەر ئۆز قوماندانىنىڭ چىن ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكىنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشتى، ھەمدە شېھىتلىكنى ۋە جەننەتتە جەم بولۇشنى نىيەت قىلىپ بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلاشتى.
ئىككى قوشۇن جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىشتىن بىر ئاز ئىلگىرى ئەسكەرلەر توساتتىن ئالپ ئارسلاننىڭ ئېتىدىن چۈشۈپ يۈزىنى توپىغا مىلەپ تۇرۇپ، ئاللاھقا سەجدە قىلغان ھالدا، ئاللاھنىڭ ئىسلام دىنىغا نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ يىغلاشلىرىغا شاھىت بولۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېزلا ئېتىنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقتى-دە، سەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ تاجاۋۇزچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قارشىسىدا تۇردى. دۈشمەنلەر بولسا ئالدى سەپ قوشۇنغا نەچچە مىڭ پوپنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار يوغان كىرىستلارنى كۆتۈرۈۋالغان ۋە شۇ ۋاقىتتىكى زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ مانچاناقنى سۆرىۋالغان ئىدى. تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى خۇددى سان-ساناقسىز چىكەتكىلەردەك مۇسۇلمانلار قوشۇنى تەرەپكە قاراپ ئاتلاندى. ۋاھالەنكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئالپ ئارسلان قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى ئۈن-تىنسىز مىدىرلىماي تۇراتتى. بەھەيۋەت ۋە سۈرلۈك رۇم قوشۇنلىرى ئىسلام قوشۇنى تەرەپكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكەتلەنمەي تۇرغانلىقىدىن ھەيران قالغان بىر مۇسۇلمان ئەسكەر سۇلتان ئالپ ئارسلانغا:
-ئەي سۇلتان! دۈشمەن قوشۇنى بىزگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ!-دەپ توۋلىدى. ۋەھالەنكى بۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرىدىن سۇلتاننىڭ چېكىدىن تەرلەر ئېقىپ تۇراتتى. شۇئان ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئالپ ئارسلان خۇددى ئولجىغا ئېتىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئارسلان كەبى ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدى-دە، زور ئىشەنچ بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-يوقسۇ! ئۇلارغا بىز يېقىنلاشتۇق،-دېدى.


دۈشمەنلەر ئىسلام قوشۇنى بىلەن تۇتۇشۇشقا ئاز قالغان شۇ دەقىقىدە، ئىسلام ئۇرۇشچى قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى ئالپ ئارسلان مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئوڭ قانات قوماندانىغا بۇرۇلۇپ قارىدى-دە، قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلىدى. ئوڭ قانات قوشۇننىڭ قوماندانى بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. بۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي بەلگىدەك قىلاتتى. ئاندىن قوماندان ئالپ ئارسلان مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ سول قانات قوماندانى تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىدى-دە، قولىنى كۆتۈرگەنچە «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلىدى. سول قانات قوشۇننىڭ قوماندانى بۇ مەخپىي بەلگىنى ئالغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئاندىن كېيىن ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئالپ ئارسلان ئېتىنى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا سەپ تەرىپىگە بۇرىدى-دە، تولىمۇ سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق ئىلكىدە ئاللاھنىڭ مۇجاھىد ئەسكەرلىرىگە قارىدى. ئاندىن قولىنى ئېگىز كۆتۈردى-دە، شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە ئوخشايدىغان يۇقىرى ئاۋازى بىلەن «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلاپ مالازگىرت ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈردى. ئۇ بۇ تەكبىرى بىلەن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىستىقبال ئۇرۇشى، مەۋجۇتلۇق ئۇرۇشى ۋە ئىسلام ئۇرۇشى ھېسابلىنىدىغان ئۇنتۇلماس مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىماقتا ئىدى. قوماندان ئالپ ئارسلاننىڭ ئۈچىنچى تەكبىرىدىن كېيىنلا، ئەھلىسەلىپ ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى تۇيۇقسىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقان ئوتتۇرا سەپ قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى. دەل بۇ ۋاقىتتا ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئوڭ قانات ۋە سول قاناتلىرى چاقماق تېزلىكىدە، بەھەيۋەت ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىنى ئىككى ياندىن قورشاۋغا ئالغان ئىدى. نەتىجىدە رۇم ئەسكەرلىرى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بۇ تاكتىكىدىن زەربە يېدى. ئىسلام قوماندانى ئالپ ئارسلان تۈزگەن بۇ تاكتىكا بۇندىن بۇرۇنقى ئىنسانىيەت تارىخىدا پەقەت ئىككى قېتىملا قوللىنىلغان تاكتىكا ئىدى. بۇ تاكتىكا بولسىمۇ قىسماق تاكتىكىسى ئىدى. باتۇر تۈرك قوماندانى ئالپ ئارسلان بولسا ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇ خەتەرلىك تاكتىكىنى قوللانغان ئۈچىنچى شەخس ھېسابلىنىدۇ.

قىسماق تاكتىكىسى بىز يۇقىرىدا قوماندان خالىد ئىبنى ۋەلىد توغرۇلۇق سۆزلىگىنىمىزدە ئىزاھلىغىنىمىزدەك، بىر ھەربى رەڭۋازلىق بولۇپ، ھۇجۇمچى قوشۇن يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمى رەتلىك ھالدا ئارقىغا چېكىنىپ بېرىدۇ-دە، مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئىككى قانىتى ھۇجۇمچىلارنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئاندىن ھۇجۇمچىلار مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، مۇداپىئەچى تەرەپ ھۇجۇمچى تەرەپنىڭ ئىككى قانىتىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە ئۆزىنىڭ «ھەربى ئىشلار دەستۇرى» ناملىق مەشھۇر كىتابىدا بۇ ھەربى تاكتىكىنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغان جۇڭگۇلۇق ھەربى قوماندان سۈنزى ئۆزىمۇ بۇ خەتەرلىك تاكتىكىنى قوللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. چۈنكى مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئىككى قانىتى ھۇجۇمچىلارنى قورشاپ بولۇشتىن بۇرۇن، ھۇجۇمچى قوشۇن مۇداپىئەچى قوشۇننىڭ ئوتتۇرا سېپىنى ۋەيران قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئىنسانىيەت تارىخىدا قىسماق تاكتىكىسىنى قوللىنىپ پەقەت ئالتە ھەربى قوماندان ئۇتۇق قازىنالىغان. ئۇلارنىڭ ئۈچى مۇسۇلماندۇر. مۇسۇلمان ئەمەسلىرىگە كەلسەك، ئۇلار تارىخ تەرتىپى بويىچە: ھاننىبەل قارتاجىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 216-يىلى كەننى ئۇرۇشىدا، شىۋىتسىيە گېنرالى كارل گۇستاف رېينخۇلد م1706-يىلىدىكى فىراۋستاد ئۇرۇشىدا، ئامېرىكىلىق دانىيل مۇرگان م1781-يىلىدىكى ئامېرىكا ئازادلىقى ئۇرۇشلىرى مەزگىلىدە جەنۇبى كارولىنادا كوبانى ئۇرۇشىدا قوللانغان. بۇ تاكتىكىنى قوللىنىپ ئۇتۇق قازانغان ئۈچ مۇسۇلمان قومانداننىڭ بىرىنچىسى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىسى، مۇسۇلمان ئەرەب قوماندانى خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، پارسلارغا قارشى ۋەلەجە ئۇرۇشىدا قوللانغان. قالغان ئىككىسى تۈرك قوماندانلار بولۇپ، بىرى ئالپ ئارسلان مالازگىرت ئۇرۇشىدا قوللانغان. يەنە بىرى سۇلايمان قانۇنىي مۇھاچ ئۇرۇشىدا قوللانغان. قوماندان ئالپ ئارسلان بۇ تاكتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھىلال تاكتىكىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى.


ئۇنتۇلغۇسىز مالازگىرت ئۇرۇشى باشلىنىپ ئاز ۋاقىت ئۆتمەيلا، ئىسلامنىڭ باتۇر چەۋاندازلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئارسلانى ئالپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىقى بىلەن دۈشمەن كۈچلەرنى گۇمران قىلدى. شۇ چاغقا قەدەر ياۋرۇپا تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ ئەسكەرلىرى جەسەتلەر، يارىدارلار ۋە قاچاقلار ئارىسىدا قالدى. ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئىككى قانىتى ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن، ئالپ ئارسلان ھىلال تاكتىكىسى ئارقىلىق ۋىزانتىيە ئېمپىرىيىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوڭۇشلۇق كېرىپ، ياۋرۇپا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ ئىمپېراتورىنى قولغا چۈشۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ تاكى شۇ كۈنگىچە ئىسلام-رۇم ئۇرۇشى تارىخىدا مۇسۇلمانلار تۇنجى قېتىم رۇم ئېمپىراتورىنى ئەسىرگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. مۇسۇلمان يىگىتلەردىن بىرى ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ زەبەردەست سۇلتانى ئالدىغا ھەيدەپ ئەكىلىپ يەرگە يىقىتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ سۇلتانى ئالپ ئارسلان تېنچلىق كېلىشىمىنى بۇزۇپ، ئىسلام دىنىنى گۇمران قىلماقچى بولغان بۇ خىيانەتكار ۋە ھاكاۋۇر ئىمپېراتورغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇردى. ئاندىن بۇ خىرىستىيان خىيانەتكارنىڭ بېشىغا دەسسىدى. ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئۆز پۇتى بىلەن رۇم ئېمپىراتورى روماننۇسIV نىڭ بېشىغا دەسسىدى ۋە ئۇنى يەرنى سۆيۈشكە بۇيرىدى. ۋاھالەنكى ئۇنىڭ بېشى بولسا، ئالپ ئارسلاننىڭ ئايىغى ئاستىدا ئىدى. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرى بۇيرىغاندەك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالپ ئارسلان رۇم ئېمپىراتورىنىڭ بېشىدىن پۇتىنى كۆتۈردى-دە، ئۇنىڭدىن سورىدى:
-مۇبادا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئەسىر بولۇپ قالغان بولسام قانداق قىلاتتىڭ؟
روماننۇس: ئەسكىلىكنىڭ ھەممىسىنى قىلغان بولاتتىم. سېنى يا ئۆلتۈرگەن بولاتتىم، ياكى كونىستانتىنوپولنىڭ كوچىلىرىدا سازايى قىلاتتىم.
ئالپ ئارسلان: مېنى ساڭا قانداق قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟
روماننۇس: يا ئۆلتۈرىۋىتىسەن، ياكى شام دىيارى كوچىلىرىدا سازايى قىلىسەن. يەنە بىرى ناتايىن، ئۇ بولسىمۇ مەن سېنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىدىكى پۇتۇڭ بولۇشقا ۋە رۇمدىكى نائىبىڭ بولۇشقا ئەھدە بەرسەم، سەن مېنى ئەپۇ قىلىپ تۆلەم ئالساڭ.
ئالپ ئارسلان: بوپتۇ، ئۈچىنچىسى بولسۇن! بىراق سەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى زىندانلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشىڭ ۋە ئون مىليون دىنار ئالتۇن تۆلەم بېرىشىڭ كېرەك، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئاخىرقى نەپەسلىرىڭگە قەدەر مۇسۇلمانلارغا چېقىلماسلىققا ئەھدە بېرىشىڭ كېرەك!
شۇ چاغدىلا روماننۇسنىڭ يۈزىگە قان يۈگۈردى-دە، ئالپ ئارسلاننىڭ مەرھەمىتىدىن خۇشال بولدى ۋە ئۆزى خىيانەت قىلىپ، بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان بۇ مۇسۇلمان قومانداننىڭ ئەخلاقىدىن ئەجەپلەندى. روماننۇس سۇلتاننىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن قويغان شەرتلىرىنى ئىككىلەنمەستىن قوبۇل قىلدى-يۇ، ئارقىدىن ئۆزىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان ئۇ زور مەبلەغگە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى خەزىنىسىنىڭ چىقىش قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئالپ ئارسلان تۆلەمنىڭ مىقدارىنى بىر يېرىم مىليۇن دىنار ئالتۇنغا تۆۋەنلىتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن سىرت يىلدا 360 مىڭ دىنار ئالتۇن قىممىتىدىكى تۆلەمنى ئىسلام دۆلىتىگە تۆلەشنى ئېيتتى. روماننۇس سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدىلا يەرنى سۆيدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر قاچا سۇ ئەكىلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئالپ ئارسلانغا تۇتتى. سۇلتان ئالپ ئارسلان مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىن ساۋاق بېرىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى ۋە بىر ھەپتىگىچە دورا، يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەردى. ئىسلامنىڭ باتۇر ئارسلانى ئالپ ئارسلان رۇم ئېمپىراتورىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر داستىخاندا تائاملىنىشىغا رۇخسەت قىلدى. شۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قوماندان ئارىسىدا تېنچلىق ۋە ئاناتولىيەدىكى شەھەرلەرنى تەقسىملەشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم قانۇن-تەرتىپلەر بويىچە كېلىشىم تۈزۈلدى.


ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ئەسىرگە چۈشۈپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئالپ ئارسلان ئۇنى قويۇپ بەردى، ھەمدە ئۇنى ئون مىڭ دىنار بىلەن جابدۇدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن رۇم ئېمپىراتورىغا يارىشا كاتتا بىر كارۋان تەييارلىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەسىرگە چۈشكەن زور بىر تۈركۈم پوپلارنىمۇ قويۇپ بېرىپ، يولدا ئۇلارنى قوغداپ ماڭىدىغان بىر روتا ئىسلام قوشۇنىنى بىللە ئەۋەتتى. ئىسلام قوشۇنى رۇم زېمىنلىرىدا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دەپ يېزىلغان چوڭ بىر بايراقنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئىدى.
ئىمپېراتور روماننۇس ئۆز ئېلىگە كېلىپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ تراگېدىيەسىنىڭ ئاخىرى يېڭىدىن باشلاندى. روماننۇس ئۆزىنىڭ مالازگىرتتىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن رۇم گېنراللىرىنىڭ ئۆزىگە قارشى ھەربى ئۆزگىرىش قىلغانلىقىنى بىلدى. ئۇلار روماننۇس بىلەن ئالپ ئارسلان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ مىيخائىلV ئىسىملىك يېڭى بىر ئىمپېراتورنى تەيىنلەشتى. نەتىجىدە روماننۇس ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئېمپىرىيەنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى، بىراق مەغلۇب بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىچىك ئاسىيادا شەھەردىن-شەھەرگە قېچىپ يۈرىدىغان قاچقۇنغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ مۇسۇلمانلارغا قانچىلىك يامانلىقلارنى قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىگە ئىلتىپات قىلغان بۈيۈك ئىسلام قوماندانى ئالپ ئارسلاننىڭ ئەخلاقىنى شۇ كەمگىچە ئۇنۇتمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ قۇربى يەتكۈچە ئالتۇن توپلاپ، قوماندان ئالپ ئارسلانغا بىر پارچە خەت بىلەن ئەۋەتتى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەنىدى:

«ئىمپېراتور روماننۇسIV دىن ئىمپېراتور كەبى سۇلتان ئالپ ئارسلانغا: مەن ساڭا بىر يېرىم مىليون دىنار ئالتۇن ۋەدە قىلغان ئىدىم، لېكىن مەن مەنسەپتىن ئېلىنىشقا دۇچار بولۇپ، باشقىلارغا باش ئېگىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن. شۇ ۋەجىدىن ساڭا بولغان مەمنۇنىيىتىم سۈپىتىدە توپلىيالىغىنىمچە ئەۋەتتىم».
شۇنىڭدىن كېيىن ھەربى ئۆزگىرىش قىلغانلار ئۇنىڭغا تەخىتتىن رەسمىي چۈشسە ئامانلىق بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ چىركاۋدا ئىستىقامەت قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. روماننۇس تەكلىپنى قوبۇل قىلدى ۋە كونىستانتىنوپولدا ئۇشبۇ كېلىشىمگە ئىمزامۇ قويۇلدى. لېكىن-سۇبھانەللاھ!-مەنسىپىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئېمپىراتور روماننۇس ئىلگىرى مۇسۇلمانلارغا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغاندەك، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئەينەن شەكىلدە جازالاش ئىرادىسى بىلەن، رۇم گېنراللىرىمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئامانلىق بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەسىرگە ئالدى. لېكىن ئۇ ئىلگىرى ئەسىرگە چۈشكەندە مۇسۇلمانلاردىن كۆرگەن ياخشى مۇئامىلىنى بۇ قېتىم كۆرەلمىدى. بەلكى خىرىستىئان رۇم گېنراللىرى ئۇنى باغلاپ، ياۋۇزلارچە ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنى قۇيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىمپېراتور روماننۇسنىڭ كۆز نۇرى مەڭگۈلۈك ئۆچتى. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ يىرىڭداپ كەتكەن كۆزلىرىنىڭ بىرەر داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىغىمۇ يول قويماي، ئۇنى مەرمەرە دېڭىزى بويىدىكى چەت بىر ئارالغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىمپېراتور روماننۇس ئەنە شۇ ئارالدا كۆزلىرىدىن قان-يىرىڭلار ئاققان ھالدا تېڭىرقاپ يۈردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قان-يىرىڭدىن سېسىپ، تېخى بىر يىل ئالدىدا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئىسلام دىنىنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنى ئويلىغان مېڭىسىگە ياللۇغلار تارقالغاندىن كېيىن، م1072-يىلى يازدا روماننۇس ئىسىملىك بۇ ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ قىسىسىسى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.


زېمىننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولسا ئىسلام يولۋىسى ئالپ ئارسلان ئىسلام قەھرىمانىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى، باتۇرلىقى ۋە ئىسلام سۆيەرلىك قىسسىسىلىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ داستان بولدى. ئۇنىڭ مالازگىرت ئىستىقبال ئۇرۇشىدىكى زەپەرلىرى تارىختا مۇسۇلمانلار قازانغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك زەپەرلەردىن ئىدى. مالازگىرت غەلىبىسى بىر قانچە نۇقتىدىن تارىخنىڭ يۆلىنىشىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتكۈسى مۇھىم ئىستىراگىيىلىك غەلىبە ئىدى:
1.        مالازگىرت ئۇرۇشى مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئاناتولىيەدە كەڭ تارقىلىش ئىشىكىنى ئاچتى ۋە كىچىك ئاسىيا ئاستا-ئاستا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئايلاندى. بۇ زېمىن ھازىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نامى ئاستىدا، دۇنيادىكى تۈركلەرنىڭ بىرىنچى ۋەتىنىگە ئايلىنىپ قالدى.
2.        مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ غەلىبىسىدىن كېيىن بۇ رايۇندىكى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەتنىڭ شەكلى ئۆزگەردى. ۋىزانتىيەنىڭ تەسىرى بۇ رايۇندىن تەدرىجىي يوقالدى. ئىسلام دەۋىتى بۇ زېمىننىڭ ئاھالىلىرىغا ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىنىڭ چەكلىمىسىز ئازادە ھالدا يەتكەندىن كېيىن، قويۇق ئىسلامىي تۈسكە كىردى. بۇ زېمىن تا بۈگۈنگىچە ئىسلام زېمىنى بولۇپ كەلمەكتە.
3.        تارىخچىلار رىمنىڭ بۇ ئېغىر مەغلۇبىيىتىنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پاجىئەسى دەپ قارىغان. چۈنكى مالازگىرت مۇسۇلمانلار (خۇسۇسەن تۈرك مۇسۇلمانلار) بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدىكى بىر قانچە ئۇرۇشلارنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلار مۇھەممەد فاتىھنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا تۈرك ئوسمانىيلارنىڭ رىمنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپولنى پەتھى قىلىشى بىلەن ئاياغلاشتى.
4.        قوماندان ئالپ ئارسلان مالازگىرتتىكى زەپىرى ئارقىلىق فاتىمىي شىئەلەر بىلەن خىرىستىيان رىملىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئالاقىلەرنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى تەرەپ بىلەن ئايرىم شەكىلدە ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى.
5.        مالازگىرت ئۇرۇشى كېيىنكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەل قىلغۇچ بىر مەزگىلنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى. خىرىستىيان ئىتتىپاقى كۈچلىرىنىڭ بۇ ھالاكەتلىك مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، ياۋرۇپا  مۇسۇلمان دىيارلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشقا چاقىرىق قىلدى. بۇ ھۇجۇملار كېيىنچە ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرى دەپ ئاتالدى.

ئىستىقبال مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىدىن دەل بىر يىلدىن كېيىن،  ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلغان، نامى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەزىمەتلىرى قاتارىدا نۇرلۇق ھەرپلەر بىلەن خاتىرلەنگەن ئىسلام ئارسلانى-ئالىپ ئارسىلان مۇسۇلمان شەرق ئەللىرىدە ئاللاھ ئۈچۈن جىھاد قىلىۋىتىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. سىز ھەر قېتىم كۆكتە ياڭرىغان يېقىملىق ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا شۇنى ئەسلەڭكى، مەن ۋە سىز ھېچبىر مۇشەققەت تارتمايلا ۋارىس بولغان بۇ دىن، ئىسلام ئارسلانلىرى ئىچىدىكى دوقاق ئوغلى سەلجۇق ئوغلى مىيكائىل ئوغلى داۋۇد ئوغلى چاغرىبەگ ئوغلى مۇھەممەد ئىسىملىك، تارىختا قوماندان ئالپ ئارسلان نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر باتۇر ئارسلاننىڭ قوغداپ قېلىشىدىن كېيىن بىزگە يېتىپ كەلگەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا چەكسىز رەھمەتلىرىنى بېغىشلىغاي ۋە ئالىي فىردەۋسلىرىگە كىرگۈزگەي!
قوماندان ئالپ ئارسلان ئىسلام ئۈممىتىگە مالازگىرت زەپىرىنى ھەدىيە قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قالتىس ھەدىيەنى تەقدىم قىلدى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۇ تۈرك ئەزىمىتى ھەقىقەتەن پارسلىق بىر ئەزىمەتنى ھەدىيە قىلدىكى، ئۇ پەقەت بىر ئەزىمەتلا بولۇپ قالماستىن،  بەلكى «سالاھىددىن ئەۋلادى» ئىسىملىك ئېسىل بىر ئەۋلادنىڭ ھەقىقىي ئاساسچىسى ئىدى.
ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق ئىسلام ئۈممىتىنى گۈللەندۈرگەن ۋە تارىخچىلار ئىسلامىيەت تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ بۈيۈك ۋەزىر دەپ قارىغان بۇ زەبەردەست ئەزىمەت كىم بولىدۇ؟

ھېكايىلىرىمىز داۋاملاشقۇسى...   

تەرجىمىدە: قاراخانىي








كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|مەرىپەت تور بېكىتى

GMT+8, 2018-6-23 12:44 , Processed in 0.199930 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش